باش بەت

رۇشەن

2565يوللانما
68مەستانە

Uber قۇرغۇچىسى كالانىك: ئۆز شىركىتىدىن ھەيدەلگەن مىلياردېر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-02 18:14 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

تىراۋىس كالانىك (Travis Kalanick) بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن سان فىرانسىسكودا UberCab ئىسىملىك بىر شىركەتنى قۇرغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ شىركەت دەرىجىدىن تاشقىرى ماگناتقا ئايلاندى، بۇ شىركەت دۇنيا بويىچە 600دىن ئارتۇق شەھەردە تاكسى چاقىرىش مۇلازىمىتى تىجارىتى قىلىدۇ، شىركەتنىڭ مۆلچەر قىممىتى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇنى كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەت دېيىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغايدىغان شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن كالانىكنىڭ بايلىقى ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن بۇ يىلدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى Uberنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، سەتچىلىك ۋە دەۋا ئىشلىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن شىركەتتىن ئايرىلدى، ھازىر ھەتتا كالانىكمۇ ئۆز شىركىتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلدى. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تىراۋىس كالانىكنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى گۈللىنىش-خارابلىشىش تارىخىنى بىللە ئەسلەپ ئۆتەيلى.

كالانىك كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانجىلىسقا يېقىن نۇرسرىج شەھىرىدە چوڭ بولغان. كالانىكنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئارزۇسى بىر جاسۇس بولۇپ چىقىش ئىدى.

كالانىك كىچىكىدىنلا ئەلاچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېنى ناھايىتى ساغلام بولۇپ، مەكتەپتە توپ ئەترىتىنىڭ تايانچ كۈچى ئىدى. بىراق باشقا مۇنەۋۋەر بالىلارغا ئوخشاش، كالانىك مەكتەپتە دائىم بوزەك قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بوزەك بولماسلىق ھەققىدە قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئىدى.

كالانىكنىڭ ئانىسى بىر پارچە سېتىش ئېلانى سودىگىرى ئىدى، ئانىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇ كىچىكىدىلا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى. ئۇ 10 نەچچە ياش ۋاقتىدىلا ئۆيمۇ-ئۆي ئىشىك چېكىپ تىغلىق ئەسۋابلارنى ساتقان ئىدى. كالانىك 18 ياش ۋاقتىدا ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شۇغۇللانغان تۇنجى كەسپى تولۇقلاپ ئۆگىنىش سىنىپى ئېچىش ئىدى، بۇ تۈردە ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى.

كالانىكنىڭ نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى شۆبە مەكتىپى (UCLA)گە ئوقۇشقا كىرىپ، كومپيۇتېر قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپتە ئۇ ئۇچتىن ئۇچقا ئىزدەش ماتورى Scourدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، كالانىكنىڭ يەنە 2 ساۋاقدىشىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ شىركەتكە كىرگەن ئىدى.

بىراق ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، كالانىكنىڭ تۇنجى غوجايىنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى تەرىپىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىنىپ، 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىش تەلەپ قىلىندى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار پەقەت ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.

كالانىك خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى، ئۇ Red Swoosh ناملىق بىر بىرلەشمە تور يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇردى، بىراق ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى مايكول تود (ئۇمۇ Scourنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى) بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلدى. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، پاي چېكىنىڭ بازاردىكى باھاسى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى، Red Swoosh شىركىتىمۇ كۆپ قېتىم ۋەيران بولۇش ۋە تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا يېتىپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ شىركەت 2007-يىلى Akamai شىركىتى تەرىپىدىن 23 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، كالانىكمۇ دەۋرنىڭ يۆنىلىشى بويىچە مىليونېرغا ئايلىنىپ قالدى.

كالانىك قولىدا پۇلى بار بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىگىلىك تىكلەشكە ئالدىراپ كەتمىدى، ئۇ ئاۋۋال بىر قېتىملىق دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىگە ئاتلاندى، ئۇ بىر تىل ئىچىدە ئىسپانىيە، ياپونىيە، گىرېتسىيە، ئىرېلاندىيە، گىرېنلاندىيە، فىرانسىيە، ھاۋاي، ئاۋسترالىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا زىيارەتكە باردى.

كالانىك 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا LeWeb پەن-تېخنىكا يىغىنىغا قاتناشقاندا Uberدىن ئىبارەت بۇنداق ياخشى ئامالنى تېپىپ چىقتى، ئۇ بۇ خىل مۇلازىمەت خېرىدارلارنىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا پۇل تېجەپ بېرەلەيدۇ دەپ قارىدى.

