باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

كارىۋاتنىڭ ئاستىدا 3 يىل ساقلانغان 200 مىڭ يۈەن پۇل كۆكىرىپ سېسىپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 17:00 3 ئىنكاس چۈشتى

چېڭدۇ سودا گېزىتى خەۋىرى 

بانكا سېسىپ كۆكىرىپ كەتكەن 190 مىڭدىن ئارتۇق پۇلنى «قۇتقۇزۇۋالدى»، ئۇنداقتا بۇزۇلۇپ يىرتىلىپ كەتكەن پۇللار قانداق ئۆلچەم بويىچە ئالماشتۇرۇلىدۇ؟ 

200 مىڭ يۈەن پۇلنى كارىۋاتنىڭ ئاستىدا ئۇدا 3 يىل ساقلىغاندا، بۇ پۇللار قانداق بولۇپ قالىدۇ؟ يېقىندا ۋېنجياڭ رايونىدىكى ما فامىلىلىك ئايال (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەل بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان. 3 يىل ئىلگىرى ئۇ 200 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرغان، ئاتا-ئانىسى بۇ پۇللارنى «ئەڭ بىخەتەر» دەپ قارىغان كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ ساقلىغان. يېقىندا ما خانىم ئۆي سېتىۋېلىشقا پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ ھېلىقى كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى پۇلنى ئالماقچى بولۇپ كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى پۇل سېلىنغان ساندۇقنى ئېچىپ چۆچۈپ كەتكەن. 200 مىڭ يۈەن پۇل بىر بىرسىگە چاپلىشىپ كۆكىرىپ كەتكەن. 

ما خانىم بۇ پۇللارنى بانكىغا ئاپىرىپ تېگىشتۈرمەكچى بولغاندا، بۇ كۆكىرىپ كەتكەن پۇللاردىن چىققان سېسىق پۇراقتىن بانكىدىكى بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن. بانكىدىكى يەنە بىر خىزمەتچى خادىممۇ بۇ پۇللارنى 10 سائەت ئەتىراپىدا ساناپ رەتلىگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىپ ئامالسىز ماسكا تاقىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. بانكا ئالتە نەپەر  خىزمەتچى خادىمنى ئاجىرىتىپ 11سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بۇ پۇللارنى ئايرىپ قايتا چاپلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بانكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ما خانىمغا 190 مىڭدىن ئارتۇق پۇلنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.

بۇزۇلغان يىرتىلغان خەلق پۇلىنى قانداق تېگىشكىلى بولىدۇ؟

ئەسلىدىكى قىممىتىنىڭ پۈتۈن سوممىسى بويىچە تېگىشىش: پۇلنى يۈزىدىكى قىممىتىنى پەرق ئەتكىلى بولسا، پۇل يۈزىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن ئارتۇق (تۆتتىن ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساق قالغان بولسا، پۇلدىكى نەقىش، خەتلەر ئەسلىدىكى بويىچە ئۇلىنىپ بېرىلىدۇ. 

ئەسلىدىكى قىممىتىنىڭ يېرىمى سوممىسى بويىچە تېگىشىش: پۇلنى يۈزىدىكى قىممىتىنى پەرق ئەتكىلى بولسا، پۇل يۈزىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن كەم (ئىككىدىن بىر قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يىرى ساق قالغان بولسا، پۇلدىكى نەقىش، خەتلەر ئەسلىدىكى بويىچە ئۇلىنىپ بېرىلىدۇ.

كۆكىرىپ كەتكەن پۇللاردىن چىققان سېسىق پۇراقتىن بانكىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن.

6- ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، چېڭدۇ شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسىنىڭ ۋېنجىياڭ خۇيمىندىكى تارماق بانكىسىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ يېرىم سائەت ئۆتۈپ، بىر خانىم قولىدا يوغان بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلگەن. بانكا دېرىكتورى ۋەنمىڭنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئايال شۇ كۈنى بانكىغا چىرايى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلگەن بولۇپ بانكىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېگىشكىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغان.

مۇخبىر نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتتىن تۇتام-تۇتام يۈز يۈەنلىك پۇللارنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكنى، بەزى پۇللارنىڭ ھەتتا بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ۋەنمىڭنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ پۇللار زەي يەردە تۇرۇۋېرىپ بىر-بىرسىگە چاپلىشىپ كەتكەن، شۇڭا بۇ پۇللاردىن بىر خىل سېسىق پۇراق تارقالغان ئىكەن. پۇراق بەك كۈچلۈك بولغاچقا بانكىدىكى بېي ئايال خادىمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتكەن. پۇل تېگىشكىلى كەلگەن ما خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئەينەكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپمۇ كۈچلۈك سېسىق پۇراقنى پۇرىغانلىقىنى ئېيىتقان. 

