باش بەت

شەرىفە

1114يوللانما
182مەستانە

دۇنيادىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەڭ جىق دۆلەتلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-03 08:00 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بولسا دۇنيادىكى بىردىنبىر مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مائاشلىق دەم ئېلىش يوق تەرەققى قىلغان دۆلەت. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر بىر دۆلەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت ھەپتىلىك مائاشلىق دەم ئېلىشى بار ئىكەن. تۆۋەندە دۇنيادىكى يىللىق دەم ئېلىشى ئەڭ ئۇزۇن بولغان دۆلەتلەرنىڭ قايسىلار ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى.

يېڭى زېلاندىيە 30 كۈن، يېڭى زېلاندىيە ھەر يىلى ئاز بولغاندا 30 كۈن يىللىق دەم ئ‍ېلىشى بار بولغان بىردىنبىر غەيرىي ياۋروپا دۆلىتى. يېڭى زىلاندىيەدە قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئېىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە 1.5 ھەسسە بويىچە مائاش قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيەسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

ئىتالىيە 30 كۈن، ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆت يىللىقى دەم ئېلىش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يىلدا 20 كۈن ئارام ئالىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرى ئارام ئېلىشى كۈنلىرىنى قوشساق يىلدا 30 كۈن.

بېلگىيە  30 كۈن، بېلرۇسىيەمۇ 20+10 تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدۇ، بىراق ئەز ئاز بولغاندا بىر يىل ئىشلىگەندە ئاندىن يىللىق دەم ئېلىش پۇرسىتى بولىدۇ، 10 بايرامدا ھەر بىر بايرام ئۈچۈن بىر كۈن ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئارام ئېلىش كۈنلىرى خىزمەت قىلسا مائاش قوشۇپ بېرىلىدۇ، بېلگىيەنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى ئامېرىكا بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن بېلگىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاللىقاچان توختاپ قالدى.

فىرانسىيە 31 كۈن، فىرانسىيەدە بىرلا دەم ئالىدىغان بايرام بار، ئۇ بولسىمۇ بىرىنچى ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى، بۇ كۈندە بىر كۈن ئارام ئالىدۇ، بىراق فىرانسىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ يىلدا 30 كۈن دەم ئېلىشى بار. 

ئىسپانىيە 34 كۈن، ئىسپانىيە بىر يۈكسەك تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا ياۋرو رايونىدىكى 5-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادى قىممىتى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بويىچە 6-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 13-ئورۇندا تۇرىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن 12 بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ئىسپانىيە خەلقى يىلدا 22 كۈن دەم ئالىدۇ.

گېرمانىيە 34 كۈن، گېرمانىيەدە ھەممە خىزمەتچىلەر ئارام ئالىدىغان بىر كۈن بار، يەنى گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۈنى، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ سىياسىتى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن يەنە 9 كۈندىن 13 كۈنگىچە مائاشسىز دەم ئېلىشى بار، بۇ نىڭغا مائاشلىق 24 كۈنلۈك دەم ئېلىشنى قوشىمىز. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى بولسا گېرمانىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

پورتۇگالىيە 35 كۈن، پورتۇگالىيە ياۋروپانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت، پورتۇگالىيەدە خىزمەتچىلەر ھەر يىلى 22 كۈن يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ، بۇنىڭغا قانۇندا بەلگىلەنگەن 13 كۈنلۈك بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قوشىمىز، ئەگەر بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە ئىككى ھەسسە مائاش قوشۇپ بېرىلىدۇ.

ئاۋستىرىيە 35 كۈن، ئاۋسترىيە بىريۈكسەك تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت، شۇنداقلا ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرسى، 2012-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 46330 دوللارغا يەتكەن. ئاۋستىرىيەلىكلەر يىلىغا 22 كۈن مائاشلىق دەم ئالىدۇ، بىراق ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ئارام ئالىدىغان كۈنلەر بۇ ساندىن جىق، 25 يىللىق خىزمەت سىتاژى بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى تېخىمۇ جىق. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان10 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭ يىللىق 120كۈن ياخشىمىكەمائاش چىقىۋۋېرىدۇ

  • نۇرئىلى10 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلا دۆلىتمىزنىڭ ياخشىكەن دەم ئالسىمۇ مائاش ھىساپلىنىۋىردۇ ھەم بايراممۇ كۆپ

  • كۆل10 ئاي ئىلگىرى

    يىڭى زىللاندىيە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号