باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

قاراقاش ناھىيەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 17:22 1 ئىنكاس چۈشتى

 غوجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابلىكىم ئابدۇمىجىت خەۋەر قىلىدۇ: قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش›› تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

 بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىن كەلگەن ماھىر يەن جاۋخۈي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە بىلىملىرى بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم، مۇشۇنداق بولغاندا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرەلەيمىز.

 ناھىيەلىك بېيجىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرئەلا ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق بىلىۋالدىم، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/07/content_607573.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەڭگىۋار.2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن كېيىن.مۇشۇنداق سىياسىيلىقى كۈچلۈك بولغان.زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى. ئېلىپ بېرىپ.ھەممە ئادەمنى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت سىلەرگە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号