باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىدە چەك مەۋجۇتمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-01 17:10 6 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو گېزىتى تورى 1-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆمۈر چېكى تەخمىنەن 115 ياش ئىكەنلىكى ئېيتىلغانىدى، لېكىن يېڭى بىر تەتقىقات بۇ كۆز قاراشقا جەڭ ئېلان قىلغان. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 30-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كانادا Mcgill ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىنسان ئۆمرىنىڭ چېكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار 1968-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ياپونىيەدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنى قايتا تەھلىل قىلغان، لېكىن ئىنسان ئۆمرىنىڭ چېكى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ئىسپات بايقىمىغان. تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى سىگفېلد: «بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش ھەقىقەتەن تەس، 300 يىل بۇرۇن كۆپلىگەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا ئىدى، ئۇلارغا بىر كۈنلەردە كۆپ قىسىم ئادەم 100 ياشقىچە ياشىيالايدۇ دېسەك ئۇلار بىزنى ساراڭ بوپسىلەر دەپ ئويلايدۇ» دېدى.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسان ئۆمرىنىڭ چېكى بولغان تەقدىردىمۇ ئىنسانلار تېخى بۇ چەككە يەتمىگەن ياكى بۇ چەك تېخى بېكىتىلمىگەن. سىگفېلدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۈزلىنىش سىزىقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇزاق ئۆمرى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ داۋاملىق ئۇزىراۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىنى كۆرگىلى بولغان. ئۇنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۆمۈرنىڭ چېكى زادى قانچە ياش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىغان، خالاس. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىلىم-پەن، داۋالاش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان چەك ئىكەن.

ھازىر بۇ تەتقىقات تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاماخور6 ئاي ئىلگىرى

    ئىنسانلار تەرەقى قىلسا 1000ياشقا كىرىشدە گەپ يوق

  • تىمتاس6 ئاي ئىلگىرى

    بۇ يەدىكى چىكى يوق دىگەنلىك، چەكسىز دىگەنلىك ئەمەس، چىكى يوق دىگەنلىك، ھىچكىم بەلگىلەپ ،قويمىدى، ئىنسان قانچە ياشقا كىرسە ئەڭ ئاخىرقى چەككە بارالايدىغانلىقى ئىنىق ئەمەس دىمەكچى

  • دىلاش6 ئاي ئىلگىرى

    چەكسىز دىمەپتۇ پەقەت چىكى ئاشكارلانمىدى يۇز ياشمۇ ياكى 020مۇ 150مۇ تىخى ئىنسانلارنىڭ تولۇق ئۇزۇن ئۆمۇر كۇرۇش چىكى ئىنىقلانمىدى دەيدۇ ...

  • تىنىچلىق كەپتىرى6 ئاي ئىلگىرى

    جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئ‍اپتونۇم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى قومۇشئېرىق يېزىسدا 135 ياشقا كىرگەن بىر چوڭ ئ‍انىمىز دۇنيادىكى ئ‍ەڭ ئۇزۇن ئ‍ۆمۈر كۆرگەن ئ‍ادەم دەپ ئىتىراپ قىلىندى،بۇرۇنمۇ شىنجاڭدا 140 ياشقىچە ھەم ئۇنىڭدىن ئ‍ارتۇق ياشىغانلارمۇ بولغان، دېمەك ئ‍ۇزۇن ئ‍ۆمۈر كۆرۈش بەك تەس ئ‍ىشمۇ ئ‍ەمەس، ئ‍ەمما ساغلام تەڭپۇڭ بولغان پىسخىكىلىق روھىي ھالەتتە ياشاش ھەم دائىم يىشىل بۇلغانمىغان يىمەكلىك يىيىش تەس ئ‍ىش

  • پىيالما6 ئاي ئىلگىرى

    چىكى بار دۇنيادا چىكى يوق ھىچقانداق نەرسە يوق

  • خەزىنە ئىزدىگۈچى6 ئاي ئىلگىرى

    ئىنسان ئۆمرىنىڭ چېكى بار،ھازىرغىچە نەچچە يۈز،نەچچە مىڭ،نەچچە ئون مىڭغا كىرگەن ئادەمنى ئاڭلاپ باقمىدىم،ئىنسان چەكسىز ياشىمايدۇ ،ھامان ئۆلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号