باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

«تاشلاندۇق بالا» 26 يىلدىن كېيىن ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-03 12:30 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

26 يىل بۇرۇن، تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بوۋاق شىئەن بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىلىق ئايال تەرىپىدىن بېقىۋېلىندى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېقىۋالغان ئانىسىغا ئەگىشىپ ھەر جايلاردا ساياھەت قىلغان يىگىت زور غەيرەتكە كېلىپ شىئەندە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا: «مەن سىلەرنى كەچۈرۈۋەتتىم، ھازىر ئىنتايىن ياخشى ياشاۋاتىمەن» دېگۈسى كەلدى.

جاۋ يىنوكېنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانا جەمئىي 14 مېيىپ بالىنى بېقىۋالغان بولۇپ، ئۇ بۇ «ئائىلە»دە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۇغۇلۇشىدىنلا كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان جاۋ يىنوكېنى بېقىۋالغان ئانىسى لورنا ئامېرىكىلىق، دادىسى جاۋ جيەنئەن شەنشىلىك. «ئاپام ماڭا يىنو دەپ ئىسىم قويغان، ئۇ ئىرېلاند پۇشتىدىن، فامىلىسى كې، شۇڭا مېنىڭ ئىسمىم مۇشۇ يەردىن كەلگەن».

4 كۈن بۇرۇن، جاۋ يىنوكې ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 89 ياشلىق مومىسى (بېقىۋالغان دادىسىنىڭ ئاپىسى)نى يوقلىغاندىن كېيىن، ئۇدۇل شىئەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانسىغا كېلىپ ئەينى يىلدىكى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقچى بولدى. بىراق دوختۇرخانا تەرەپنىڭ دېيىشىچە، شۇ يىلدىكى ماتېرىياللار ئارخىپ تۇرغۇزۇلمىغانىكەن.

سۈرەتتە: جاۋ يىنوكېنىڭ (ئوتتۇرىدا) ئامېرىكىدىكى ئائىلىسىگە كەلگەندە چۈشكەن سۈرىتى.

جاۋ يىنوكېنى بىلەن ئاچىسى گەرچە تاشلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ناھايىتى بۇرۇنلا ئامېرىكا تەۋەلىكىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىراق ئۇنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى ئۇنداق ئەمەس. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ 5 ئىنى-سىڭلىسىنىڭ نوپۇسى بولمىغاچقا، دادىسى كۆپ قېتىم ساقچىخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بىراق قارشى تەرەپ مەسلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىش ھەققىدە توختالغاندا، جاۋ يىنوكېنىڭ دادىسى جاۋ جيەنئەن ئامالسىزلىقتىن ھازىر نوپۇسى يوق 5 بالىنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ 16 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 14 ياش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تا ھازىرغىچە تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قار لەيلىسى.7 ئاي ئىلگىرى

    ئىلياس تورداش.مەنغۇ بۇرۇن ئاجاي دېۋگاننىڭ ئەركەك شىر دېگەن كىنوسىنى كۆرگەن ، سىز قايسى كىنونى دېگەن بولغىيدىڭىز؟

  • ئىلياس9 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىم «ئەركەك شىر»«雄狮»دا بىر جۈملە سۈز بار تولىمۇ تەسىرلىك.
    ئانا بىقىۋالغان بالىسغا :مەن بالا توغالمايمەن ئەمەس بەلكىم سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى ئۆزگەرتىش ئۆچۈن بالا توغۇشتىن ۋاز كەچكەن دەپ.بۇ كىنونى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号