باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

بىر يازدا بىرمۇ ئادەم كۆرمەيدىغان ئەڭ تەنھا ئۆي

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-01 22:15 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىليەن تېغىنى ۋېلىسىپىتلىك كېسىپ ئۆتۈش يولىدا، تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان ئادەمسىز رايوننى بېسىپ ئۆتتۇق. بۇ 100 كىلومېتىر رايوندا ئەسلىدە ئىنسى جىنمۇ يوق رايون ئىدى. بىراق، يېرىم يولدىكى توققۇز كۆكمەت دېگەن جايغا كەلگەندە «ئەڭ تەنھا ئۆي» نى بايقىدۇق. ئەمما، بۇ 50 كىلومېتىر دائىرىدە ئىككىنچى بىر ئۆينى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. شۇ كۈن كەچتە، بىز ئۇلارنىڭ قوي قوتىنىغا چۈشكۈن قىلدۇق، ئەمما كېچىسى بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق.

يىراقتىكى چىليەن تاغلىرى بىر بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن.

يېرىم كۈن مېڭىپ، ماغدۇردىن كېتەي دېگەندە شۇ جايدىكى يەنە بىر «تەنھا ئۆي» نى كۆردۇق، ئەسلىدە شۇ ئۆيدە بىرە كېچە قونۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ ئۆيدە ئادەم تۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

بىر كۈن يول يۈرۈپ، ئاخىر بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە ئۇلاشتۇق. بۇ يەر ئۇلارنىڭ يايلىقى ئىكەن. چارۋىچىنىڭ ئۆيى چىليەن تېغىدىكى قارلىق چوققىلار گىرەلىشىپ كەتكەن جايدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ چىليەن تېغىدىكى توققۇز قارلىق چوققىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بىراق، بىز كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە قارلىق چوققىلار قويۇق بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغانىكەن (بۇ يەرنىڭ ئىسمىنىڭ قانداقسىگە توققۇز كۆكمەت بولۇپ قالغىنى نامەلۇم. ئەجەبا، بىر قارلىق چوققىنى بىر كۆكمەتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش ئەقىلگە توغرا كېلەمدۇ).

چارۋىچىنىڭ ئىككى بالىسى باركەن. چوڭ قىزى يېزىدىكى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىكەن، كىچىك ئوغلى تېخى مەكتەپكە كىرمەپتۇ. يازلىق تەتىلدە چوڭ قىزى يايلاققا كېلىپ ئۆيىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىكەن. بىراق، بۇ يەرگە كەلسە پۈتۈن بىر تەتىل ئۆيىدىكىلەردىن باشقا ئادەم كۆرمەيدىكەن.

قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغاندا، كىچىك ئوغلى ئاتىسى بىلەن بىللە قويلارنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئەتىسى بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ قوي باققىلى باردۇق.

ئۆيىدىكىلىرى چىقىپ كەتكىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ تېخىغىچە قايتىپ كەلمىگەنىدى، قىزچاق ئۇلاردىن ئەنسىرەپ دۇربۇننى ئېلىپ قاراپ باقتى.

ئۇنىڭ قويلارنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يىراقتىن قويلارنى ساناپ باقتىم، بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت....... يۈز، ئىككى يۈز..... مەن بىردەم ساناپلا ئېزىپ كەتتىم. قىزچاقنىڭ دېيىشىچە قويدىن 900 ى، قوتازدىن 83ى باركەن.

ئايالى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا مول كەچلىك تاماق تەييار قىلدى. پۈتۈن بىر كۈن قاتتىق-قۇرۇق نەرسىلەرنى يەپ ئۆيگە كەلگەندى كېيىن، ئاخىرى ئېغىزغا تېتىغۇدەك ئىسسىق تاماق يېدۇق.

بىزمۇ سىرتقا چېدىر تىكىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلغانىدۇق. كەچتە ئۇلارنىڭ قوي قوتىنىدا ئارام ئالدۇق. قوي قوتىنىدا ياتسا بۆرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق كىيىمىڭىزگە سىڭىپ قالغان قىغنىڭ پۇرىقى ئۇزۇنغىچە تارقاپ كەتمەيدۇ.

قىغ پۇراپ تۇرغان كىيىمىمىز بىلەن يولنى داۋام قىلدۇق، چۈنكى ئەمدى ئۆتمەكچى بولغان قارلىق چوققا ئارجى خارادابان ئىدى. خەرىتىدىن كۆرۈشۈمچە، بۇ چوققىنىڭ ئېگىزلىكى 4498 مېتىر كېلىدىكەن.

ئارجى خارادابانغا بارىدىغان يول سوزۇلۇپ ياتقان يىلانغا ئوخشايدۇ.

قويۇق تۇمان، يوللارنى يالماپ كېتەي دەپ قالغانىدى.

ئەتىگەن سائەت 8:00 دە قۇياش بىلەن تەڭ يولغا چىقتۇق، داباندىن ئۆتكەندە قۇياشمۇ تاغ كەينىگە پاتقانىدى.

تاغ باغرىدا كالا تېزىكى تېرىۋاتقان بىر چارۋىچىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ھال-مۇڭ بولدۇق. چۈنكى، ئۇلار تاماق ئېتىش ۋە ئىسسىنىشتا كالا تېزىكى ئىشلىتەتتى.

چارۋىچى بىزنى ئۆيىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، بىراق، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكىدىن ئادەمنىڭ ھالىنى قويمايدىغان شاۋقۇنلۇق شەھەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئاددىي كەپىنى «غەمسىز» دۇنيا دېيىشكە بولاتتى.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل، چىرايىدا ساختىپەزلىكتىن خالىي كۈلكىلەر جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • رامىلە9 ئاي ئىلگىرى

    توۋا ئۆيگەكەلگەن مېھماننى قوتاندا ياتقۇزۇپ ئاجايىپ بەك ئاشۇ …

  • ئىت9 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيادىكى مەن ئارزۇ قىلغان ئەڭ ياخشى ئويكەن بۇ ،،،، ساتسا ئالاتتىم ،،،،،،

  • يولۇچى9 ئاي ئىلگىرى

    زىمىن كەڭرى بولغان بىلەن ئۆي بەك كونا ئىكەن ، 900 قوي بىلەن 80 قوتاز باققان ئادەم دىگەن داچا سېلىپ ئولتۇرمامدۇ ، پادا باقتىم دەپ ئۇندا بەك غۇربەتچىلىكتە ئۆتمىسىمۇ ، كالا قويلىرى خاپا بولاپ كەتمەيدۇ داچىدا ئولتۇرسا ، ياخشىراق ئۆي ، قوتان سېلىپ لازىملىق ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ ئولتۇرسىمۇ بولىدىغۇ .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号