باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

ئىغۋا: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ باشقىلارغا ۋاكالىتەن نومۇر تارتقۇزسا بولىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-06-30 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 29-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۇل-مال سودىسىغا چېتىلمىسىلا يېقىن دوست، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋاكالىتەن پىراۋىسىدىن نومۇر تارتقۇزۇشقا يول قويۇلىدۇ» يېقىندا، بۇ خەۋەر دوستلار چەمبىرەكلىرىنى بىر ئالدى. قاتناش تارماقلىرى 28-ئىيۇن بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، يۇقىرىدا دېيىلگەن مەزمۇننىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يېقىندا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى بىلەن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۆزنەكلەرگە ئىش بېجىرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تولۇپ كەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىدىكى مەسىلە توغرىسىدا ئېنىق جاۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاتناش ساقچى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى: «قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلغىلى كېلىدىغانلار پەقەتلا 2 خىل. ئۇلارنىڭ بىرى ماشىنا ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى؛ يەنە بىرى شوپۇر. قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرنى بېكىتىپ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلارنى ساقچىلار ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە جازالاپ تۇتۇپ تۇرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ. نۆۋەتتە، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ نومۇر خاتىرىلەشكە چېتىلىدىغان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت باسقۇچلار ناھايىتى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بېجىرىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ھالەت خاتىرىلىۋېلىنغان سۈرەتتىكى ئادەمنىڭ شوپۇر شۇ ياكى ئەمەسلىكى دەلىللىنىدۇ. ناۋادا ئۇ ئادەم ئۆزى بولمىسا بېجىرگىلى بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号