باش بەت

ئىدىقۇت887

6487يوللانما
8مەستانە

ئامېرىكىلىق ئەڭ كېلىشكەن مەھبۇس ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-02 23:30 11 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى «ئەڭ كېلىشكەن مەھبۇس» جېرېمىي مېكىس (Jeremy Meeks) تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مودېللىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ مۇخبىرلىرى  نۆۋەتتە ئىش-ئوقىتى ناھايىتى ياخشى ئېقىۋاتقان مېكىسنىڭ ئەنگىلىيەلىك كاتتا زەردارنىڭ قىزى چىلو گىرىن (Chloe Green) بىلەن تۈركىيە ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزدا ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ سەيلە پاراخوتىدا قۇچاقلاشقان ھالدا سۆيۈشۈپ تۇرغانلىقىنى رەسىمگە تارتىۋالغان، قارىغاندا مېكىس ئىسىملىك بۇ «ئەڭ كېلىشكەن مەھبۇس» ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان توي قىلغان ئەر بولۇشتەك سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

يۇقارقى رەسىم توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چىلو  گىرىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا رەسىم چىقىرىپ بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان ھەم مۇنداق دېگەن:«ھازىر ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمدى تېخى باشلاندى، مەن بارلىق مۇھەببەت ھەم ئۆچمەنلىكلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن». بۇ رەسىمدە، مېكىس بىلەن چىلو گىرىدىن باشقا يەنە فوتوگراف،قوشۇمچە  مېكىسنىڭ كەسپىي لىدىرى جوردانمۇ بار ئىدى.

سىرتقى ساھەدىكىلەر مېكىس بىلەن چىلو گىرىننىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گانا كىنو فېستىۋالىدا «ئىچ-پەش تارتىشىپ قالغانلىقى»غا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، چىلو گىرىننىڭ دادىسى، ئەنگىلىيىلىك مىليادىر گىرىن بولسا Topshop ماركىلىق كىيىم-كېچەك زەنجىرسىمان دۇكانلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد 800 مىليون فوند سىتىرلىڭ ( يەنە تەخمىنەن 33 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە تەڭ) كېلىدىكەن، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ قارىشىچە، مىليادىر گىرىن ئۆزىنىڭ ئامراق قىزى چىلو گىرىننى ناھايىتى قاتتىق قوغدايدىغان بولۇپ، ئۇ قىزى بىلەن مېكىسنىڭ بۇ مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلاپ كەتمىگەن.

33 ياشقا كىرگەن مېكىس 2014-يىلى قانۇنسىز ھالدا قورال-ياراغ ھەم ھەربىي ئوق-دورا ساقلىغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى نۇرغۇنلىغان قىز-ئاياللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان، شۇ سەۋەبتىن «ئەڭ كېلىشكەن مەھبۇس» دەپ ئاتالغان.

مېكىس بىلەن خانىمى مېرىسانىڭ توي قىلغىنىغا ئاللىقاچان 8 يىل بولغان بولۇپ، ئىككىسى ئاللىقاچان 3 پەرزەنتلىك بولغان. مېرىسا ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر يوللاپ «مۇھەببەتنىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدەك گۈزەل بولۇشى ناتايىن» دېيىش ئارقىلىق ئۆز نىكاھىغا قارا قول سوزۇلۇپ مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن يوشۇرۇن بىشارەت بەرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • چايخالتىسى 08772 ئاي ئىلگىرى

    مەندەك قىزى باركەن بوممىسا ما مەدەكنىڭ

  • ئوغۇز2 ئاي ئىلگىرى

    بىرسەت ئسكىلىتشاھدەك بىرنىمىكەنغۇ بۇ ئەينەككە قارىسام مەن ئۇنىڭدىن كىلىشكەن قىياپەتتە ئىكەنمەن ھې ھې ھې

  • ئاشىق2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنى كىلىشكەن دىسە ئامىركىدا كىلىشكەن ئادەم يوقكەن توۋۋا مازاق قىلغان چىراي ئىپادىسى

  • شوخ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دەلتىنىڭ باللىرىنىڭ ئانسى ما زەردارنىڭ قىزغا قارغاندە بەكرەك چىرايلق كەنغۇ بولمىسا ،

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    كىلىشكەن يەلىردىن ئۇتەپ كەتىممۇ يا كۇرەپ ھېچ كۇرۇنمەيدا

  • كەچ كۈز2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇ رەسىمنى نەچچە ئاي ئىلگىرى نۇر تورىدا كۆرگەن ، بۇيىگىت ئەينى ۋاقىتتا ئاق چېكىپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن.تۈرمىگە كىرگەندەپ يېزىلغان ئى ىكەن ، ئۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ چىرايى سېلىشتۇرمىسى چىقىرىپتىكەنتۇق.

  • مەردانە2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ھېچ ھېس قىلالمىدىمغۇ، بەلكىم بەدەن قۇرۇلمىسى ياخشى بولسا كېرەك

  • قىزىلمۇچ2 ئاي ئىلگىرى

    دەلتە چىرايلا بىر نىمىكەنغۇ،،،،،

  • رونالدۇ 12 ئاي ئىلگىرى

    بۇ گۇي راسلا بەك كىلىشكەن ئۆلۈك نەۋكەردىكى ناچار گۇينىڭ رولىدا تىخىمۇ كىلىشكەن

  • ناز2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا ، ئاپام كېلىشكەننىڭ ئېگىسى جېق دېگەن !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号