باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | شىنجاڭلىق كاۋاپچى كەلكۈن ئاپىتىدە ئىللىقلىق يەتكۈزدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-05 18:00 9 ئىنكاس چۈشتى

(تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى پاڭ شۆفاڭ)

 2-ئىيۇل لېتىپ تۇر 1000 زىخ كاۋاپنى چاڭشا شەھىرىنىڭ چاڭشا ناھىيەسى شياڭلۇڭ كوچىسىدىكى قۇم توسمىدا جىددىي ئىشلەۋاتقانلارغا ئاپىرىپ بەردى. ئۇ كاۋاپلارنى كەلكۈن مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ قولىغا بىر-بىرلەپ تۇتقۇزدى. بۇ ئىش تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىق بۇ «كاۋاپچى ئاكا» ئاممىنىڭ، تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. لېتىپ تۇر تېلېفوندا ماڭا مۇنداق دېدى: ئۇلار يۇرتىمىزنى قوغداۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشۇم كېرەك.

 1000 زىخ كاۋاپ ئامما قەلبىنى ئىللىتتى

 2-ئىيۇل «شىنجاڭلىق كاۋاپچى خۇنەندىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە يۈرەكلەرنى ئىللىتتى» ماۋزۇسىدىكى خەۋەر تورداشلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى، خەۋەردىكى باش پېرسوناژ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن لېتىپ تۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىدى.

 مەن 3-ئىيۇل چۈشتە لېتىپ تۇرغا تېلېفون قىلغاندا ئۇ شياڭلۇڭ كوچىسىدىكى قۇم توسمىدىن ئەمدىلا يانغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاپەت ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى، نەق مەيداندا ماددىي ئەشيامۇ ناھايىتى يېتەرلىك، مەن قايتقاندىن كېيىن يەنە يېرىم قوينىڭ گۆشىنى تەييار قىلىپ قويىمەن. كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولسا مەن دەررۇ يەتكۈزۈپ بېرىمەن» دېدى.

 يېقىنقى كۈنلەردە جەنۇبىي جۇڭگو، بولۇپمۇ خۇنەن، گۇاڭشى قاتارلىق رايونلاردا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. خۇنەن ئۆلكىسىدە ئاپەت ئېغىر بولدى، نۇرغۇن يوللار ۋەيران بولدى. لېتىپ تۇر تۇرۇۋاتقان چاڭشا ناھىيەسىنىڭ شياڭلۇڭ كوچسىمۇ ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىدى. شياڭلۇڭ كوچا بۆلىكىدىكى ئېگىز قۇم توسمىسىنىڭ سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى. 2000 دىن ئارتۇق مەھەللە كادىرى، ئامما ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى خادىم كەلكۈنگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندى.

 لېتىپ تۇر دەريا سۈيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئەنسىزلىكتە ئولتۇرالماي قالدى. 1-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۇ ئېگىز قۇم توسمىسىغا كەلدى، كەلكۈن مۇداپىئە خادىملىرى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالدى. ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن خوتۇنى بۇزەينەپگۈلنى ئۆيىدىكى بارلىق قوي گۆشىنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى، ئۆزى گۆش توغرىدى، ئوغلى گۆشنى زىخقا ئۆتكۈزدى.

 2-ئىيۇل سەھەردە لېتىپ تۇر نەچچە يەشىك مىنېرال سۇ، مېۋە-چېۋە ۋە پىشۇرغان كاۋاپنى ئېلىپ ئېگىز قۇم توسمىسىغا كەلدى. مەزىلىك كاۋاپلار كەلكۈن مۇداپىئە خادىملىرىغا سۇنۇلدى...

 لېتىپ تۇر توسمىدا ئىشلەۋاتقانلارغا مۇنداق دېدى: ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، تۈزۈت قىلماڭلار! مەنمۇ چاڭشا ناھىيەسىنىڭ بىر ئاھالىسى، كەلكۈن ئەھۋالى ۋە جاپا چېكىۋاتقان قېرىنداشلارنى كۆرۈپ، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇلنى قاچانلا بولسۇن تېپىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما يۇرتىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.

