باش بەت

جۇشقۇنجان

3179يوللانما
2مەستانە

ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى فىرانسىيەنىڭ Uberغا قاراتقان شىكايىتىنى قوللىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-05 16:19 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 5-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Uber شىركىتى چوقۇم كىرا ئاپتوموبىللىرى مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەسلىھەتچى يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن Uber شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا جازا قوللىنىشنى قوللايدىكەن. يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى فرانسىيىنىڭ 2014-يىلى ماقۇللانغان بۇ قانۇنىنىڭ قانۇنلۇقلىقى توغرىسىدا كۆرسەتمە پىكىر بېرىدىكەن. Uber شىركىتىنىڭ قارىشىچە بۇ قانۇن لايىھىسى ئۇلارنىڭ UberPop قاتارلىق ئەپلىرىگە قارىتىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى سپۇنار (Maciej Szpunar)نىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن لايىھىسى كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلمايلا UberPop قاتارلىق بىر تۈركۈم قانۇنسىز كىراكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالىسا ياكى چەكلىسە بولىدىكەن. يەنى فرانسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۇقتۇرمايلا Uber شىركىتىگە قارىتا جازالاش قارارىنى يۈرگۈزۈشىنى قانۇنسىزلىق دەپ قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىكەن. گەرچە سپۇنارنىڭ تەكلىپى ھېچقانداق مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، سودىگەرلەر ئادەتتە باش قانۇن مەسلىھەتچىسىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلايدىكەن.

بۇ ئىشقا قارىتا Uber شىركىتى كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېسىمنىڭ نەتىجىسىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. Uber شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار بىر قاتار ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىنى قىلغاندىن كېيىن، UberPop مۇلازىمىتى ئاللىقاچان فرانسىيەدە ئىشتىن توختىغان، شۇنداقلا ئۇلار بۇ مۇلازىمەت ئۈچۈن شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتكە 500 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، UberPop بىر خىل تەننەرخى تۆۋەن، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك مەخسۇس ماشىنا مۇلازىمىتى بولۇپ، ئادەتتىكى شەخسىي ماشىنا ئىگىلىرىمۇ كىرا تارتىش رۇخسىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپلا Uber نىڭ كەسپى شوپۇرى بولالايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号