باش بەت

bahar031

276يوللانما
1مەستانە

25 ياشلىق دادا ئىككىنچى بالىسىنى باقالماسلىقتىن ئەنسىرەپ 50 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-27 09:40 4 ئىنكاس چۈشتى

 

ئوغلىنى باقالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن باغرى تاش دادا بالىنىڭ ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۆز ئوغلىنى 50 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتكەن. 22-ئىيۇن بۇ دادا بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرى ديەنبەي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن سەيxx بىلەن شياۋفېڭ (ياسالما ئىسىم) 2012-يىل توي خېتى ئالمايلا كەنىتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە زىياپەت بېرىپ توي قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. 2014-يىل ئىيۇلدا، سەيxx بىلەن شياۋفېڭ يەنە بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئەسلىدىمۇ مۇقىم خىزمىتى يوق سەيxx كە بۇ ئىككى بالىنى بېقىش تەس كەلگەن. بىر كۈنى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە سەيxx تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بالىسىنى سېتىۋەتكۈسى بارلىقىنى ئېيتقاندا قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى مېھمانمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ مېھماننىڭ دوستى سەيxx بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرەيلەننىڭ 50 مىڭ يۈەنگە بالىنى سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ بەش مىڭ يۈەن ۋاستىچىلىك ھەققى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەيxx شياۋفېڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە شياۋفېڭ پەقەت قوشۇلمىغان.

سەيxx بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمىغان. نەچچە كۈندىن كېيىن سەيxx نىڭ كىچىك ئوغلى ئاغرىپ قالغاندا، سەيxx بالىنى دوختۇرغا كۆرسىتىمەن دەپ ئېلىپ چىقىپ، بالىنى شەھەرگە ئاپىرىپ ۋاستىچى بىلەن سودىلىشىپ، 45 مىڭ يۈەن پۇل ئالغان. شياۋفېڭ سەيxx نىڭ يالغۇز قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ نەدىلىكىنى سورىغان، سەيxx يالغاندىن بالىنى بالنېسىتتا يېتىپ قالدى دېگەن. شياۋفېڭ بالىنى كۆرىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، سەيxx ئۇنى باشلاپ شۇ يەردىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر ئايلىنىپ، بالىنى شەھەردىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. قاتتىق جىددىيلەشكەن شياۋفېڭ شەھەردىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ ھەممە يەرنى ئالا قويماي ئىزدىگەن، يالغانچىلىقى ئاشكارىلانغان سەي xx ئاخىرى راسىت گەپنى قىلغان.

سەيxx نىڭ قىلغانلىرىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن شياۋفېڭ ئەتىسى دېلو مەلۇم قىلغان. سەيxx جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. ۋاستىچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئادرېسى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، دېلو ئىزچىل پاش بولمىغان بولسىمۇ، ج خ ئورگىنى دېلودىن باشتىن-ئاخىر ۋاز كەچمىگەن، بۇ يىل 18-ماي ساقچىلار شېنجىنغا قېچىپ بېرىۋالغان سەيxx نى تۇتقان. سوراقتا ئۇ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئوغلىنى ساتقان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئۇ شياۋفېڭنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئېلىپ قايتا ياتلىق بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قىلغانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • nureli1142 ئاي ئىلگىرى

    پۇلدا گۇناھ يوق ، پۇلنى تىللىمايلى ، ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە

  • جاھان كىزەر2 ئاي ئىلگىرى

    بالىنى بېقىش تەس كەلگەن بولسا ، بالىنى تاپمايلا قويسا بولمامدۇ.بالىنى تاپقاندىن كېيىن بېقىش كېرەك ئىدى ، ئەلۋەتتە.دادا بولغۇچى بالىنى تېپىشتىن بۇرۇن.بالىنى بېقىشنى ئويلىشىپ ئاندىن تاپسا بولمامدۇ؟

  • * پاۋىل *2 ئاي ئىلگىرى

    جەميئەتتە بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دادىلار بەك ئاۋۇپ كەتتى.ھەرقانداق ئادەم يۇتقانغا قاراپ پۇت سۇنغۇلۇق،بالا تىپىپ قۇيغانلا ھىساپ ئەمەس،( ھايۋان جىنىدا تاپقان بالىسىغا ئىگە بۇلىدۇ.)

  • سەپرا تايغان2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي پۇل!. ھەي پۇل!. ھەممىنى قىلغان ھەم ھەر ئىنساننى ھەر نە كويلارغا سالغان يەنە شۇ نىجىس پۇل !،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号