باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9468يوللانما
645مەستانە

كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئوماق ھەم ئەڭ چىرايلىق مۈشۈكلەر

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 15:52 9 ئىنكاس چۈشتى

ئەڭ سۆيۈملۈك نۇرداشلارغا بېغىشلايمىز.

بەلكىم نۇرداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل شەكىلدىكى ئەرمەك ھايۋانلارنى بىلىشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە ئاتايىن «مۈشۈكخۇمار» دوستلىرىمىز ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق مۈشۈكلەرنىڭ سۈرىتىنى توپلىدۇق. ئۇلاردا ئەڭ گۈزەل ئەۋرىشىملىك ۋە نازۇكلۇق شۇنداقلا، قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان سالاپەت مۇجەسسەملەنگەن. بەزىلىرىنىڭ ئاپئاق تۈكى يەنە بەزىلىرىنىڭ بىر جۈپ كۆزى سىزنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. گەرچە سىز مۈشۈكنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسڭىزمۇ، بىراق بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوماقلىقىدىن سۆيۈنۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.

سور، مۇكەممەل تېرىگە ئىگە بېنگال مۈشۈكى.

كوبىي دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل بىر جۈپ كۆزگە ئىگە مۈشۈك.

سىموتى، ئۇ سۈرەتكە چۈشۈشكە ئەڭ ئۇستا مۈشۈك.

مىمىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك تاشقى قىياپەت بار، ئۇ بەئەينى ئويۇنچۇق مۈشۈككىلا ئوخشايدۇ.

ئوماق شوتلاندىيە مۈشۈكى.

ئالتۇن رەڭلىك ئەنگلىيە قىسقا تۈكلۈك مۈشۈك پۇمپكىن ئەڭ مۇكەممەل تەن قۇرۇلۇشى ۋە پارقىراپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزگە ئىگە.

چېيېنى بىر خىل مەغرۇر سالاپەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىرما مۈشۈكى بولۇپ، بىر جۈپ كۆزىمۇ ئوخشىمايدۇ.

بۇ ئاجايىپ كۆزگە ئىگە مۈشۈك. رىۋايەتلەردىكى ساھىبجامال مېدۇسانىنىڭ كۆزى مۇشۇنداقمىش.

ئوماق مۈشۈك.

سىبېرىيە مۈشۈكى. «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەندەك، سىبېرىيەدە ياشىغانىكەن، شۇنىڭغا چۇشلۇق «كىيىنمىسە» بولماس.

ئىرىس بىلەن ئابيىسنى مۈشۈك دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل قوشماق ئاچا-سىڭىللار دېيىشكە بولىدۇ.

ئالەم كۆزلۈك مۈشۈك.

«ئەركەك سالاپىتى» تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىرما مۈشۈكى.

ئالىس 6 ياشقا كىرگەن پارس مۈشۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ مەرمەر تاش رەڭلىك تۈكى بار.

ۋېنۇس قوش يۈزلۈك ئاجايىپ گۈزەل مۈشۈك.

بۇ مۈشۈك قارىماققا كىچىك سۈلەيسۈن (مۈشۈك تۈرىدىكى ھايۋان، لېكىن ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ئادەتتىكى مۈشۈكنىڭكىدىن چوڭ ۋە بەستلىك كېلىدۇ) ئوخشايدۇ.

بۇ مۈشۈككە قارىسىڭىز، بەئەينى مۈگدەك باسىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز، يەنە كېلىپ، سىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نېمە مەنالارنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز.

كۇتى بەئەينى بۆكەنگىلا ئوخشايدۇ.

قوش يۈزلۈك ساھىبجامال مۈشۈك جەسمىنى.

ئائۇرورا تۈكلىرى ئالاھىدە چىرايلىق مۈشۈك مەلىكە.

سىزنى ئۇيقۇغا باشلايدىغان يەنە بىر مۈشۈك.

دېڭىزدەك كۆپكۈك كۆزلۈك مۈشۈك.

لائۇئان بىر خىل قىممەتلىك نورۋېگىيە ئورمانلىق مۈشۈكى.

بۇ چىرايلىق مۈشۈك ھىمالايادىن كەلگەن.

بۇ مۈشۈكنىڭمۇ كۆزى ئادەمنى باشقىچىلا مەپتۇن قىلىدۇ.

ئوماق شوتلاندىيە مۈشۈكى مۇتا.

شائىرانە تۇيغۇغا باي بۇ مۈشۈكنىڭ ئىسمى بېللا.

ۋۇدىنەم، بۇ مۈشۈكنىڭ ئوماقلىقىغا قاراڭ.

مۇشۇنچىۋالا چىرايلىق مۈشۈكلەرنى كۆرۈپ، قانداق تۇيغۇدا بولدىڭىز، سىزنىڭمۇ بىرەرسىنى بېقىۋالغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • شۇمتەك3 ئاي ئىلگىرى

    1- سى مىنىڭ ئاسلىنىمغا ئوخشايدىكەن

  • كۈيچى0013 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ نەزىرىمدە مۈشۈك بەكمۇ ئوماق جانىۋار ، مۈشۈك دىگەننى تۇتىۋالىدىغان بولسام ، مىرقىرىتىپ - چىرقىرىتىپ دىگۈدەك ئوينىشىپ كېتىمەن دېسە …

  • يۇلتۇزلۇق ئاسمان3 ئاي ئىلگىرى

    ماقۇل ماقۇل كۇنۇپكا پالۋىنى يوللاپ بېرىڭىە،شۇنداق ھەيران بۇلۇپ تۇراتتىم،نېمىشقا كۆزى ئىككى خىل رەڭدىدۇ دەپ

  • پەزىلەت3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مۈشۈكلەر نىڭ ھەممىسنى بەك ياختۇردۈم مىنىڭمۇ مۈشۈكۈم باتى بىراق ئۈلۈپ كەتتى

  • ⚽كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى⚽3 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ ئاق مۈشۈكۈم ھەم ئۇنىڭ ئاسلانلىرىنىڭمۇ
    سۈرەتتىكى قوشكىزەك مۈشۈكتەك ئالتۇن ھەم زەڭگەر
    ئىككى خىل كۆزى بار………
    كىم كۆرسە بېرىڭ دەپ تالىشىپ كېتىدۇ……
    نەچچەيلەن ناھايىتى يوقىرى باھا قويغان…
    بىراق بىر تالنىمۇ خەققە بەرمەسمىنا……
    !تاغدىن-باغدىن سەھىپىسىگە رەسىمىنى يوللاپ قوياي
    كۆرۈپ بېقىڭلار……

  • يازغۇچى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئوماقكەن مېنىڭمۇ باققىم كېلىۋاتىدۇ

  • لولەن3 ئاي ئىلگىرى

    بىر بىرىدىن قىلىشمايدىغان قالتىس مۈشۈكلەر ئىكەن.
    مۇسابىقىگە تىزسا قايسىسىنى بىرىنجى قىلىپ سايلاشمۇ چوڭ بىر خەلىقئارالىق مەسىلە بوپ قاغۇددەك.

    0.0

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دىگەن ئۇ ماق جانىۋارلاربۇ

  • نامسىزj3 ئاي ئىلگىرى

    مانا مۈشۈك دىگەن ئىت باققۇچە مۈشۈك بىقىڭلا مەن ھەركۈنى مەكتەپتىن كەلسەم ئىشىك ئالدىدا ساقلاپتۇردۇ مىنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە كىردۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号