باش بەت

nusret

91يوللانما
0مەستانە

مايمۇنغا ياردەم قىلىپ چاشقان تۇتىدىغان مۈشۈكلەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-29 12:48 1 ئىنكاس چۈشتى

«كۈنمىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇنلار تۇرىدىغان تاغدا نۇرغۇنلىغان مۈشۈكلەر پەيدا بولۇپ قالغان، بۇ زادى قانداق ئىش؟ مۈشۈك بىلەن مايمۇن بىر يەردە ياشىسا ئۇرۇشۇپ كەتمەمدۇ؟ ئۇلارنى نېمىشقا بىر يەردە باقىدىغاندۇ؟»

نېمىشقا مۈشۈك بىلەن مايمۇن ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئىناق ياشىيالايدۇ؟ بۇنى ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۈچ يىل ئىلگىرى، يۈەنتۇڭشەن باغچىسىدىكى مايمۇنلار تۇرىدىغان تاغدا چاشقان ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىپ بىر بالائى ئاپەتكە ئايلانغان، باغچا باشقۇرغۇچىلىرى ھەر قانداق ئامال قوللىنىپمۇ بۇ چاشقانلارنى يوقىتالمىغان. چاشقانلار مايمۇنلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ئوغرىلاپ يەپلا قالماستىن، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ مايمۇنلارنى كۆرۈش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. باغچىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاماللارنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى سەرگەردان مۈشۈكنى تېپىپ كېلىپ ئۇلارنى مايمۇن تېغىغا قويۇپ بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن، مايمۇنلار بۇ ئىككى ياۋا مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ قويغان.

كېيىن، باغچا باشقۇرغۇچىلىرى بىر قېتىمدىلا يەتتە مۈشۈكنى مايمۇنلار ئارىسىغا قويۇپ بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن مۈشۈكلەر توپىنىڭ سانىمۇ كۆپ بولغاچقا، مايمۇنلارمۇ مۈشۈكلەرگە چېقىلىشقا پېتىنالمىغان، مۈشۈكلەر بولسا مايمۇن تېغىدىكى بارلىق چاشقانلارنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ يوقاتقان. ئىككى يىلدىن كېيىن مايمۇن تېغىدىكى مۈشۈكلەرنىڭ سانى 12گە يېتىپ مايمۇنلار بىلەن ئىناق-ئىتىپاق ياشاشقا باشلىغان. بەزىدە، مايمۇنلار مۈشۈكلەرنى قۇچاقلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ پىتلىرىنى بېقىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جۈپ-جۈپ «تىرىك گۆھەر»لەرگە ئايلانغان......

باغچا باشقۇرغۇچىسى ۋاڭ ئاڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كۈنمىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇن تېغى 1979-يىلى يىل ئاخىرىدا ياسالغان بولۇپ، ھەركۈنى مايمۇن باققۇچىلار مايمۇنلارغا مول يېمەكلىكلەرنى سېلىپ بېرىدىغان بولۇپلا قالماستىن يەنە ساياھەتچىلەرمۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تاشلاپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، مايمۇنلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ھوزۇر ئىچىدە ئۆتىدىكەن، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ مايمۇن تېغى، چاشقانلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ قالغان.

ۋاڭ ئاڭ مۇنداق دېگەن:«ئىلگىرى، بىز چاشقان تۆشۈكلىرىگە سۇ قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاشقانلارنى سىرتقا ھەيدەپ چىقىپ، سۈپۈرگىلەر بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرەتتۇق. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، مايمۇن تېغىدىكى چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاز كۈچ سەرپ قىلمىدۇق. بەزى چاشقان تۆشۈكلىرى ئۆز-ئارا تۇتاش بولغاچقا، چاشقانلارنى يوقىتىش خۇددى يەر ئاستى ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندەك ئىنتايىن تەس ئىدى. يەنە كېلىپ مايمۇنلارغا تەسىر كۆرسەتمەي تۇرۇپ چاشقانلارنى يوقىتىش، ھەقىقەتەنمۇ بىر قىيىن ئىش ئىدى.»

2013-يىلى، كۈنمىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى خەلقتىن ئوچۇق ئاشكارا چاشقان يوقىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە ياردەم سورىغان، بىراق بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى ئۇنچە ياخشى بولمىغان. ئىلگىرى چاشقان دورىسىمۇ قويۇپ باققان،بۇ تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق مايمۇنلارغا بىرەر خېيىم خەتەر يېتىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ بۇ ئۇسۇلنىمۇ توختىتىۋەتكەن. ئۇزۇندىن بېرى ئادەم كۈچى ۋە كەسپىي چاشقان يوقىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن قەرەللىك ھالدا چاشقان يوقىتىش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق چاشقانلارنى يوقىتىش يەنىلا ئۇتۇقلۇق بولمىغان.

«بىز كېچىسى كۆزىتىش ئاپاراتىدىن، نۇرغۇن قېتىم مۈشۈكلەرنىڭ چاشقان تۆشۈكىنىڭ ئالدىدا چاشقانلارنى ساقلاپ تۇرۇپ چاشقان تۇتقان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن بولساق ئەتىسى بىر تۈركۈم چاشقان تېرىلىرىنى بايقايتۇق. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا، مايمۇن تېغىدىكى چاشقانلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلۈپ تۈگىدى. ھازىر مايمۇنلار بىلەن مۈشۈكلەر ئىناق ئۆتىدۇ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا. مايمۇنلار مۈشۈكلەرنى ئالىي دەرىجىلىك مېھمان قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرىشى ئۈچۈن مايمۇن ئۇۋىسىدىن بىرنى بوشىتىپ بەرگەن. كېچىسى، مايمۇنلار ئۇخلاپ قالغاندا، مۈشۈكلەر تۆت ئەتراپنى چارلاپ، مايمۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مايمۇن تېغىدىكى <ئامانلىق ساقلىغۇچىلار>غا ئايلانغان. بۇ تولىمۇ قىزىقارلىق» بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، مۈشۈك ئائىلىسىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن، بىر مۈشۈك تۆت ئاسلانلىغان. ھازىر، مايمۇن تېغىدىكى مۈشۈكلەرنىڭ سانى 12گە يەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان5 ئاي ئىلگىرى

    مۇھىت ئوبدان قۇغدىلۇپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号