لېكىن كالانىك ئەنئەنىۋى تاكسىلارنىڭ خېرىدارلارغا بېرىدىغان ناچار تەسىرىنى ياقتۇرمايتتى، ئۇ بۇرۇن مۇشۇ سەۋەبلىك تاكسى شوپۇرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ھەمدە غەزەپلەنگەن ھالدا ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

ئۈچ نەپەر ئىنژېنېرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، UberCabنىڭ تۇنجى ئەپ دېتالى بارلىققا كەلدى، ھالبۇكى كالانىك شىركەتتە تېخنىكىغا مەسئۇل بولمىغان بولۇپ، ئۇ UberCabنىڭ «بۈيۈك مۇشاۋىر»ى بولغان ئىدى. سىز بۇ خىل ئەپ دېتالى ئارقىلىق سان فىرانسىسكودا مەخسۇس ماشىنا چاقىرالايسىز، لېكىن ئەينى چاغدا بۇنداق ماشىنا باھاسى تاكسىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلەتتى.

2010-يىلىغا كەلگەندە، UberCab تۇنجىCEO نى كۈتۈۋالدى، لېكىن ئۇ كالاننى ئەمەس، بەلكى رىيان گىرايفوز ئىدى. شۇ يىلى 6-ئايدا، UberCab ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتى رەسمىي ھالدا سان فىرانسىسكودا تورغا چىقىرىلدى، شۇ چاغدا بۇنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ،  بىراق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشقا ئالدىرىمىغان ئىدى. بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كالانىكنىڭ بىر دوستىنىڭ Round Capital ناملىق شىركىتى ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ شىركەت ئۈچۈن 1 مىليون 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن Uber مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىدىكى ئىشلىرى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى، تا ھازىرغىچە ئۇلار 11 مىليارد 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خېيىم-خەتەر مەبلىغىگە ئېرىشتى. 

شۇ يىلى 12-ئايدا، گىرايفوز تېخى ئولتۇرغىنىغا بىر نەچچە ئايمۇ بولمىغان CEOلۇق ئورنىنى كالانىكقا بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن شىركەتنىڭ باش دىرېكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى. Uber سان فىرانسىسكودا داڭق چىقارغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. 2011-يىلى 5-ئايدا، Uber نىيۇيوركقا رەسمىي يۈرۈش قىلدى، بۇ خەلقئارالىق چوڭ شەھەرمۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنلۈك زاكاز تالونى 168 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، Uber شىمالىي ئامېرىكىدىكى 260 نەچچە شەھەرگە ماكانلاشتى. 7 ئايدىن كېيىن، Uber خەلقئارالىشىشقا باشلىدى، پارىژ ئۇلار يېتىپ كەلگەن تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى.

2015-يىلىنىڭ بېشىدا، Uber پىتسبۇرگتا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھازىر Uberنىڭ سىناق ماشىنا ئەترىتى يەنە سان فىرانسىسكو ۋە ئارىزوناغا ھەيدەپ بېرىلدى. كالانىك بۇ تۈرنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ Uberنىڭ كەلگۈسى ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. گەرچە كالانىك تەكەببۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارام بولسىمۇ، لېكىن تاشقى دۇنيانىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇنداق سۈپەتلەر Uberنى ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا يېتەكلىگەن. لېكىن ھازىر بۇنداق سۈپەت Uberغا ئۈزلۈكسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى.

2017-يىلى كىرگەندىن كېيىن، ھەر خىل سەتچىلىكلەر مەركەزلىك پارتلاش شەكلىدە ئىپادىلىنىشكە باشلىدى، Uberنىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىزمەتتىن ئايرىلدى، كالانىك ماشىنىدا ئېغىزىنى بۇزدى، خىزمەتچىلەر شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، Uberنىڭ ئىلگىرى ھەمراھى گوگىلمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا دەۋا قىلدى، بۇ ئەھۋاللار كالانىكنىڭ جۇلۇقىنى چىقىرىۋېتەي دەپ قالدى. «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، بۇ يىل 5-ئايغا كەلگەندە كالانىكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېغىر ھادىسىگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئانىسى يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى، دادىسى ئېغىر يارىلاندى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مۇدىرىيەت ئالاھىدە يىغىنىدا، Uber نىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا يەنە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى، كالانىكنىڭ قابىل ياردەمچىسى ئامىر مايكېل پەرىشانلىق ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى. ھازىر كالانىكمۇ سۈرگۈن قىلىندى، ئۇنىڭ زادى قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى. كەلگۈسىدە بۇ ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتىكى تالانت ئىگىسىنىڭ يەنە قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى بار بولارمۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号