باش بەت

خەۋەرلەر

3027يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | خۇنەندىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان شىنجاڭلىقلار

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 19:03 6 ئىنكاس چۈشتى

 تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر پاڭ شۆفاڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ما يىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «بىر جۈپ قول كۆپ بولسا، بىر كىشىلىك كۈچ كۆپ بولىدۇ».

 ئۇدا ياغقان كۈچلۈك يامغۇر تەسىرىدە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كۆپ جايلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. خۇنەندە تىجارەت قىلىدىغان شىنجاڭلىقلار 1-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغىچە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى، ئۇلار ئۆز قولى بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقتى.

 بىر قاچا ئىسسىق پولۇ، بىر چىنە ئىسسىق سۇيۇقئاش ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇۋاتقان يەرلىك ئاھالىلەر مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، چوقۇم بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك».

  

5-ئىيۇل، چاڭشا شەھىرى يۈخۇا رايونى لىتو كوچىسى جوۋجياۋەندە شىنجاڭنىڭ خۇنەندە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزاسى قەيسەرجان دىلشات (سولدا) ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىمەكتە.

 «خۇنەن مېنىڭ يۇرتۇم، ياردەملەشمسەم بولمايدۇ»

 مەمەتتۇرسۇن ئەخمەتنىياز 1-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەپ، چاڭشا شەھىرى كەيفۇ رايونى شياڭجياڭ ئوتتۇرا يولى ۋەندا مەيدانى ئەتراپىدىكى توغانغا يېتىپ كەلگەندە دەريا بويىدا نۇرغۇن شىنجاڭلىق پىدائىي خالتىلارغا قۇم تولدۇرۇپ ئالدىراش يۈرەتتى. ئۇلار ئاياغلىرى بىلەنلا دەرياغا چۈشكەن بولۇپ، بەدىنىدىن ئاققان تەر دەريا سۈيىگە قوشۇلماقتا ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر يۇتۇممۇ سۇ ئىچمەي، كەلكۈننى تېزرەك قۇم خالتىلار بىلەن توسۇشقا تىرىشىۋاتاتتى.

 مەمەتتۇرسۇن ئەخمەتنىياز دوستلىرىغا ئۆزى يېقىپ كەلگەن ناننى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىغا تارقىتىپ بېرىشنى ئېيتتى، تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار يەڭ-پۇشقاقلىرىنى تۈرۈپ، دەرياغا چۈشتى ۋە خالتىلارغا قۇم قاچىلىدى، توشىدى… مەمەتتۇرسۇن ئەخمەتنىيازمۇ نۇرغۇن پىدائىيغا ئوخشاش قورسىقى ئاچقاندا بىر چىشلەم نان يەپ، تەرلىگەندە دەريا سۈيىنى يۈزىگە چېچىپ قويۇپ، داۋاملىق ئالدىراش ئىشلەپ كەتتى، ئۇ شۇ ئىشلىگىنىچە 4-ئىيۇلغىچە ئالدىراش بولدى.

 مەمەتتۇرسۇن ئەخمەتنىياز مۇنداق دېدى: چاڭشادا تۇرمۇش كەچۈرگەن 14 يىلدىن بۇيان، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر چاڭشالىقلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە ئېرىشتۇق، مەن ئاچقان «شىنجاڭ ئاشخانىسى» نىڭ سودىسى بارا-بارا ياخشىلاندى. ماڭا نىسىبەتەن چاڭشامۇ تۇغۇلغان يۇرتۇم قاراقاش ناھىيەسىگە ئوخشاشلا مېنىڭ يۇرتۇم. ئاپەت ئالدىدا مەن چوقۇم يۇرتۇم ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك.

 كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇۋاتقان شىنجاڭلىق پىدائىيلار قوشۇنى ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر 72 سائەت دەم ئالماي ئىشلىدى، كۆپچىلىك ئۇلارنى دەم ئېلىشقا بۇيرىسىمۇ، ئۇلار بىردەك سۇ ئورنى چۈشمىگىچە دەم ئالمايمىز، دېدى.

 26 ياشلىق مەمەتئابدۇللا ئەخمەتنىيازمۇ قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پىدائىيلار ئۆمىكىگە 1-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 1-تۈركۈمدە قاتناشقان پىدائىي ئىدى. مەمەتئابدۇللا ئەخمەتنىياز 4-ئىيۇل كەچكىچە قۇم توشىدى.

 مەمەتئابدۇللا ئەخمەتنىياز مۇنداق دېدى: بەزىلەر بىزنى ئارام ئېلىپ ئاندىن ئىشلەڭلار، دېدى، بىراق مەن يەنە بىر ئاز كۈچىۋىتەي، دەپ ئويلىدىم، سۇنىڭ توسمىدىن ئېشىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ.

 ئۇ چاڭشادا 11 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ چاڭشاغا بولغان مۇھەببىتى شىنجاڭغا بولغان مېھرىدىن قېلىشمايتتى.

 ئۇلارنىڭ ئېلىشىۋاتقىنى كەلكۈن ئىدى، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خەتەرلىك ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى، لېكىن شۇ جايدىكى شىنجاڭلىقلار خەتەر بىلەن تولغان بۇ نەق مەيدانغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئۇلار خوتەن، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، خالتىلارغا قۇم، شېغىل، تاش قاچىلاپ، توشۇپ، خادا ياسىدى.

  

خۇنەن ئۆلكىسى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان شىنجاڭلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ 1-سېپىگە قوشۇلدى.

 «شىنجاڭلىق قېرىنداشلار، رەھمەت سىلەرگە!»

 كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىم چېن جىجۈن تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىدائىيلار بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملارنى تاشلاپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە تۈركۈم شىنجاڭلىق پىدائىيلار ئەترىتىمۇ بار. ئۇلار يېمەكلىك، ئىچىملىك قاتارلىق ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ماددىي ئەشيالارنى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

 ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىگە ئاپىرىلدى، بۇ يەردە رابىيەم مەمەت ئەۋەتكەن ماددىي ئەشيامۇ بار ئىدى.رابىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: مەن خەۋەر، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن خۇنەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا كەلكۈن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. مەن چاڭشادا ئالتە يىل ياشىدىم، بۇ يەرگە بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر. مەن يولدىشىم بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تەييار چۆپ، سۇ، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، ليۇياڭخې باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردىم.

 ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن رابىيەم مەمەت يولدىشى بىلەن يەنە بىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا باردى.

 رابىيەم مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ماڭا ئاپەت رايونىغا كۆپرەك ياردەم بېرىشىمنى ئېيتتى. خۇنەنلىك دوستلىرىم ماڭا توختىماي رەھمەت، ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، شۇڭا بۇنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، دەپلا ئويلايمەن.

 بۇ قېتىم خۇنەندە 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ خۇنەندە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پىدائىيلار ئۆمىكى تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلار ئەترىتىگە قوشۇلدى، ئەترەتتىكى پىدائىيلارنىڭ سانى 100دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە لېتىپ تۇر 1100 زىخ كاۋاپ، ئىچىملىك سۇ ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىق ماددىي ئەشيانى ئەكىلىپ بەردى، مەمەتتۇرسۇن قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق سودىگەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش سېپىگە قاتناشتى، «سوقماق شاھزادىسى» ئادىلجان 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى يېمەكلىك ئىئانە قىلدى.

 چېن جىجۈن مۇنداق دېدى: ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا خۇنەن شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭلىق پىدائىيلارغا باش بارمىقىنى چىقىرىشتى. شىنجاڭلىق قېرىنداشلىرىمىز دەل ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇندى، بۇ مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

 ئاپەت رەھىمسىز، مۇھەببەت چەكسىز. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ياردەم بېرىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى پەزىلىتى. شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ توسمىسىنى قوغداشتا شىنجاڭلىقلار داۋاملىق كۈچ چىقاماقتا.

خۇنەن ئۆلكىسى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان شىنجاڭلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ 1-سېپىگە قوشۇلدى.  

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/06/content_607437.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • رونالدو72 ئاي ئىلگىرى

    ياخشىلىق يەردە قالماس ئىتتىپاقلاشقان دىلا گۈزەل يۈرۇت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ

  • خۇتەن شەھەر ئىلچى يېزىسىدىن ئابدىكىبىر2 ئاي ئىلگىرى

    ياشىسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى !!!

  • چۈش2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى ياخشى قىپسىلە دوسلار مەن بولغان بولساممۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىم

  • نەسرى20132 ئاي ئىلگىرى

    مىھرى ئىسسىق ئوغلانلار ئەركەكلەر ئەزىمەتلەر ياشاپكىتىڭلار . تىنىڭلار ساق قەلىبىڭلار پاك بولغاي . ياخشىلىق ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تەقدىر دىمۇ يەردە قالمايدۇ . ئىسىل تىخىمۇ بەك روناق تىپىپ كىتىڭلار . بەرىكەتلەر بولغاي قولۇڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي .ئەمەلىيتىڭلار بىلەن بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى تىخىمۇ بىربالداق يۇقىرى كۆتۈرگىنىڭلاردىن دەھشەت سۆيۈندۇق . رەھمەت سىلەرگە رەھمەت。ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىيتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ جان تومىرى دەپ . ئىتتىپاقلاشقاندىلا روناق تاپقىلى دۆلىتىمىزنى تىخىمۇ قۇدرەتلىك تىنىچ باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇشۇيولدا تىرىشىۋاتقان جاپا چىكىۋاتقان ئۈنتىنسىز كۈرەشقىلۋاتقان ئەزىز كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەتلەر ئىھتىراملار بولغاي . گۈللە ۋەتەن ياشىسۇن ئىتتىپاقلىق .

  • نەسرى20132 ئاي ئىلگىرى

    مىھرى ئىسسىق ئوغلانلار ئەركەكلەر ئەزىمەتلەر ياشاپكىتىڭلار . تىنىڭلار ساق قەلىبىڭلار پاك بولغاي . ياخشىلىق ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تەقدىر دىمۇ يەردە قالمايدۇ . ئىسىل تىخىمۇ بەك روناق تىپىپ كىتىڭلار . بەرىكەتلەر بولغاي قولۇڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي .ئەمەلىيتىڭلار بىلەن بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى تىخىمۇ بىربالداق يۇقىرى كۆتۈرگىنىڭلاردىن دەھشەت سۆيۈندۇق . رەھمەت سىلەرگە رەھمەت。ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىيتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ جان تومىرى دەپ . ئىتتىپاقلاشقاندىلا روناق تاپقىلى دۆلىتىمىزنى تىخىمۇ قۇدرەتلىك تىنىچ باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ . شۇڭا مۇشۇيولدا تىرىشىۋاتقان جاپا چىكىۋاتقان ئۈنتىنسىز كۈرەشقىلۋاتقان ئەزىز كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەتلەر ئىھتىراملار بولغاي . گۈللە ۋەتەن ياشىسۇن ئىتتىپاقلىق .

  • سودىگەر2 ئاي ئىلگىرى

    سالامەت بولغايسىلەر ئەزىز دوسلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号