باش بەت

خەۋەرلەر

2999يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|بەي شېڭنيەن ۋە ئۇنىڭ قازاق دوستلىرىنىڭ «يېرىم ئۆمۈرلۈك تەقدىرى»

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-04 20:53 2 ئىنكاس چۈشتى

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: فۇكاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە شۈيموگۇ يېزا شەنچۈەن مەركىزىى كەنتىدىن كەلگەن خەنزۇ ماھىر بەي شېڭنيەن راۋان قازاق تىلىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بەي شېڭنيەننىڭ قازاقچىنى بۇنچە راۋان سۆزلىيەلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قازاق دوستىنىڭ 50 يىللىق سەمىمىي دوستلۇقىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

   ئۆز ئارا ياردەملىشىش جەريانىدا پەيدا بولغان چوڭقۇر مىللىي دوستلۇق

1961-يىلى، يۆگەكتىكى بەي شېڭنيەن ئاتا-ئانىسى بىلەن گەنسۇدىن شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرى شۈيموگۇ يېزا شەنچۈەن مەركىزىي يېزىسىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى قازاق ئىدى. ئۇ قازاق دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدى، بىللە تۇرمۇش كەچۈردى، قازاقچە سۆزلەشنى، دومبۇرا چېلىشنى ئۆگەندى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇ راۋان قازاقچە سۆزلەپ، چارۋىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، ئۇ چارۋىچىلارغا كۆكتات تېرىشنى ئۆگەتسە، چارۋىچىلار ئۇنىڭغا قوي-كالا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، 50 نەچچە يىل مابەينىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇ قازاق يۇرتداشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئۇلار بەئەينى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتى.

   بەي شېڭنيەننىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا مۇنداق دەيتتى:« بالام، بىز يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە يېگۈدەك نەرسىمىزمۇ يوق ئىدى، مۇشۇ قازاق قوشنىلىرىمىز بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، بىز ئۇلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.» بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئورناپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ يۇرتتىكى قازاق چارۋىچىلارنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنىغا ئوخشاش كۆرەتتى، چارۋىچىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلدى.  

   2010-يىلى سنېتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى، ئۇنىڭ قازاق «قېرىندىشى» قاۋلەتقان قوڭخاي بىر ئائىلە تاغدىن كۆچۈپ چۈشتى، ئۇلار ئۆي سېلىپ، قوتان ياساپ، يەنە ئىككى بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپ، ئائىلە ئىقتىسادى «مېزىنى باسسا، تېزى كۆرۈنۈپ قېلىش»تەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، بەي شېڭنيەن ئۇلارغا دائىم ياردەم قولىنى سۇندى.   

بەي شېڭنيەن قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ياردەم قىلماقتا.

   بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان سېرىك كەنتتىكى نامرات ئائىلە، 2016-يىلى ماينىڭ ئوتتۇرىلىرى، بەي شېڭنيەن سېرىكنىڭ ساپال خىشنى ئەرزانراق سېتىۋېلىشى ئۈچۈن فۇكاڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى خۇالىڭ بازىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ساپال خىشتىلا سېرىككە 5000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېجەپ بەردى. 2016-يىلى باھاردا، سېرىكنىڭ كىرىمى ياخشى بولماي، بانكا قەرزىنى تۆلىيەلمەي قالغاندا، بەي شېڭنيەن ئۇنىڭغا 5000 يۈەن قەرز ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ بانكىدىكى قەرزىنى تۆلىشىگە ياردەم بەردى.

   بۇ يىل ئاپرېلنىڭ باشلىرى، بەي شېڭنيەن قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئائىلىسىدىكى قېرىندىشىنى باشلاپ، قازاق «قېرىندىشى» يېربولاتنىڭ 120 كىۋادرات مېتىرلىق قوتان سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېربولاتقا ئىش ھەققىدىنلا 5600 يۈەن تېجەپ بەردى.

   بۇ يىل مارتتا، بەي شېڭنيەننىڭ قوشنىسى نۇربېگنىڭ ئايالى كۆزى يورۇش ئالدىدا ئوپېراتسىيە ھەققىگە چىقىش قىلالمىدى، بۇ چاغدا، بەي شېڭنيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نۇربېگكە 4000 يۈەن ئۆتنە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ... ئۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا، كەنتتىكى نۇرغۇن قازاق چارۋىچىلارنىڭ يېڭى خىزمىتى بار بولدى، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، باقمىچىلىق كۆلىمى كېڭەيتتى، بېيىش يولىغا ماڭدى.

  ياخشىلىق مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. بەي شېڭنيەن ئەينى يىللىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىمۇ، قازاق دوستلار ئۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بەردى. 

