باش بەت

مۇخپۇل تۇرسۇن

542يوللانما
18مەستانە

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پومشىچېكنىڭ 8903 كۋادرات كىلومېتىر يېرى بار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-06-25 22:50 21 ئىنكاس چۈشتى

 

جون مالون


بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئامېرىكىدىكى ئەركىن تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جون مالون (John Malone) ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پومشىچېك ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ نامى ئاستىدىكى يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىككى مىليون 200 مىڭ ئاكر (ئىنگلىز موسى) غا يېتىدۇ، يەنى تەخمىنەن 13 مىليون 350 مىڭ مو، 8903 كۋادرات كىلومېتىر (شېنجېن شەھىرىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىنمۇ چوڭ).

جون مالوننىڭ ئىلكىدىكى يەرلەر ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتى، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتى، ۋيومىڭ ئىشتاتى، ماينې ئىشتاتى، مارىلاند ئىشتاتى، يېڭى خامپىشىر ئىشتاتى قاتارلىق جايلارغا تارالغان.

 

جون مالوننىڭ ئىلكىدىكى يەرلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

 

جون مالوننىڭ ھېكايىسىنى تىپىك ئامېرىكىچە ئىگىلىك تىكلەش ئەپسانىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ بەرپا قىلغان سودا مۆجىزىسى ئاتا- بالا توماس ۋاتسون، جېك ۋېلچ، گېرستنېر، مايكول دېل، بىل گەيتىس قاتارلىق سودا قابىللىرىدىن كەم ئەمەس.

 

جون مالون سېتىۋالغان خۇسۇسىي يەر

 

جون مالون 20 نەچچە يىل ئىلگىرى يەر توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى. ئۇ ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ ۋيومىڭ ئىشتاتى، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتى ۋە كولورادو ئىشتاتىدىن يەر توپلىغان. 2010- يىلى 8- ئايدا 20 نەچچە يىل ئىلگىرى يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بېل فېرمىسىنى سېتىۋالغان، بۇنىڭ كۆلىمى 1174 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

 

جون مالون 2011- يىلى ماينې شىتاتى ۋە يېڭى خامپىشىر ئىشتاتىدىن بىر مىليون مودىن ئاشىدىغان ئورماننى سېتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامىدىكى يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىككى مىليون 200 مىڭ ئاكر (ئىنگلىز موسى) غا يېتىپ، تۇرنېرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پومشىچېكقا ئايلاندى.

تېد تۇرنېر 2011- يىلىدىن ئىلگىرىكى 15 يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پومشىچېك بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئامېرىكا چېگرىسىدىكى يېرىنىڭ كۆلىمى 8499 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەنۇبىي ئامېرىكىدا 405 كۋادىرات كىلومېتىر يېرى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەركە7 ئاي ئىلگىرى

    ئەنگىلىيە دىن چوڭ ئىكەن……………………………………………………………

  • ئارمان7 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا قۇقماي مەبلەخ سالدۇ مىنىڭمۇ ئاشتا زىمىنىم بۇلسا بك ياخشى بۇلاتتى

  • شەرىكان8 ئاي ئىلگىرى

    دەريانىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق ئىكەنتۇق،،
    ھەي شۇنداق قىلالىغانلاردىن نەچچىسى باردۇر،،ھە،،

  • ئ‍ەپەندى8 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا ئاچكۆزكەن يىرى نىمانچە كۆپ شەھەر باشلىقى بولسا بولغىدەك

  • مەھمۇد قەشقەرى8 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا بى يۈز مو يەر بەسە بوپتىكەن ، نىمدا يىرى جىق بۇ ئادەمنىڭ

  • مەندەپ ئويلا8 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈن روزاھىيتما باللا كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇيقىمىز كەممەيدىغان ئەتىنى ساقلاپ ھازىر چۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • گۈلۈم8 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ ھېلىماتام كەنتىدە 200 مو يىرىم با ئەمما كىشىلەر ھەممىسى مىنى تىللايدۇ ، ھەي ئگىلىك تىكلەپ كەتمەن چېپىپ جاپا تاتسىمۇ تىللايدۇ كۈرەممەسلە ، مەۋۇ خەۋەرنى كۈچەپ تارقاتسام بولغۇدەك .

  • مۇزاتبەگ8 ئاي ئىلگىرى

    تۈرمىدىن قېچىش دىگەن كىنودىكى چارلىز دىگەن 5مىليۇن ئوغۇرسىغا بەك ئوخشايدىكە سەپ سالدىڭلىمۇ

  • سەنسىز كۈنلەر8 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بۇۋاي كەلگۈسى نەچچە يىلدا دۇنيانى سىتۋالامدۇ قانداق

  • كەمىنىلىرى.8 ئاي ئىلگىرى

    شاش ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى بۇ خەۋەردىنمۇ نوچى ئى ىكەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号