 «ياخشى كۈنلەردىمۇ، جاپالىق كۈنلەردىمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە بولۇشۇم كېرەك»

 لېتىپ تۇرغا ياردەملىشىپ كاۋاپلانى نەق مەيدانغا بىللە ئاپىرىپ بەرگەن كىشى دەل ئۇنىڭ يېقىن دوستى، شياڭلۇڭ كوچا ئىش باشقارمىسى شياۋشياڭلۇ مەھەللە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جيەنسۇڭ ئىدى. سۈن جيەنسۇڭ مۇنداق دېدى: لېتىپ تۇر ناھايىتى قىزغىن ئادەم، ئادەتتە قوشنىلار ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.

 لېكىن، لېتىپ تۇر بۇ ئىشلارنى كىچىك ئىش، ئىككىنچى يۇرتۇم ئۈچۈن قوشقان تۆھپەم، دەپ ئويلايتتى.

 لېتىپ تۇر مۇنداق دېدى: مەن چاڭشادا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقىلى يەتتە يىل بولدى. يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ھېچيەرنى بىلمەيتتىم، مەھەللىدىكى كادىرلار ماڭا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلدى.

 لېتىپ تۇر 16 ياشقا كىرگەندە يۇرتىدىن ئايرىلىپ خۇنەنگە ئىشلىگىلى كەلگەنىدى. 2013-يىلى ئۇ چاڭشا ناھىيەسىدە ئولتۇراقلاشتى ھەم كاۋاپچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. 2016-يىلى لېتىپ تۇرنىڭ چوڭ ئوغلى مەكتەپكە كىرىش يېشىغا يەتتى، بىراق ئۇ تۇرۇۋاتقان رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نورمىسى توشۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئوغلى مەكتەپكە كىرىشكە ئامالسىز قالدى. بۇ چاغدا بېشى قاتقان لېتىپ تۇرنىڭ ئېسىگە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جيەنسۇڭ كەلدى.

 سۈن جيەنسۇڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلدى.

 لېتىپ تۇر مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى ماڭا ياردەم قىلىپ كەچلىك بازاردىن يايما ئورنى ئېلىپ بەردى، مەن چاڭشاغا كەلگەندىن بېرى مەھەللە كادىرلىرى ۋە قوشنا-خۇلۇملانىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتىم. شىنجاڭمۇ، چاڭشامۇ مېنىڭ يۇرتۇم، ياخشى كۈنلەردىمۇ، جاپالىق كۈنلەردىمۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە بولۇشۇم كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/05/content_607235.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇردىمەمەت، خۇتەن قارقاش3 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداق،ھەقىقەتەن ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ

  • ئابدۇللا4 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى ھال سوراش بوپتۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەممىز ئورتاق كۆڭۈل بۈلشىمىز كىرەك

  • يەك دىل4 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئانارنىڭ دانىسىگە ئوخشىتىش بەك ئاقىلانە ئوخشىتىش بوپتۇ مەن بەك ياختۇردۇم ئىتتىپاقلىق مەڭگۈ داۋام ئەتسۇن

  • شوڭقار4 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلمەنمۇ بەك تەسىرلەندىم.

  • ئابلىكىم4 ئاي ئىلگىرى

    ما ھال سوراش ھەقىقەتەن ئەرزان توختاپتۇ

  • سودىگەر4 ئاي ئىلگىرى

    يارايسىلە بۇرادەرلە مەنمۇ قارقاشتىن باشقىلارمۇ ئۆگۈنىشىمىز كىرەك سىلەردىن

  • خوتەن-ئىلچى4 ئاي ئىلگىرى

    ئىجىل ئىناق بولسا ھەر مىللەت، كۆرۈنمەيدۇ ھەر جاپا كۆزگە ،ھەممە مىللەت جۇڭخۇا پۇخراسى، يۇرتىمىز يوق جوڭخۇا دىن ئۆزگە. ..... بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.

  • r m n4 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىمىز شۇنداق قىلالساق ۋەتىنىمىز تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ

  • قۇترىغان ئەجدىھا.4 ئاي ئىلگىرى

    ھەممەيلەن لىتىپ نۇردىن ئۈگىنەيلى
    56مىللەت ھەممىمىز قان قىرىنداش
    ھھەممەيلەن ھەركەتكە كىلىپ ئاپەت رايۇنىغا ياردىمىمىزنى ئايمايلى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号