    2014-يىلى مايدا، بەي شېڭنيەننىڭ قىزى ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، جىددى 300 مىڭ يۈەنگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ بانكىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن قەرز ئېلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا 50 مىڭ يۈەن ئايلانما مەبلەغ كەملەپ قالغاندا، بەي شېڭنيەنننىڭ كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ئادىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئەتىسىلا 50 مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بېرىدۇ.

  

بەي شېڭنيەن مەدەنىيەت قىرائەتخانىسىدا يۇرتداشلارغا پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە سۆزلىمەكتە.

   «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت ھويلىسى» بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىش

   بەي شېڭنيەن قازاق چارۋىچىلارنىڭ «تۇغقىنى»، «دوستى»، شۇنداقلا فۇكاڭ شەھرىنىڭ مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىسى. 2016-يىلى بەي شېڭنيەن يۇرتداشلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۇنۇتمىدى. قىزىنىڭ دۇكان ئېچىپ تاپقان 100 مىڭ يۈەن پايدىسى بىلەن ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت ھويلىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بوش ۋاقتى بولسىلا پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال تەشۋىق قىلدى.

   ئۇ ئۆزى پۇل چىقىرىپ كىتاب سېتىۋىلىپ، ئائىلە مەدەنىيەت كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ چىقتى ھەم پائال ھالدا كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرنال تۈرىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، كەنت ئاھالىسىگە ھەقسىز ئېچىۋەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ھويلىسىدا داۋاملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. قازاق چارۋىچىلار خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرىغا دومبۇرا چېلىشنى، قارا يورغا ئۇسۇلى ئويناشنى، خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرى قازاق چارۋىچى دوستلارغا دراما، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگەتتى. ھەر مىللەت يۇرتداشلار بىللە شاھمات، قارتا ئويناپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق كەيپىيات ياراتتى.

  

بەي شېڭنيەن ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنى مەدەنىيەت قىرائەتخانىسىدا مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇردى.

   قازاقچە توي مۇراسىمى 50 يىللىق مىللەتلەر مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى

   بەي شېڭنيەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ ئوغلۇمغا قازاقچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھەر مىللەت يۇرتداشلىرىمغا زىياپەت بېرىش، ئوغلۇم ۋە كېلىنىمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

   20-ئىيۇن، بەي شېڭنيەننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. بىر مەيدان قازاقچە توي مۇراسىمى فۇكاڭ شەھىرى شىمگۇ يېزا شەنچۈەن مەركىزىي كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. بەي شېڭنيەننىڭ قازاق قېرىنداشلىرى تويدا «قارا يورغا» ئۇسۇلىنى ئويناپ بەردى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلىپ، تويى بولغۇچى قىز-يىگىتكە بەخت تىلىدى. كەنت ئاھالىسى سېرىك مۇنداق دېدى: «بەي شېڭنيەن بىزنىڭ قەدىناس دوستىمىز، بىز بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇق. بۈگۈن ئۇنىڭ ئوغلى توي قىلدى، ئۇنىڭ ئوغلى مېنىڭمۇ ئوغلۇم، بىز ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرى!».

   بەي شېڭنيەن شىمگۇ يېزا شەنچۈەن مەركىزىي كەنتىدە 50 نەچچە يىل تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئۇزاق مۇددەت ياردەم قىلىپ كەلگەن قازاق ئائىلىلەر 65تىن ئاشتى، ئۇلارغا بېرىپ تۇرغان قەرز سوممىسى جەمئىي 360 مىڭدىن يۈەنگە يەتتى. ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر ئاددىي، كىچىك ئىشتا ئۆزى بىلەن قازاق دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى نامايان قىلدى، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

 

 بەي شېڭنيەن ئوغلى بەي ۋېيشىنغا قازاقچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

    «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق «تىرىشىپ جۇڭگو ياخشى تور ئەھلى بولۇش قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەت بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەردىن كەڭ كۆلەمدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسىدىكى سۈرەت، ماقالە، مىكرو سىن فىلىمى توپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر-ئاممىنىڭ  ئۆگىنىش، تۇرمۇش، خىزمەتلەردە بىللە بولۇپ، ئىناق-ئىجىل ياشايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدىغان، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغان تەسىرلىك مەنزىرە ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.

   ★ ئەسەر ئەۋەتىش شەكلى:

ئېلخەت ساندۇقى: wsykslz@163.com  

ئىسىم-فامىلىڭىز، ئالاقىلىشىش ئادرېسىڭىز ۋە ئىدارىڭىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇڭ.

   ★ ئەسەر توپلاش ۋاقتى:

بۈگۈندىن باشلاپ 20-ئىيۇلغىقچە 

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/03/content_606877.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىچەك2 ئاي ئىلگىرى

    ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتپاقلىقى،

  • شوخ شوخ2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىللىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرى مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلسۇن سىلەگە بەخىت مەڭگۈ يار بولسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号