باش بەت

tayks

879يوللانما
9مەستانە

49 ياشلىق سېلىن دىئان گۈللۈك پەلتۇ كىيىپ ياشانغان ئاياللارغا ئوخشاپ قالدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-04 13:08 4 ئىنكاس چۈشتى

كانادالىق ناخشىچى سېلىن دىئاننى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، ئەينى يىللىرى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «茉莉花» ناملىق ناخشىنى ئېيتقان ھالىتى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ كىلاسسىك فىلىم «تىتانىك»قا ئېيتىپ بەرگەن باش ناخشىسى«My heart will go on!»نى شۇنداقلا 2016-يىلى 1-ئايدا ئۆزىدىن 26 ياش چوڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا يولدىشىنىڭ جەسەت ساندۇقىنى مېھرى بىلەن سۆيگەن ھالىتىنى ئەسكە ئالىدۇ.

يېقىندا مۇخبىرلار ئۇنىڭ فىرانسىيە كوچىسىدا كېتىۋاتقان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ئەينى ۋاقىتتىكى نازىنىن بۈگۈنكى كۈندە ئورۇقلاپ ياغاچتەكلا بولۇپ قالغان بولۇپ، كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلاتتى.

بەلكىم ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن سۆيىدىغان يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئۇ بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولۇشى ياكى بۇ گۈللۈك پەلتۇ ئۇنى قېرى كۆرسىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.

فىرانسىيە پارىژدا پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن سېلىن دىئان Gucci نىڭ گۈللۈك پەلتۇسىنى كىيىپ، يېشىل رەڭلىك Dior Diorever ماركىلىق سومكا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، سومكىسىغا ماسلاشتۇرۇپ يېشىل رەڭلىك ئىشتان كىيىۋالغان، پەلتۇسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاق رەڭلىك ئاياغ كىيىۋالغانىدى.

بىراق ئۇنىڭ بۇ ياسىنىشى ئۇنى 80 ياشلىق مومايلارغا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەيرانمەن4 ئاي ئىلگىرى

    ياۋرو ئامېرىكا تاماشا ساھەسىدە بىردىنبىر ئوچۇق، سېكسىي ھالەتتىكى كىيىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەلىي كۈچكە ئىگە داڭلىق ناخشىچى

  • مىھىرلىك كۆڭۈل4 ئاي ئىلگىرى

    ناخشىلىرىنى بەك ياختۇرىمەن بۇ سىلىدىئاننىڭ بولۇپمۇ تىتانىكنىڭ ناخشىسىنى

  • Mبىلەن C4 ئاي ئىلگىرى

    ئانچە قېرى كۆرۈنمەيدىكەنغۇ ،گۈللۈك پەلتۇ كىسە
    نىمە بوپتۇ .

  • س گ4 ئاي ئىلگىرى

    قىرى خوتۇنكەنغۇ ياشاتىپ نىمە قىلدىكى قىركەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号