باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

كېلىنى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا ئۆزگىرىپ قالدى، ئاچچىقلانغان ئەر ئۇلارنى قاتتىق ئۇردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-05 23:38 15 ئىنكاس چۈشتى

تەيخەي تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى:

خەيشيا مەركىزى شەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرەيلەن ساقچىغا ئۆزىنىڭ تاياق يېگەنلىكىنى ئېيتقان. 4-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 ئەتراپىدا 27 ياشلىق خېنەنلىك ئايال ئالىڭ نەنئەن شەھىرى شۈيتوۋ بازارلىق ساقچىخانىغا كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان.

ئالىڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرگەن ساقچىلار دەرھال ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىڭنى ئۇرغان 45 ياشلىق ئاسەينى ئىزدىگەن.

ساقچىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، 45 ياشلىق ئاسەي دەرۋەقە ئالىڭنىڭ قېيىنئاتىسى ئىكەن، شۇنداقلا يەنە ئاسەي ئالىڭنىڭ يولدىشىنىڭ ئاكىسى ئىكەن.

ئەسلىدە ئالىڭ بىلەن ئاسەينىڭ ئوغلى ئايۈ ھەقىقىي ئەر خوتۇن بولۇپ، ئىككىيلەن يۇرتى خېنەندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئەمما توي خېتى ئالمىغان.

2015-يىلى ئالىڭ بىلەن ئايۈ بىرلىكتە نەنئەن شەھىرى شۈيتوۋ بازىرىغا بېرىپ، ئايۈنىڭ دادىسى ئاسەينىڭ قاشتېشى دۇكىنىنى ئاچماقچى بولغان. ئەمما نەچچە ئايدىن كېيىن ئىككىيلەن يوشۇرۇن كېلىشىم ئىمزالاپ ئاجراشقان، بىراق بۇ ئىشنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ئېيتمىغان. ئاسەي خېنەندىكى ئۆيىگە قايتىپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۈرۈۋەرگەن.

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاسەي خېنەن ئۆلكىسىدىكى يۇرتىدىن شۈيتوۋ بازىرىغا قايتىپ كېلىپ، ئالىڭغا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغان، خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ، ئاسەينىڭ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان. خەتتە ئالىڭنىڭ ئاسەينىڭ ئىنىسى ئادو بىلەن توي قىلغانلىقى يېزىلغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ ئالىڭ ئاسەينىڭ كېلىنىدىن ئىنىسىنىڭ ئايالىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئاسەي ئاچچىقىدا ساراڭ بولايلا دەپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئالىڭنى ئىزدەپ بېرىپ بۇ ئىشلارنى سورىغاندىن كېيىنلا ئۆز ئىنىسىنىڭ راستلا كېلىنى بىلەن توي قىلغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلمەي يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

ئاسەينىڭ ئىنىسى ئادو بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇمۇ شۈيتوۋ بازىرىدا قاشتېشى دۇكىنى ئاچىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادونىڭ خوتۇن بالىلىرى بار بولۇپ، كېيىن ئالىڭ بىلەن تېپىشىۋالغاندىن كېيىن، ئايالى ئېرىنىڭ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقان ئىكەن.

كېيىن ئالىڭ ئادو بىلەن نىكاھىنى تىزىملاتقان.

بۇنداق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى بىز ئادەتتە پەقەت كىتابلاردىلا كۆرەتتۇق، رېئال تۇرمۇشتا بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىمىز، كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۈرەت بىلەن تەسۋىرلەيمىز:

4-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئاساي ئاچچىقىغا پايلىماي باشقىلارنى چاقىرىپ، بىرلىكتە ئالىڭنى ئۇرغان ئىكەن.

شۇ كۈنى ساقچىلار ئىككى تەرەپكە نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىيلەن ئۆزلىرى كېلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالىپ ئەرتۇڭا4 ئاي ئىلگىرى

    ئاسەينىڭ كېلىنى ئالىڭ ئوغلى ئايۈ بىلەن ئاجرىشىپ ئىنىسى ئادو بىلەن توي قىلىپتۇ

  • يۈسۈپچان0074 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خۇددى ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۈپ تۇرۇپتۇ، تۈپنى كۈپ تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ ياكى كۈپنى تۈپ تۇرۇپتىمۇ دىگەندەك گەپكەن

  • يۈسۈپچان0074 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خۇددى ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۈپ تۇرۇپتۇ، تۈپنى كۈپ تۇتۇپ تۇرۇپتىمۇ ياكى كۈپنى تۈپ تۇرۇپتىمۇ دىگەندەك گەپكەن

  • sansizman4 ئاي ئىلگىرى

    بىر چۈشەنگەن بولسام ئۈلەي

  • ئىلى ئوغلى4 ئاي ئىلگىرى

    ئالغا مادىرىت ... كەچۈرۈڭلار خاتا كىرىۋاپتىمەن

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    ئايال ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ ،ئېرىنىڭ تاغىسى بىلەن توي قىپتۇ .ئايالنىڭ قېيىنئاتىسى ئىشلارنى بىلىپ ئاچچىقلىنىپتۇ ئاچچىقلىنىپتۇ .مۇشۇنداق ئىشكەن ،تۇرمۇشتىمۇ بەزىلەر ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ ،ئېرىنىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسى بىلەن توي قىلىدۇ ،ھەي بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى .

  • پۇتىن4 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىر ئوقۇپلا چۈشەندم 30؟؟؟؟؟

  • بۈركۈت4 ئاي ئىلگىرى

    مەرگەن تورداش چۈشنىپتۇ ،خۇتۇنى ئىرىنڭ تاغسغا تىگىۋاپتۇ

  • يولسىز4 ئاي ئىلگىرى

    ئىنتايىن چۈشنىشلىك ئاددىي ئىشكەنغۇ ئوغلى خۇتۇن ئاپتۇ لېكىن توي خېتى ئالماپتىكەن كىيىن كىلىنى قېيناتىسىنىڭ ئىنىسى بىلەن تېپىشۋاپتۇ يەنى توي خېتى ئېلۋاپتۇ بۇنى قېيناتسى ئۇقىپ قېلىپ ئۇرۇپتۇ شۇنچىلىك ئاددىي ئىشكەنغۇ
    يەنە قەيەرىنى چۈشەنمىدىڭلا

  • مەرگەن4 ئاي ئىلگىرى

    كىلنى ئوغلىدىن ئاجىرشىپ ئىنىسىغا تىگىپتۇ ،يەنى بۇرۇنقى ئىرنىڭ تاغىسىغا تىىگپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号