باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

دۇنيادىكى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئەقىللىق بالىلار

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-06 22:09 7 ئىنكاس چۈشتى

 

دۇنيادا نۇرغۇن تالانتلىقلار بار. ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» 7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيادىكى بىر تۈركۈم تۇغما تالانتلىق بالىلارنى خەۋەر قىلدى. ئۇلار ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بەزىلىرى 7 يېشىدىلا ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قولىغا ئالغان، بەزىلىرى 10 نەچچە يېشىدىلا ئۆزىگە تايىنىپ مىليونېرغا ئايلانغان. بىز بىرلىكتە دۇنيادىكى بۇ ئەڭ ئەقىللىق بالىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى.

10 نەچچە ياشلىق مىليونېر رەسسام Kieron Willaimson. ئۇ 6 ياش چېغىدا تۇنجى قېتىملىق سەنئەت كۆرگەزمسى ئۆتكۈزگەن، 5 يېشىدا رەسىم سىزىشنى باشلىغان. تۇنجى قېتىمدا 19 پارچە ئەسىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر كېچىدىلا داڭق چىقارغان. 3 ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن 2-قېتىملىق كۆرگەزمىدە 16 پارچە ئەسىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، 14 مىنۇتتىلا 17 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 140 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)غا ساتقان. ھازىر ئۇنىڭ پۇلى 2 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ پۇلغا سېتىلغان رەسىمى 45 مىڭ فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 400 مىڭ يۈەن).

7 ياشلىق تاشقى كېسەل دوختۇرى Akrit Jaswal. ئۇنىڭ ئەقلىي كۆرسەتكۈچى 140، ھىندىستاندىكى ئەڭ ئەقىللىق بالىلارنىڭ بىرى. 7 يېشىدىلا قولىغا پىچاقنى ئېلىپ بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى قىلغان، بۇ ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ياش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا ئايلاندۇرغان. ئۇ چاغدا ئۇ بىر 8 ياشلىق بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قول بارماقلىرى تۇتاش ئىدى. ھىندىستاندىكى ئەڭ ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھازىر 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، راك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

12 يېشىدا نوبېل مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان Gregory Smith. ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، بىكار قالغان چاغلىرىدا بالىلار ھوقۇقى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، ئۆز ئاخبارات سۇپىسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. 12 ياش ۋاقتىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتىلىپ، خىزمىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن. بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن Gregory ئاللىقاچان 4 قېتىمدىن ئارتۇق ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئېرىشتى.

14 ياشلىق فىزىكا ئالىمى Taylor Wilson. ئۇ 14 يېشىدا يادرونىڭ سىنتېزلىنىش تەتقىقاتىنى تاماملىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش يادرو ئىلمى ئالىمىغا ئايلاندى.

5 ياشلىق پىئانىنو ئۇستىسى Ryan Wang. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياش مۇزىكانتلارنىڭ بىرى، بۇ بالا 5 ياش چېغىدىلا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پىئائىنو مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن، پەلتەڭشىپ ماڭغان چاغلىرىدىلا گىتار چېلىشنى ئۆگەنگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق6 ئاي ئىلگىرى

    تالانىت ئىككى خىل بولدۇ بىرسى تۇغما تالانىت يەنە بىرسى تىرىشچانلىقتىن كەلگەن تالانىت شۇڭا تىرشايلى تالانتىمىزنى جارى قىلدۇردىغان ۋاقىتلا ئالدىمىزدا

  • سەدەپ6 ئاي ئىلگىرى

    ئەقىل بۆلۈنمىسىنى قانداق ھېساپلىغىلى بۇلىدىغاندۇ؟

  • HALAS6 ئاي ئىلگىرى

    مۇنتىزىم چوڭ دۇختۇرخانىلاردا با ئەقلى بۈلۈنمىنى ھىساپلىغۇچ

  • CANCIZ6 ئاي ئىلگىرى

    تالانىت دىگەن تۇغما تەبى بۇلدىكەن

  • ئىدەيتۇللا.6 ئاي ئىلگىرى

    ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېچىشنى. ئۆگىنىۋالساڭ ، سەنمۇ شۇنداق بولىسەن.كۈنلىرىڭ خۇشال خۇرام ئۆتسۇنخۇددى ئەتىلا تۇغۇلغان كۈنۈڭ كېلىدىغاندەك،كۆزىتىش..ئاڭلاش ، ئوقۇش ، يېزىش ، يادلاش،ئىشىنىش،چۈشۈنۈش،%1تالانت.%99تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ.

  • KOBE6 ئاي ئىلگىرى

    ئەقلى بۆلۈنمىسىنى قانداق ھىساپلايدۇ بىلدىغان لا دەپ بەسەڭلا

  • سەلىم6 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارغا قاراپ بىكار ئۆتكىزۋاتقان ۋاقىتلىرىمغا ئىچىم ئاغرىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号