باش بەت

خەۋەرلەر

3027يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|كەنت خىزمىتىدىكى «ئاكا-ئۇكىلار»

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 18:17 0 ئىنكاس چۈشتى

    

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېڭ جويى) «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى تۈپەيلى تونۇشقىنىغا بىر قانچە ئاي بولغان بولسىمۇ، خىزمەتتىكى ئوخشاش بىر نىشان، خىزمەت داۋامىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن قىلدى. ئۇلار بولسا شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى ئاياغ لىغىلدىما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مەخمۇت تۇراپ ۋە چېن شىنگاڭ.

    ئاياغ لىغىلدىما كەنتى 1-گۇرۇپپىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ھەر كۈنى ئېتىز بويىدا مەخمۇت تۇراپ بىلەن چېن شىنگاڭنىڭ سىماسىنى كۆرىدۇ، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك سەمىمىي، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشدۇ. ئۇلار ئىككىسى ھەر كۈنى ئون نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭىشىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى بولۇپ قالدى.

    خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمراھلار

    بۇيىل فېۋرالدا، مەخمۇت تۇراپ بىلەن چېن شىنگاڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاياغ لىغىلدىما كەنتىگە كەلدى، بۇرۇن قىلچە تونۇشمايدىغان بۇ ئىككىيلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى داۋامىدا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. مەخمۇت تۇراپ ئۇزۇن يىل جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، يېزىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ، كەنىتتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق. چېن شىنگاڭنىڭ يېزا خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل، ئۇيغۇرتىلى ئاساسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەت جەھەتتە ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقىمۇ بىر قەدەر چوڭ ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى خىزمەت ئارىلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى بىرلىكتە ئەستايىدىل ئۆگەندى.

   جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسە، خىزمەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەخمۇت ئۆزىنىڭ تىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چېن شىنگاڭنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە ياردەم قىلدى. يىغىن خاتىرىسى، خىزمەت ماتېرىيالى يېزىش جەھەتتە، چېن شىنگاڭ مەخمۇتقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەنزۇ تىلىدىن ياردەم بەردى.‹‹ قوش تىل ›› ئۆگىنىشتىكى ئورتاق ئارزۇ ئۇلارنى بىرلىكتە ئۆگىنىش يولىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ئۆز ئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش، خەنزۇتىلىنى جايىغا ئىشلىتىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىش، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ تىل ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

    تۇرمۇشتا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەت ئەزالىرى دائىم نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، تاماق مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ، ئۆيىدە تاماق ئېتىپ باقمىغان مەخمۇت ئۈچۈن بۇ بىر قىيىنچىلىق بولدى، چېن شىنگاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، تاماق ئېتىشنى ئۆگەتتى، ئۇلار بىرلىكتە ئاشخانىدا تاماق ئەتتى. كۆپچىلىك ئۇلار ئەتكەن تاماقلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاكا-ئۇكىلار تامىقى »دېيىشتى. ئۇلار خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە قىلچە شەكىلۋازلىق قىلماي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەربىر ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلدى. ھەر كۈنى خىزمەت يىغىنىدا، ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن كونكرېت ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    كەنت ئاھالىلىرى قەلبىدىكى چىن دوست

    مەخمۇت ۋە چېن شىنگاڭ خىزمەت جەريانىدا كەنت ئاھالىلىرىگە چىن مۇئامىلىدە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلدى. بىر كۈنى، ئىككى ئائىلە زىددىيەتلىشىپ قالدى، مەخمۇت بىلەن چېن شىنگاڭ دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپ مۇرەسسە قىلدى، سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئائىلە بىر كەنتتە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئەمگەكتە بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ياشاش لازىملىقىنى ئېيتتى.

    خىزمەت جەريانىدا ئۇلار ئىككىسى باشتىن-ئاخىر ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىغا پائال ياردەم قىلىپ، ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. كەنت ئائىلىلىرى ئۇلارغا ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنكاس قىلغاندا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەل قىلىشتى.

    مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شۇ كەنتنىڭ 3-گۇرۇپپىسىدىكى بىر نەچچە ئائىلىلىك 60 نەچچە مو يېرىنى ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرماي، ئارقىغا سۆرىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كوللېكتىپ يۇقىرىغا ئەرز قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى مەخمۇت بىلەن چېن شىنگاڭ بىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ، يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىجارە ھەققىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، زىددىيەت يۈز بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

    كەنت ئاھالىلىرى: خىزمەت ئەترىتى ياخشى!

    خىزمەت ئەترىتى كەنتتە « 1 + 2 + 5 » بويىچە 8 تۈرلۈك ۋەزىپىنى قانات يايدۇردى، مەخمۇت تۇراپ بىلەن چېن شىنگاڭ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى كېڭەيتتى، دېھقانلار كەچلىك كۇرسلىرىنى ئېچىپ، كۇرسلاردا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقىنىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ .

    ئەمەلىيەتتە، مەخمۇت تۇراپ بىلەن چېن شىنگاڭغا ئوخشاش كەنت خىزمىتىگە چۈشكەن ئوخشىمىغان مىللەت كادىرلىرى «ئاكا-ئۇكا»لارغا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار يېزا-كەنتلەردە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش»تا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا ئۈلگە بولىدۇ. ئۇلاردەك سانسىزلىغان پارتىيەلىك كادىرلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتىدۇ .

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/06/content_607385.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号