پۇلنى تېگىشىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بانكا خادىمى تاڭ جيې مۇخبىرغا، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ھېلىقى پۇللارنى رەتلەپ بولۇپ ئاشقازىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى، ئەتىسى ئىشقا كەلگەندە ماسكا تاقىۋېلىپ ئاندىن داۋاملىق پۇللارنى رەتلىگەنلىكىنى ئېيىتقان. 

پۇللىرىدىن ئەنسىرەپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىغان ما خانىم 

 ما خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيىتىپ بېرىشىچە، پۇل جەمئىي 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ پۇللارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز 5~6 يىل ئىشلەپ يىغقان ئىكەن. 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يىغقان پۇلىنى ئۆيىدىكىلىرىگە ساقلاپ قويۇشىغا بەرگەن. ئۇ چاغلاردا مەن خىزمەت قىلىپ ئالدىراش بولغاچقا بانكىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمەي ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان. ما خانىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ بانكىغا پۇل قويۇش ئادىتى بولمىغاچقا ئۇ پۇللارنى ئۆزلىرى بىخەتەر دەپ ئويلىغان كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان. كارىۋاتنىڭ ئاستى زەي بولغاچقا بۇ پۇللار ئاقىۋەتتە مانا مۇشۇنداق كۆكىرىپ كەتكەن. 

يېقىندا ما خانىم ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتا ئانىسىدىن ھېلىقى پۇلنى ئالماقچى بولغان، ئۇلار كارىۋات ئاستىدىكى ساندۇق ئىچىدىن پۇللارنى ئېلىپ چۆچۈپ كەتكەن، ئۇ پۇللار كۆكىرىپ چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئاجىرىتىشمۇ تەسكە توختىغان. ما خانىم پۇللىرىدىن ئەنسىرەپ بىر كېچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان. ئەتىسى ئۇ بۇ پۇللارنى تېگىشتۈرۈش ئۈچۈن بانكىغا ئېلىپ كەلگەن. 


 بانكا 190 مىڭدىن ئارتۇق پۇلنى تېگىشىپ بەرگەن.

بانكىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار بۇ پۇللارنى ناھايتى ئاۋايلاپ ئاجىرىتىپ چىققان بولۇپ، بىراق پۇللارنىڭ سىرتقى يۈزى كۆكىرىپ كەتكەچكە بىر ئاز تەسكە توختىغان. تاڭ جيېنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ پۇللارنى پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا سالسىمۇ ئەسۋاب بۇ پۇللارنى تەكشۈرەلمىگەن. ئۇلار ئامالسىز شامالدۇرغۇچ ئەكىلىپ پۇللارنى بىر-بىردىن قۇرۇتقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ پۇللارنى پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋانىغا سېلىپ تەكشۈرگەن. 

تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم پۇللار تولۇق ئەمەس بولغاچقا، تاڭ جيې بىلەن باشقا خىزمەتچى خادىملار بۇ پۇللارنى چاپلاپ رەتلىگەپ بىر ۋاراق-بىر ۋاراقتىن سېلىشتۇرغان. قالغان 247 ۋاراق پۇلنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامان بولۇپ تېگىپ كەتسىلا يىرتىلىپ كېتىشكە ئاران قالغان ئىكەن. ئۇلار يۇقىرىغا يوللاپ بېرىش ئارقىلىق 10450يۈەن پۇلنى تېگىشىپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 7 ۋاراق پۇلنى يېرىم باھا بويىچە تېگىشكەن. بىرىنچى كۈنى بانكا ئىككى سائەت كېيىن خىزمەتتىن چۈشۈپ ما خانىم ئۈچۈن 110 مىڭ يۈەن پۇلنى تېگىشىپ بەرگەن. ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەن داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق قالغان 80 مىڭ 395 يۈەننى تېگىشىپ بەرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق5 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭمۇ بۇمۇ پۇل دىگەننى بانكىدا ساقلىمامدۇ

  • ئاق گۈل5 ئاي ئىلگىرى

    يوۋۋۋ ھەجەپ ئومدان بوپتا … تازا خوش بوغان چىراي ئىپادىسى

  • ئەركەم5 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ چوڭ دادام رەھمەتلىك پۇلىسى كۆپ بايلارنى كۆكىرىپ كەتكەن پۇلىسى بار دەپ تەسۋىرلەيدىغان…ماۋۇ راستىنلا پۇلنى كۆكەرتىپ قۇيۇپتا…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号