باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

فىرانسىيە 2040-يىلى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى شاللايدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 11:08 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 7-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، 2040-يىلىغا بارغاندا بېنزىن ۋە دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىشنى توختىتىپ، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان.

2040-يىلىدىن كېيىن فىرانسىيە ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توكلۇق ياكى باشقا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىلا ساتالايدىكەن.

فىرانسىيەنىڭ مۇھىت مىنىستىرى نىكولاس (Nicolas Hulot)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نىشان فىرانسىيە ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ «يېڭىلىق يارىتىشى ۋە بازارنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلىنىشى»غا ياردەم قىلىدىكەن، ئۇ: «كۈندىلىك تۇرمۇش ھەرىكەتچان ئىنقىلابى بىزنى كۈتمەكتە» دېدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ھىدروگېن قاتارلىق يېقىلغۇنىڭ ئورنىغا قويۇلىدىغان تەتقىقاتنى قوللاش ھەم توكلۇق ئاپتوموبىل زەرەتلەش تورى قۇرۇشنى پىلانلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ نىشانغا يېتىشكە ياردەم قىلىدىغان بىر قاتار پىلانلارنى بېكىتتى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە كونا ئاپتوموبىلنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ۋەدە قىلدى، ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن شىۋېتسىيە ۋولۋو ئاپتوموبىلچىلىقى 2019-يىلىدىن باشلاپ يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ياسىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەپچىقارغان بارلىق ئاپتوموبىل توكلۇق ياكى ئارىلاش ماتورلۇق بولىدىغانلىقى، ساپ ئىچىدىغان يانىدىغان ماتورلۇق ئاپتوموبىل تىپىنى باسقۇچقا بۆلۈپ شاللاشنىڭ كونكرېت مۆھلىتىنى بېكىتكەن دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوموبىل كارخانىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە بۇلتۇر 2 مىليون دانىدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ساتقان، توكلۇق ئاپتوموبىل، ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا ئورنىغا قويۇلغان يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار تەخمىنەن %4نىلا ئىگىلىگەن. لېكىن بۇ بازار تېزلىكتە ئاشماقتا ئىكەن. بۇ يىل 1-پەسىلدە بۇنداق ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى %25 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号