باش بەت

ئىدىقۇت887

6424يوللانما
9مەستانە

رۇسىيەلىك بايۋەتچىلەر توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 14:30 9 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا باينىڭ ئوغلى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Instagram دا دائىم بايلىقىنى <كۆز-كۆز> قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مەستانىلىرىنىڭ سانى ئاللىقاچان 494 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ بايۋەتچە ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتى، ئېسىل پىكاپ، نازىنىن قىزلار، باغلام-باغلام پۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايلىقلىرىنى تورغا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئېسىل تۇرمۇشىنى كۆز-كۆز قىلىپ كەلگەن، يەنە بۇ بايۋەتچىنى <قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان> ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايۋەتچە دېيىشكە بولىدىكەن.

پۇلدارلارنىڭ روژدېستۋو دەرىخى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، ئۇلار ساپ 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق  باغلام-باغلام پۇللارنى روژدېستۋو دەرىخى شەكلىدە تىزىپ چىققانىدى.

بۇ رۇسىيەلىك بايۋەتچىلەر 50 فوندستېرلىڭلىق پۇللارنى ئۆز مەيلىچە تەرەت تۇڭىغا تاشلىۋەتكەنىدى.

ئۇلار يەنە بىكار قالغان چاغلىرىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتى، پۈركۈگۈچلۈك شەخسىي ئايروپىلان، فارارى ياكى بېنتلىي ماركىلىق ئېسىل پىكاپلىرىنى تورغا چىقىرىپ كۆز-كۆز قىلىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ خەۋەرنى چىقاغان كىشى بۇ بايلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋېرىپ ئاخىرى بىر كۈنى پۇشايمان ئالدىغان قاچا تاپاماي قالغاندا ئۆزىنىڭ ( نىمە بولدۇم) دىگەن ناخشىنى تولىغان ھالىتىنى تارقىتىپ قويسا بىر كۆرۈپ باقساق ھە

  • تىنچلىق كەپتىرى2 ئاي ئىلگىرى

    روسىيەدە ئ‍ىسراپخور بايلار كۆپ،ئەمما روسىيەدە تىجەشچان بىچارە نامراتلار ئ‍ۇنىڭدىنمۇ كۆپ،ئۇلار شۇ نامراتلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ئ‍ىدى،ئۇنداق ئىسراپخورلۇق قىلماي

  • ئېزىز زاھىر2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ھەرگىز 55كوي مال مۈلكۈمنى كۆز -كۆز قىلمايمەن ،بۇلاڭچىغا ئۇچراپ كىتىشتىن قورقىمەن ،دوستۇم 54كوي مال-مۈلكىنى كۆز -كۆز قىلىپ بۇلاڭچىغا ئۇچرىغان ئەمەسمىدى.

  • قادىي پالگان2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى چەت دۆلەتنىۇ پۇللىرى رۇسىيەنىڭ دۆلەت پۇل بىرلىكى؛رۇبلى

  • 91912 ئاي ئىلگىرى

    فونىستىرلىڭ دەيدۇ،فونىستىرلىڭ روسىيەنىڭ ئەمەس،ئەنگىلىيەنىڭ پۇلى

  • ئەخلاق2 ئاي ئىلگىرى

    ھەممە نەرسە ئادەمگە پەقەت بىرلا قىتىم كىلدۇ ،

  • مەريەم2 ئاي ئىلگىرى

    ئىقىلىپ يەنىلا يەر شارىدا ياشايدىكەنغۇ؟مەن تېخى ،،،،،،

  • r m n2 ئاي ئىلگىرى

    ھە بوپتۇ داۋاملىق مۇشۇنداق پوچىلىق قىلىۋە دۆلتىڭ ئىقتىسادىي كىرزىسقا پېىتىۋاتقاندا ھېلىقى ئشەك ئۆلەۋاتسا قۇڭى غىجەك تاتىپتۇ دىگەن شۇ دە!

  • ئەنسز كۈنلەر2 ئاي ئىلگىرى

    روسىيەدە دۆلەتنىڭ پۇلىني تەرەت تۇڭىغا تاشلاپ يۇرسە پۇتىن ئەپەندي گەپ قىلمايدىكەندە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号