باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

ۋولۋو 2019-يىلى بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقرىشنى توختىتىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 01:26 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋولۋو 2019-يىلى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇ ۋاقىتتا ۋولۋونڭى بارلىق يېڭى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى توكلۇق ياكى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل بولىدۇ. 

ۋولۋو يەنە 2019-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۈچ خىل ئەڭ يېڭى ساپ توكلۇق ۋولۋو ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى خىل يۇقىرى ئىقتىدارلىق Polestar توكلۇق ئاپتوموبىلى چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بارلىق يېڭى نۇسخىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىللارغا دىزېل-بېنزىن قوش ماتور ۋە 48 ۋولتلىق ئېلېكتىر ئېنىرگىيەلىك ئارىلاش توكقا چېتىش تىپىدىكى ماتور سەپلىنىدۇ. 

ۋولۋولنىڭ CEOسى Samuelssonنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار ئىچىدىن يانىدىغان دېۋگاتىل دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ۋولۋو 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىر مىليون يۈرۈش ئېلېكتىرلەشكەن ئاپتوموبىل سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىدى ھەمدە بۇ پىلاننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ يىل 5-ئايدا ۋولۋو ئاندروئىد سىستېمىنى كېيىنكى ئەۋلاد ئاپتوموبىلغا كىرگۈزگە تۇنجى كارخانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بۇ يەردە دېيىلگەن «ئاندروئىد سىستېما» Android Auto بولماستىن بەلكى ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىدىغان ئاندروئىد مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ماشىنىنىڭ كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسىدە ئىجرا بولىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە ۋولۋو ئۆزەك كارخانىسى Nvidia بىلەن ھەمكارلىشىپ 2021-يىلى بازارغا سېلىنىدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋولۋونىڭ تەكرار ھەرىكەتلىرى ئۇنى ئاپتوموبىل تەرەققىيات يولىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان شىركەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇللا4 ئاي ئىلگىرى

    نېمانداق ئالدىراپ كەتتى بۇ ۋولۋو ياكى بولمىسا تېخنىكا پىشىپ يېتىلدىمۇ يا؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号