باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرايلى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-28 16:28 2 ئىنكاس چۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 3 –ئاينىڭ 10 –كۈنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، 12 –نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. مەن بۇنىڭدىن پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىغا ئوخشاش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتكوم 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى قوزغالدى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆزنى ئۆگەندى، تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختالدى. بۇنىڭدىن مەن بەكمۇ ئىلھاملاندىم ۋە سۆيۈندۈم. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئۇنى جەزمەن ئەستايىدىل، ئەينەن، چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلىشىمىز لازىم. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلا بولساق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيمىز. ئىناق – ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ياراتقان تارىخ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەرقاچان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپ بىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقى، بىر نىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز لازىم!

1. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە چوقۇم قەتئىي زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدىشىمىز لازىم

 شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى خالىماي، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىپ، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسلىق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەلۋىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەخلى – تەرۇز قىلدى. شىنجاڭنىڭ تىنچ بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندا بولسىمۇ، لېكىن ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ۋە بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن زور. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن خورىكىنى ئېلىۋەتمىسەك، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقاتمىساق ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەينەتچىلىكىنى تازىلىمىساق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شىنجاڭغا ئارامچىلىق بولمايدۇ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بولمايدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ. شۇنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەككى: مالىمانچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك بالايىئاپەت. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىناقلىق ۋە تەرەققىيات بەخت – سائادەت. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيلىقى، شۇنداقلا پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. بىز قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ساقچىلار بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىدىكى مۇستەھكەم سېپىلنى يەنىمۇ پۇختىلىشىمىز لازىم. شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ھايات – ماماتلىق كۈرەش، ئىنتايىن كەسكىن بولغان سىياسىي كۈرەش. بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى بۇ بىر مەيدان كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر كۈرەش. بىز چوقۇم بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۈزمەي ياڭرىتىشىمىز، زوراۋان – تېررورچى شايكىلار ۋە زوراۋان – تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىشتىكى يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى ئىزچىل ساقلىشىمىز، دەل جايىدا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تامامەن يوقىتىشىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە قىلچىمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، بىز قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۇزۇق ئۇنسۇرلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ياغدۇرۇشىمىز، ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى زار – زار يىغلىتىشىمىز لازىم.

 مەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن ئەڭ بالدۇر، ئەڭ ئۇزاق بەھرىمەن بولدۇم. مېنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىم ئەڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر. مەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىدە ئاددىي دېھقان بالىسىدىن يېتىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم، دۆلەت كادىرى بولدۇم. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەن ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇ قەدەم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ، بىڭتۈەننىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، دۆلەت رەھبىرى بولدۇم. شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە مەن مەسئۇلىيىتىمنى ۋە بۇرچىمنى ھەرۋاقىت ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، رولىمنى داۋاملىق ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىنى يەردە قويماي، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن، پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭمۇ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ، ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك بولۇشىنى، باشتىن – ئاخىر ئىزچىللىقنى ساقلىشىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي قوللاپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي، تەلتۆكۈس ۋە ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك قايناق ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىشىنى، تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى سىياسىي مەيدانىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزامدا چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى لازىم.

 تارىخ يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۇيىقەستى ئىلگىرىمۇ ئىشقا ئاشمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ھېچكىم قوللىمايدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، غەلىبە ھامان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلىگەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە مەنسۇپ بولىدۇ!

 2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز لازىم

 ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى ئادەم. ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيدىغان بولساق، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ‹‹كومپارتىيە ياخشى››، ‹‹ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسى ياخشى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى›› دېگەن ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولدۇق. پارتىيە، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ شەپقىتىگە بولغان تەشەككۈر ھەم ساداقەتمەنلىك كاللىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۈرىكىمىزگە مەھكەم ئورناپ كەتتى. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتتە بىز جەزمەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىنى تىكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارىتىلغان مۇداپىئە لىنىيەسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بېرىش – كېلىشى، ئارىلىشىشى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە ۋە ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىشىمىز لازىم.

 ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى مائارىپقا باغلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مائارىپقا باغلىق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى مائارىپقا باغلىق. شۇڭا پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بالىلاردىن، مەكتەپتىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن باشلاپلا يىلتىز تارتقۇزۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش لازىم. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئانا تىلىنى بىلىش ئاساسىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنىمۇ بىلىدىغان، ھەتتا چەت ئەل تىلىنىمۇ بىلىدىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالايدىغان قىلىش لازىم. ئۇلارغا قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى تىكلەتكۈزۈپ، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن ھېيىقىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان، قانۇننى قوغدايدىغان، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇشقا، قانۇن – تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى، ئاۋانگارتى بولۇشقا يېتەكلەش لازىم.

 3. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە ئەڭ چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز لازىم

