باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-05 22:15 2 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان خوجىلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر تەلئەت سۇلتان

 كىچىك چاغلىرىمدا چوڭ ھويلىدا خەنزۇ دوستلىرىم بىلەن پېشايۋان ئاستىدا سوقماق ئوينىغانلىرىم، كارىدوردا مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم، چوڭ ھويلىدا كۈلكە – پاراڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقى؛ چوڭ بولۇپ ئىشقا چۈشكەن چاغلىرىمدا خەنزۇ خىزمەتداشلارنىڭ ماڭا قولمۇقول كەسىپ ئۆگىتىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىگىنىمىز؛ پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتىمدا پېشقەدەم شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىم بەرگەنلىكى؛ قۇربان ھېيتتا ھەر مىللەت دوستلارنىڭ بەخت تىلىگەنلىكى ھازىرمۇ ئېسىمدە بار. شۇ چاغلاردىن قالغان ئەسلىمە تولىمۇ تاتلىق ھەم ئىللىق بولۇپ، جەمئىيىتىمىزدە ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق ئىدى.

 ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، دىن تونىغا ئورىنىۋالغان بىر ئوچۇم بۆرىلەر پەيدا بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى بۇرمىلاپ، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، ئاق – قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. قانلىق پاكىت بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قىلىۋاتقىنى جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىش، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

 مەن ئاشۇ زوراۋانلارغا شۇنداق جاكارلايمەنكى: سىلەر ھامان مەغلۇب بولىسىلەر! ۋەتەننى پارچىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ھەر قانداق جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ، مۇقەررەر ھالدا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا، قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ سىلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىڭلار ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك، ئۆز بېشىنى ئۆزى يېگەنلىك.

 مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر كادىر، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار؛ مەن پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمەن، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىلغارلىقىمنى يوقاتمايمەن، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولساممۇ پارتىيەدىن ئايرىلماي، شەرەپلىك تارىخىمنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىمەن؛ تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچقۇچى، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاقىللار ئامبىرى، جەمئىيەتكە قىزغىن مۇلازىمەت قىلغۇچى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلىگۈچى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋارىسى، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتىدىغان ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

 مەن ئورگان خوجىلىق ئىدارىسىدىكى بارلىق پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-07/05/content_607121.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەخىت سەپرى2 ئاي ئىلگىرى

    ساقچىلىرمىزغا جاپالىق كۆرەش قىلۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى گۇللەپ ياشنىشىنى 56 قىرىنداش مىلەتنىڭ ئىناق بەختىيار بولشى ئۇچۇن ھەمىمىز تىرشىايلى چۇنكى بۇ چوڭ ئائىلدە تۇغلۇپ چوڭ بولدۇق بىز ئۇنىڭغا قەرىزدار جاۋاپ قايتۇرشىمىز مىنەتدار بولشىمىز كىرەك

  • پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزسىدىن خاسىيىەتگۇل يۇسۇپ2 ئاي ئىلگىرى

    ،مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبورىيتى،ياشىسۇن جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号