باش بەت

tayks

899يوللانما
9مەستانە

قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايالىنى قوغداپ تۇرغان ھالەتتىكى ئەرنىڭ جەسىتىنى بايقىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-25 12:33 5 ئىنكاس چۈشتى

6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 6:00لەردە، سىچۈەن ئۆلكىسى ماۋشيەن ناھىيەسى ديېشى بازىرى شىنمو كەنتىدە تۇيۇقسىز تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، شۇ جايدىكى 2 كىلومېتىرلىق دەريا ئېقىنى توسۇلۇپ قالدى، 40 نەچچە ئائىلىدىكى 100دىن ئارتۇق ئادەم بىراقلا كۆمۈلۈپ قالدى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 0:50 ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، شىنمو كەنتىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئۆيلىرىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كەلگەن قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن ئاجرىتىپ بەرگەنىدى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:00دا، ماۋشيەن ناھىيەسى ئاپەت رايونى نەق مەيدان قوماندانلىق مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ۋەقە يۈز بەرگەن رايون مەنزىرە رايونى بولغاچقا، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى 142 نەپەر ساياھەتچى بۇ يەردە ساياھەت قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ 142 نەپەر ساياھەتچىنىڭ ھەممىسى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولغان، بارلىق ساياھەتچىلەر ئاللىقاچان مەنزىرە رايونىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر ئاپەت رايونىدىن بىر ئەر بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقتى، ئۇلار بايقالغان ۋاقىتتا ئەرنىڭ بەدىنى ئايالنى قوغداۋاتقان ھالەتتە ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنداق دېدى: ئۇلار بايقالغان ۋاقىتتا، ئەرنىڭ دۈمبىسى يۇقىرىغا يۈزلەنگەن، بەدىنى ئېگىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئاستىدا بىر ئايال بار ئىدى.

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار بايقالغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ⚽كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى⚽4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھادىسىدە قازا قىلغان ھەربىر قېرىندىشىمىزغا
    چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز…

  • ئىلىيارقاۋۇل مۇش4 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت شۇقىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيمەن.ۋاقىتسىزكەتكەن شۇقىرىنداشلىرىمىزغاتەزىيەبىلدۇرمىز.

  • كەنجى4 ئاي ئىلگىرى

    بۇدىگەن ئەركەك ئاتالغان ھەربىر ئادەمدە بۇلدىغان تەبىئىي ئىنكاس ،

  • بىخلان4 ئاي ئىلگىرى

    بىرلىرىمىزنى تاغ باسىدىلەن، بىرلىرىمىزنى غەم ، ھەي

  • hiyal4 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق ئېچىنىشلىق ئىشلاربۇ ،نىانداق ئىغىر كۈلپەتلەر بۇ؟،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号