باش بەت

رۇشەن

2495يوللانما
13مەستانە

تورغا چىقىش خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى يەنە بىر دۆلەت — تاجىكىستان

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-28 09:53 0 ئىنكاس چۈشتى

Yaou تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۇنيا بانكىسىنىڭ «رەقەملىك پايدىغا ئېرىشىش» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر تاجىكىستان كىشىلەرنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالسا، ئۇنداقتا رەقەملىك تاجىكىستان يېڭىلىق يارىتىش، ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

دۇنيا بانكىسىنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلاتتا ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە تورىنىڭ تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەھلىل قىلىنغان.

دۇنيا بانكىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى باش ئىقتىسادشۇناسى ھانس تىمو تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە يۇقىرىقى دوكلاتنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: «تاجىكىستاننىڭ نوپۇسى ياشلىشىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنداق ئەھۋال ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ رەقەملىك ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ تېز ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى يوشۇرۇن كۈچى بار».

ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇھىتىنى پائال ياخشىلاشنىڭ تۆھپىسى بىلەن، رەقەم تېخنىكىسى ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈردى، ئۇ تېخىمۇ زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى، چۈنكى ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى ھازىر بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ».

رەقەملىك تىپىنى ئۆزگەرتىش بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بۇ تېخنىكا كاتېگورىيەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى، لېكىن ئەلا سۈپەتلىك ۋە باھاسى ئەرزان ئالاقە تورىنى ئۇلاش پەقەت بىر چىقىش نۇقتىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «تەقلىدلەشتۈرۈش تېخنىكىسى» دەپ ئاتىلىدىغان رەقەملىك ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. 

دۇنيا بانكىسى ۋەكىلىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، تاجىكىستاندا يەرلىكتىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى يەنىلا ئىنتايىن قالاق قىياپەتتە بولۇپ، بۇ بىر ئىنتايىن چوڭ چەكلىمە ئىكەن، چۈنكى يېڭى رەقەم تېخنىكىسىنى تەربىيىلەش ئەپ دېتاللىرىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي ھېسسىيات ۋە بىلىش قابىلىيىتى ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدىكەن.

ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئىقتىسادىنى ئوبدان بىلىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى كېڭەيتىشكە پايدىسى بار.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى يوق. گەرچە ئۇلارنىڭ تېلېگراف ساھەسى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىنىش جەھەتتە يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا تورغا چىقىش خىراجىتى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى.

تاجىكىستاندا ھەرقانداق ئۈسكۈنىدە ئالاقە تورى ئىشلىتەلەيدىغان ئادەملەر ئاران 17% بولۇپ، بۇ نىسبەت قىرغىزىستاندا %28، ئۆزبېكىستاندا %44، قازاقىستاندا %55نى ئىگىلەيدۇ. تاجىكىستاندا ئىنتېرنېت تورىغا مۇقىم ئۇلىنىش يەنىلا بەزى چوڭ شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ ئۇ تورغا چىقىش خىراجىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئاساسىي يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشىنىڭ %16ىگە تەڭ كېلىدۇ.

دۇنيا بانكىسىنىڭ تاجىكىستاندا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ژان پېتېر ئورتېس مۇنداق مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رىقابەت كۈچىگە ئىگە ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان ICT ساھەسى پەقەت نىسبەتەن ئانچە چوڭ بولمىغان دەسلەپكى مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياجلىق، ئۇ رەقەملىك تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك جارى قىلدۇرۇشقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号