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىلا، ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى پۇختا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە سوتسيالىستىك تۈزۈمنىڭ تىكلىنىشى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكى ۋە زىچ ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتىنى ياراتتى››. 60 نەچچە يىللىق تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، 1949 –يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، ھەر مىللەت خەلق قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى. 1955 –يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان يېپيېڭى ۋەزىيەت باشلاندى. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، مەدىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىگە ئوخشاش ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ۋە يۈكسىلىپ، جەمئىيەت قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، بېيىش يولىغا قەدەم قويدۇق. شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن قارايدىغان بولساق، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 1955 –يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى 1978 –يىلىمۇ ئارانلا 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئىدى، 2016 – يىلىغا كەلگەندە 961 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 1955 – يىلى ئاران 260 مىليون يۈەن ئىدى، 1978 – يىلى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولدى، 2016 – يىلىغا كەلگەندە 998 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ يەرلىك مالىيەنىڭ جامائەت خامچوت كىرىمى 1955 – يىلى ئاران 173 مىليون يۈەن ئىدى، 1978 – يىلى 714 مىليون يۈەن بولدى، 2016 – يىلىغا كەلگەندە 163 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى. 1978 – يىلى شىنجاڭدىكى شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاران 319 يۈەن ئىدى، 2016 – يىلىغا كەلگەندە 28 مىڭ 463 يۈەنگە يەتتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1978 – يىلى ئاران 119 يۈەن ئىدى، 2016 – يىلى 10 مىڭ 183 يۈەنگە يەتتى. جۈملىدىن چەت، يىراق جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە سەپەر قىلىش جەھەتلەردە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىلگىرى كىشىلەر سەپەرگە پىيادە، ئېشەك ياكى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن چىقاتتى، ھازىر ئاپتوموبىل، پويىز ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان بولدى. مەن 1962 – يىلى قەشقەردىن يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، يولغىلا توققۇز كۈن كەتكەنىدى. ھازىر قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئايروپىلاندا 90 مىنۇتتىلا، ئاپتوموبىلدا ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا، پويىزدا تەخمىنەن 20 نەچچە سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. قەۋەتلىك يول قۇرۇلۇشى، BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قاتنىشىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇردى، ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنايدىغان بولدى، ئۈرۈمچىدە كۆپ لىنىيەلىك مېترو قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرى بىز پاكار خام كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق، ھازىر بولسا كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان ئازادە، يورۇق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدۇق، شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسەن چىرايلىق بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى. ئىلگىرى پاكىز ئەمەس كۆل سۈيى ئىچەتتۇق، ھازىر بولسا قولاي، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدۇق. ئىلگىرى توپا توزۇپ تۇرىدىغان يوللاردا ماڭاتتۇق، ھازىر يوللىرىمىز تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى. ئىلگىرى ھەممە ئۆيدە جىنچىراغ ئىشلىتەتتۇق، ھازىر تۈرلۈك ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولدۇق، ئىلگىرى خەۋەرلىشىش شارائىتىمىز تولىمۇ ناچار ئىدى، ھازىر ھەممەيلەن يان تېلېفون ئىشلىتىدىغان بولدۇق. شىنجاڭدا ھازىر ھەممە ئۆيدە ئاساسەن تېلېۋىزور، ھەممە كىشىدە يان تېلېفون، ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئايرودۇرۇم بار بولدى، خېلى كۆپ كىشىنىڭ ئاپتوموبىلى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات – نەشرىيات، تەنتەربىيە ۋە سەھىيە قاتارلىق ئىشلار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا پەقەت بىرلا ئالىي مەكتەپ بار ئىدى، ھازىر 40 نەچچە ئالىي مەكتەپ بار بولدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بالىلار 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بار بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىكى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈلىدىغان بولدى؛ دېھقانچىلىق بېجى ۋە ھاشار ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ۋەھاكازالار. مانا بۇلار بىز ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلار ئىدى. مەن شىنجاڭدا 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتنى بىۋاسىتە ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگۈچى، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئەڭ ئىگە شاھىتمەن. شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ياخشىلىنىشلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نىجات يۇلتۇزى. كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى؛ بۇنى ھەرقانداق كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى. 2014 – يىلى 4 – ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى. شۇ يىلى 5 – ئايدا مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ تەلىپى، ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. 2015 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەردى. بولۇپمۇ بۇ يىللىق ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەر بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە قىزغىن كۆرۈشۈپ ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ۋەكىللەرنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. مەنمۇ خۇددى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئوخشاش بۇ مەنزىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ۋە ئىلھاملاندىم. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۇلۇغ پارتىيەمىزدىن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن يەنىمۇ مىننەتدار بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشىمىز لازىم. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىشىمىز، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

 ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ تەخىرسىز ئىش جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتۇر. نامرات ئاھالىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن كەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش جەزمەن ئورۇندىشىمىز شەرت بولغان قاتتىق ۋەزىپە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك زور تارىخىي مەسئۇلىيەت. ‹‹مەزمۇت تۇرۇش ئۈچۈن ئۇل پۇختا بولۇشى كېرەك››. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بازا ئېڭىنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىشى، بەنجاڭنى ياخشى تاللىشى، ياخشى بەنزە قۇرۇپ چىقىشى، كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ چىقىشى، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملىشى، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتى بىلەن تارىخ بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ئادا قىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسەت ئېڭىنى تىكلەپ، ‹‹خەلقنىڭ ياخشى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز›› دېگەن سۆزنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلبى بىلەن قىلىشى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى قىلىدىغان ئىش بولۇش، بېيىش ۋە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، ھەر مىللەت خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشى، تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەمنى ئىلگىرى سۈرۈشى، قەلبداش، ھەمنەپەس ۋە تەقدىرداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېچىلدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭرىتىشى لازىم.

 ئىتتىپاقلىق كۈچ. ئىناق – ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيەگە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئاساسىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە شىجائىتى، شىنجاڭغا بولغان چەكسىز ۋە قىزغىن مېھىر – مۇھەببىتى ئاساسىدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تەدبىرىنى كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، نامرات ئاھالىنى ئۆز ۋاقتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا جەزمەن يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

 ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرايلى! جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچالايلى!

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-06/28/content_606240.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • نۇرئلي4 ئاي ئىلگىرى

    ئجتىمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدي ئەمىنلك باش نىشاننى چىڭ تۇتايلى ئانانىڭ دانىسدەك زىچ ئۇيىشايلي.

  • ئابدۇراخمان4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك تەسىزلەندىم ياشىسۇن شىجىنپىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号