باش بەت

durdana

821يوللانما
22مەستانە

ئۈچ خان بىلەن ھەمكارلاشقان يەنە بىر چولپان--ئانۇشكا شارما

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-04 12:13 38 ئىنكاس چۈشتى

ئانۇشكا شارما، 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ھىندىستان كاماتاكا بانگالوردا تۇغۇلغان، ھىندىستانلىق ئايال ئارتىس ھەم مودېل.

ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەجاي كۇمار شارما ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ، ئانىسى ئائىلە ئايالى ئىدى، ئۇنىڭ يەنە سىيرىلما تاختاي بىلەن ھەپىلىشىدىغان كارنېش ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار، شارما كىچىكىدىن ئارمىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن بانگالوردىن كارمىل مونت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ بومبايغا كېلىپ مودېللىق ساھەسىگە تەرەققىي قىلغان، 2007-يىللىق ئەتىياز ۋە يازلىق كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىدە ھالقىلىق مودېل بولۇپ تاللانغان.

2008-يىلى «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر» فىلىمىدىكى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى فىلىمى ئىدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ھەر خىل روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. 2008-يىلى شاھرۇھخان بىلەن ھەمكارلاشقان بۇ فىلىمى بىلەن ئۇ بوللىۋودتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى ئارتىس دەپ تەرىپلىنىپ، ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان.

2010-يىلى «قۇرۇق قول شىركەت» فىلىمىدە ئۇ «تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر» دىكى ئوبرازىغا ئوخشىمايدىغان مۇستەقىل خاراكتېرلىك بۇلبۇلنىڭ ئوبرازىنىڭ ياراتتى، شۇ يىلى ئۇ يەنە Maneesh Sharma رېژىسسورلۇقىدىكى «ياشلىق ئارزۇسى» فىلىمىدە رول ئېلىپ، بۇ فىلىم بەش ھەپتىدىلا 214 مىليون رۇپىيەلىك بېلەت كىرىمى ياراتقان، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ فىلىمفەر مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى باش ئايال پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى ئۇ يەنە شاھرۇھ خان ۋە كاترىنا بىلەن ھەمكارىلىشىپ «مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوق» فىلىمىدە رول ئېلىپ، ھىندىستان كىنولىرىنىڭ كۆرۈرمەنلەر مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2014-يىلى ئامىرخان بىلەن «pk» دە رول ئېلىپ، جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ تونۇلدى.

2015-يىلى ئۇ ئۆزى فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ ھەم رول ئېلىپ «دۆلەت يولى 10-نومۇر» نى ئىشلىدى.

2016-يىلى «سۇلتان» دا سالمان خان بىلەن ھەمكارلاشتى. يېقىندا ئۇ يەنە «دىلغا چۈشتى مۈشكۈل» فىلىمىدە رانبىر كاپور بىلەن ھەمكارلاشتى.

بوللىۋود ئارتىسلىرى ئىچىدە ئۇ چەكسىز سېھرىي كۈچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قابىل ئايال ئارتىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۆتىۋەر1 ئاي ئىلگىرى

    ئەمما گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ ،ئانۇشكاغا بەك چىرايلىق كۆيمەن دە شۇكىنىودكى ھالتى ھازرمۇ با بولسدى كاشكى نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە …ھەي

  • مۆتىۋەر1 ئاي ئىلگىرى

    تەڭىر قوشقان بىر جۈپلەر دىگەن كىنو دىكى ئانۇشكا بەك چىرايلىق ، شۇنداق تەبىئىي ھەم سەبى شۇنداق ياخشى ئالغان رولكەن بۇ ماڭا ئانۇشكانىڭ شۇ 2كىنوسى بەك يارايدۇ

  • جەسۇر1 ئاي ئىلگىرى

    تەڭرى قوشقان بىر جۈپلەر دىگەن كنونڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسنى يوۋكۇدىن ياكى تېڭشۈندىن قانداق تاپىمىز؟پېنيىنچە ئىسمىنى بېسىپ كىرگۈزسەم تاپالمىدىم.

  • جىك2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ قىز بەك ئۇماق بەك يىقىملىق تاتىلىق مەن بۇ قىزغا ئاشىق

  • ERTEN2 ئاي ئىلگىرى

    نازاكەت تورداش توغرا دەيدۇ
    يىڭى ئىشلىگەن كىينوسىنىڭ پەقەتلا تايىنى يوقكەن ، چۈشىنىدىغان يىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايمەن دەپ نەچچە قىتىم كۈرۈپتىمەن تىخى .

  • ھوشۇق پىچاق2 ئاي ئىلگىرى

    ھىنىدىسىتاننىڭ كىنو ناخشىللىىرى چىقىسىلا تۇراممايمەن ،
    ياشىسۇن ھىنىدستان چولپانلىرى سىلەر بولمىساڭلار ، بىز نىمىش قىلاتىتۇقىكىن تاڭ ،،

  • ئارىفە2 ئاي ئىلگىرى

    بەك چىرايلىق.بۇلۇپمۇ بوي تۇرىقىغا كۈيىمەن ...چاچلىرىچۇ تىخى

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    مەن سىزنى بەڭ ياخشى كۇرىمەن يەنە سزنىڭ ناخشىىڭىزغا بەك ئامىراق

  • مىھمان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئاشۇنكا شارما نى سۆيىمەن ئەيلابىيۇ ئاشۇنكا

  • مۇھەرەم2 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭمۇ ئىستىقبالىم بولسا داڭلىق چولپان بولۇپ قالامە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号