باش بەت

نۇسرەتگۈل

6618يوللانما
60مەستانە

دۇنيا بويىچە بويى ئەڭ ئېگىز 10 ئايال

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 17:28 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 7-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۇرغۇن ئادەم تەبىئىيلا ئاياللارنىڭ بويى ئەرلەردىن پاكار بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 10 ئايالنى كۆرسىڭىز سىزنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرىڭىز پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. سۈرەتتە، ئامېرىكىلىق خىزېر گىرىن (Heather Greene). ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.96 مېتىر.

رىتا مىنىۋا بېسا (Rita Miniva Besa) بىر قارا تەنلىك ئايال. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.03 مېتىر كېلىدۇ.

گېرمانىيەلىك كارولىن ۋېلزنىڭ (Caroline Welz) بوي ئېگىزلىكى 2.06 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گېرمانىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايال.

تايلاندلىق 18 ياشلىق قىز مالى (Malee Duangdee) تايلاند بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايال بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 2.08 مېتىر كېلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ بويى بەدىنىدىكى بىنورماللىق سەۋەبىدىن ئاشۇنداق ئۆسۈپ كەتكەن.

ھىندىستانلىق گىتىكا سىرىۋاستاۋا (Gitika Srivastava) ئىلگىرى تايلاند ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.11 مېتىر كېلىدۇ.

ئۇليانا سېميونوۋا (Uljana Semjonova) لاتۋىيەنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى. 70- ۋە 80-يىللاردا ئۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئايال ۋاسكېتبولچى ئىدى. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.13 مېتىر كېلىدۇ.

زەينەب بىبى (Zainab Bibi) پاكىستانلىق بولۇپ، ھازىر ئەنگىلىيەدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ دۆلىتىگە قايتسا «مەخلۇق» دەپ قارىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ سەۋەبتىن باشقىلاردىن تاياق يېگەن. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.18 مېتىر كېلىدۇ.

بوي ئېگىزلىكى 2.18 مېتىر كېلىدىغان مالگورتازا (Malgorzata Dydek) دۇنيا بويىچە بويى ئەڭ ئېگىز كەسپىي ۋاسكېتبولچى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ھازىر تېرىنېرلىق قىلىۋاتىدۇ.

سەندىي ئەللېن (Sandy Allen) ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايال بولۇش رېكورتىنى ساقلىغان. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.33 سانتىمېتىر كېلەتتى.

جۇڭگولۇق ياۋ دېفېننىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بويى ئەڭ ئېگىز ئايال بولۇش بىلەن جېننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان. ئۇ مېڭە ئاستى بېزى ئىششىقى سەۋەبلىك مۇشۇنداق ئېگىزلەپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بويىنى تەبىئىي ئېگىز ئۆسكەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 132******895 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ بويئىگىز لىكىن 1m185cm كىلىدۇ لىكىن مىنى ھېچكىم زىيارەت قىلمىدى

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق قاملاشمىغان ئاياللا بۇ ، ئايال كىشى دىگەن نورمال بوي بەدەن بولمىسا ئاياللىق نازاكىتى بولمايدۇ

  • بۈركۈت2 ئاي ئىلگىرى

    گىگانت ئاياللاركەنغۇ

  • سەدەپ2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئۆزۈمنى بەك ئىگىز دەپ ئويلايتتىم ماۋۇلارغا قارىغاندا خېلى خېلى نورمالكەنمە

  • قاراقچى دارا2 ئاي ئىلگىرى

    ۋۇييۇ ماۋۇۈ ئاياللارنى ئىگىزلىكەە باقماي يەنە كىۋالغان ئايغىنى بۇلاردىن بىرسىنى مەن ئالسام بۇلغىدەك مەن باكار بۇلغاندىكىن ھا ھا ھا

  • جەسۇر2 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىنقى ئۇچ رەسىمدىكى ئاياللار تەبىئى ئىگىزكەن تۇرقىدىنمۇ ساغلاملىقى چىقىپ تۇرۇدۇ ،،،

  • غاپىل2 ئاي ئىلگىرى

    ھوي چاي خالتىسى، ئايالنىڭ ئەر ئالغىنىنى نەدە كۆرگەن، سىز خوتۇنغا تەگكەن ئوخشىمامسىز، ئاۋۇ ئاياللارنىڭ قاراشتىلا ھەممە ئەزاسى نورمالدەك كۆرۈنىدىكەن، پەقەت نىسبەتلا چوڭ ئىكەن، ئەگەر ئارقا كۆرۈنۈشتە ئىشىك، ياكى بىرەر ئادەم بولمىسا ئۇلارنىڭ گىگانت ئىكەنلىكى بىلىنمەيدىكەن، ھەممە ئەزاسى شۇنداق چوڭمىدۇ

  • ئاق پۇشماق2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار ھەقىقەتەن بەك ئىگىزكەن ئۇلار بالا تۇغسا چوقۇم ئانىسدىن ئېگىز بۇلۇشى تۇرغان گەپ

  • چايخالتىسى 08772 ئاي ئىلگىرى

    نىمدا گىگانىت ئاياللا بۇ ،ماندا بىرە خوتنىمىز بولسا ھىچكىمدىن قوقماي پوچى ماڭتىم ،قانداراق ئىرى باردۇ ،پەتەك 70 سانتىمېترلىق ئەردىن بىرنى ئالسا بولغىدەك مالار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号