باش بەت

زورىگۈل

5770يوللانما
24مەستانە

ياخۇنىڭ سابىق CEOسى مايېر Uber قۇرغۇچىسى كالانىكنى قوللىدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-28 11:50 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 28-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن ھەپتە Uberنىڭ CEOسى كالانىك (Travis Kalanick) ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلانغان، ھازىر بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى قوللىدى.

ھوللىۋودنىڭ ئەر ئارتىسى، Uberنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئاشتون (Ashton Kutcher) كالانىكنى قوللىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كالانىك خاتالىق سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن دۇنيا «بىر ئادەمگە بەك تېزلا ھۆكۈم چىقارغان، قىلچە پۇرسەت بەرمىگەن». Virginنىڭ قۇرغۇچىسى رىچارد برانسون كالانىكنى «دەرىجىدىن تاشقىرى شەخس، شۇنداقلا بىزگە ئوخشاشلا ھەممىمىز ئادەم» دېدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە Uberنىڭ خىزمەتچىلىرى تەكلىپنامە چىقىرىپ كالانىكنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە: «ئۇنىڭ كەمچىلىكى بولسىمۇ، لېكىن بىز ھەممىمىز مۇكەممەل ئەمەس، بىزنىڭمۇ كەمچىلىكىمىز بار» دېگەن.

كالانىك Uberنىڭ قۇرغۇچىسى، 2009-يىلى شىركەت قۇرغان، ھازىر يەنە بىر قوللىغۇچىغا ئېرىشكەن، ئەمما بۇ ئادەم ئۇنى ئانچە قوللىيالماسلىقى مۇمكىن، ئۇ كىم؟ ياخۇنىڭ سابىق CEOسى مايېر (Marissa Mayer).

«سان فىرانسىسكو خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-ئىيۇن مايېر سىتانفورد Directors' College (باش دېرىكتورلار، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا يۈزلەنگەن مائارىپ تۈرى)دە سۆز قىلغان، ئۇ كالانىكنى شىركەتنىڭ ئېشىشىدىكى «قۇربانلىق بۇيۇم» دەپ بىشارەت بەردى.

مايېر: «كۆلەمنىڭ تېز ئېشىشى بىر تەرەپ قىلىش تەس ئىش، مەن كالانىكنى دوستۇمدەك كۆرىمەن، مېنىڭچە ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى رەھبەر، Uber بەك قىزىقارلىق شىركەت» دېدى.

Uberنىڭ ئاۋارىچىلىكى تۈگىمىدى، جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كالانىكنى ۋەزىپىدىن چۈشۈردى، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مايېر: «ئۇنى بۇ ئىشلارنى بىلىدۇ دەپ قارىمايمەن، شىركەت تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەندە بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بەك تەس» دېدى.

مايېر ھازىرقى Uber بىلەن دەسلەپتىكى گۇگولنى سېلىشتۇردى، ئەينى چاغدا گۇگول ئېرىك (Eric Schmidt)نى CEO قىلىپ، بىرلىشىپ قۇرغۇچىلاردىن سېرگې (Sergey Brin) بىلەن لاررىي (Larry Page)نىڭ شىركەتنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىشىگە تەكلىپ قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号