باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشتەك شەرەپلىك بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 17:59 0 ئىنكاس چۈشتى

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى باقتىيىپ ئىنايەت

 ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھە دەپ پىلانلاپ ۋە سادىر قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئۆزلىرىنىڭ زەمبىرىكىگە يەم قىلدى؛ دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىياسىتىنى قارىغۇلارچە ئەيىبلەپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

 كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىر ھويلىدا ياشىغاچقا، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان ئىللىقلىقنى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، يېتەكلىگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشىمەن.

 بىز جۇڭگولۇق، دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، زامانىۋى جەمئىيەتكە ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى، مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرغىلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، تېخىمۇ كۆپ ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت خەلققە ئەقىل – پاراسىتىنى بېغىشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تىلى بىلەن ئانا تىلنى ئۆگىنىش قىلچە توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ، يەنە بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىدۇ. دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 ‹‹مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ساقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىمىز؛ تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەممىمىز ‹‹مۇسۇلمانچە›› ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشىمىز؛ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشىمىز؛ دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرنى تۇرغۇزۇپ، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەم ‹‹مۇسۇلمانچە›› بەلگىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىلمىي يېتەكلىشىمىز كېرەك.

 ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى بايقىغان ھامان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي قارشى تۇرىمەن؛ ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رېئال زىيىنىنى ئېنىق تونۇشىغا ياردەم بېرىمەن؛ پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تونۇشۇم ھەم دىلىم بىلەن تىلىمنى بىردەك قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئالدىدا ماڭىمەن.

 بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دىنىي زاتلار ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلاپ، قارىماققا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلغان، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، ھېچ ئەيمەنمەستىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالدايدىغان، ئازدۇرىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز تازىلاپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

 دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-07/06/content_607388.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号