باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

ئەنگىلىيەلىك قىز گېزىت يىرتىپ بانكا كارتىسى ئوغرىلىيالايدىغان «كەپسىز» قاغا باقتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-30 10:40 6 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيىدىكى خېلىن موتتېرام (Helen Motteram) ئىسىملىك قىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھايۋانات مەستانىسى بولۇپ، ئۇ بىر دانە مېيىپ قاغىنى بېقىۋالغان، بۇ قاغا گەرچە ئۇچالمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كەپسىز بولۇپ، «ھەسەتخورلۇقى» مۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ھازىر بۇ «كەپسىز» قاغا خېلىن ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغانىدى.

خېلىن 2016-يىلى ئېنگلاندتىكى چېلتېنھام (Cheltenham) دا بۇ مېيىپ قاغىنى بايقاپ قالغان بولۇپ، تۇغۇلۇشىدىنلا پۇتى ئەگرى تۇغۇلۇپ قالغان بۇ قاغىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى، پەيلىرىمۇ تۆكۈلۈپ ئاساسەن قالمىغان ئىدى. خېلىن بۇ قاغىنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا دالىدا ھايات ياشىيالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ قاغىنىڭ ھالىدىن «ئايرىم خەۋەر ئېلىپ كۈتۈش»كە توغرا كېلىدىكەن.

لېكىن خېلىن ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ قاغىنىڭ ناھايىتى كەپسىزلىكىنى ئۇققان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كەپسىز قاغا خېلىننىڭ پورتمالىدىن يانفون زەرەتلىگۈچ ۋە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن، ئۇ يەنە گېزىتنى يىرتىپ تامدىكى رەسىمنى چوقۇپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەن. بۇنى كۆرگەن خېلىن بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسى ۋە گۆھەر-مەرۋايىت قاتارلىق نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

خېلىن بۇ قاغىغا رۇسسېل (Russell) دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، ھازىر بۇ قاغا خېلىن ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان، لېكىن بۇ قاغىنىڭ «ھەسەتخورلۇقى>»مۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر تېلىۋىزور كۆرۈۋاتقاندا خېلىننىڭ  يولدىشى خېلىنغا گەپ قىلسا، بۇ قاغا ئۇنىڭ يولدىشىنى چوقۇۋالىدىكەن ھەم خېلىننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىدە ئولتۇرىدىكەن. خېلىن مۇنداق دېگەن:«بۇ قاغىنىڭ باشقىلارغا تايىنىۋىلىش خاھىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قاغا بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ناھايىتى كۈچلۈك بەلباغ شەكىللەنگەنىدى، قاغا ئادەتتە بۇ خىل مۇناسىۋەتنى پۈتۈن ئۆمۈر بويى پەقەت بىرلا ئادەم بىلەن ئورنىتىدۇ».

خېلىن مۇنداق دېگەن:«رۇسسېلنىڭ ئۆيىمىزگە كېلىشى مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى، يولدىشىممۇ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ». خېلىن بىلەن يولدىشى قاغىغا ئاتاپ ئۆز ھويلىسىدا 1000 فوند سىتىرلىڭ ( يەنە تەخمىنەن 8700 يۈەنگە تەڭ) مەخسۇس قۇش ئۆيى ياساتقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:«قۇش ئۆيى ياساشقا ناھايىتى زور مەبلەغ سەرپ قىلدۇق، ئۇنى قوغداشقا يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىز ھەر كۈنى سەھەر سائەت 4 تە تۇرۇپ قۇش ئۆيىنى تازىلايمىز، قۇش ئۆيىنى تازىلاشقا ھەر كۈنى تەخمىنەن بىر سائەتتەك ۋاقتىمىز كېتىدۇ».


باش سۈرەت تاللاش x
  • خانلىق مادرىد cr7ساخاۋەتچى6 ئاي ئىلگىرى

    قاغىنى بېقىپ كۆندۈرگىلى بۇلىدۇ ، بۇرۇن مەنمۇ بېقىپ باققان.يەنى قاغىنى كۆرىدىغانلىقىنى ، بەلكىم يېزىپ بالىلىرىنى بىلىشىم مۇمكىن ، چۈنكى مەنمۇ بىر يېزىلىق.

  • 176******366 ئاي ئىلگىرى

    قاغا بەك ئەقىللىق جۇمۇ لىكىن ئادەمگە كۆنگەنلىكى قىززىق

  • مېھمان9 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇن بىر كىنۇ بۇلىدىغان قارا پەي دەپ شۇ كىنۇدىكى قاغىمۇ شۇنداق ئەقللىق ئىكەندۇق

  • تەنھا9 ئاي ئىلگىرى

    ئۈگەتمىسە قىلامدۇ ئۇدۆتقاغا ئاۋۇخۇتۇن گۇمانلىق

  • ئەنۋەر9 ئاي ئىلگىرى

    راس مەنمۇ ئاڭلمىغان كۈرمىگەن ئشكەن

  • نۇراخۇن9 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئاڭىلىمىغان كۆرمىگەن ئىشىكەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号