باش بەت

nusret

93يوللانما
0مەستانە

سىبىرىيە چۆللۈكىدە ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ ئەسلى جامالى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-28 13:30 9 ئىنكاس چۈشتى

  1. فوتوگراف Alexander Khimushin  توققۇز يىل بۇرۇن ئۆيىنى قايتۇرىۋىتىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى بارلىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، بىر قېتىملىق يەرشارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىغان.

2. توققۇز يىل جەريانىدا ئۇ 84 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىققان، ئۇ «بۇ جەرياندا، ھەممىدىن بەكرەك مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئادەملەر بولدى» دېگەن.

3. ئۈچ يىل بۇرۇن، ئۇنىڭدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى سۈرەتكە تارتىپ چىقىش ئىستىكى قوزغالغان.

4. بولۇپمۇ بېرىش ئىنتايىن تەس بولغان جايلاردا ياشايدىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۇنى قىزىقتۇرغان. ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق سۈرىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا رەسىملەر سىبىرىيە خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان.

5. ئۇ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىبىرىيەدىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشىغان، «شۈبھىسىزكى، سىبىرىيە تىلغا ئېلىنسىلا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئېسىگە قەھرىتان سوغۇق ۋە چۆل-باياۋان كېلىدۇ، ئەمما يەرلىكتىكى مىللەتلەر بۇ يەردە قانداق ھايات كەچۈرىدىغاندۇ؟» مۇشۇ سوئاللار ئىسكەنجىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىشىنى باشلىغان.

6. سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا، ئۇ سىبىرىيە چۆللۈكىدە دەپمۇدەل 25000 كىلومېتىر مۇساپىنى پىيادە ماڭغان.

7. بۇ جەرياندا ئۇ سىبىرىيەدە نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مۇستەقىل تۇتېمى ۋە مەدەنىيىتى بارلىقىنى بىلگەن.

8. بەزى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

9. ئۇلارنىڭ ھازىرقى دۇنيا توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بەلكىم كەلگۈسىدە بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ Alexander Khimushin نىڭ ئەڭ بەك ئەپسۇسلىنىدىغان تەرىپى بولۇپ قالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    سىبىريە ئەڭ سوغۇق جايغۇ ..........................؟

  • ئىخلاسمەن2 ئاي ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ ھەقىقەتەن قىزلىرى گۈزەل كەن كۈيۈپ قالدىم غۇ تەبىئىي گۈزەل

  • ھەۋەس2 ئاي ئىلگىرى

    ئىسمىمنى يازمىساممۇ بولا نۇرداش كاتا كىمنىڭ ناخىدا بولسا شۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بانكىغا ئەكىرسىڭىز شۇلار قىپ بېرىدۇ بەك ئاسان كىرگەن چىققان پۇللارنىڭ ھەممىسى تېلىفۇنغا ئۇچۇر بوپ كىلىدۇ

  • رېھىم قان2 ئاي ئىلگىرى

    ئاساسەن مۇڭغۇللاركەن …مانا ئوتتۇز

  • سەمى2 ئاي ئىلگىرى

    سىبىرىيەنىڭ قىزلىرى ئەجەب چىرايلىق ئى ىكەن ھە!

  • چۆل ئ‍وغلى2 ئاي ئىلگىرى

    بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇقىلىشى دۇنيا گۈلىستانى ئ‍ۈچۈن بىر خىل ئ‍ۆزگىچە پۇراقتىكى گۈلنىڭ قۇرۇپ كىتىشىدىن دىرەك،،،
    ئ‍ۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەربىر نۇرمال ئ‍ىنساننىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى،،،
    دۇنيا رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل،،،

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    مۇڭغۇللا ئوخشايدۇ

  • ئىسمىمنى يازمىساممۇ بولا2 ئاي ئىلگىرى

    سىبىريە چاۋشيەن بىلەن موڭغۇلىيەگە يېقىن ئوخشايدۇ ،،،،،ھەراس نۇر تورىدىكى ،دوسلا سىلەردىن سورايدىغان كىچىككىنە مەسلىھەتىم بار ئىدى ،بانكا كارتامدىكى پۇلنى قانداق قىلسام ھەر قانداق ۋاقىتتا ،پۇلنىڭ قانچىلىك قالغانلىقىنى ،يەنە شۇنداقلا ھەر بىر كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى ،يانفۇن ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرالايمەن ،مۇشۇ توغۇرلۇق ،بىلدىغان دوسلار تەكلىپ پىكىرىڭلانى ،ئايىمىغان بولساڭلا !!!!!!!!!!!!! ئەمما، ئالىپ تورىغا تىزىملىتىپ كىرەي دىگەن بولساممۇ لىكىن پەقەت كىرەلمىدىم ،شۇڭا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە يېزىشىم ،

  • ۋەزىر2 ئاي ئىلگىرى

    ياقۇت مىللىتىمۇ، بادەك قىلدۇ. مەن پەقەت شۇنچىلىك چۈشەندىم .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号