باش بەت

شەرىفە

521يوللانما
182مەستانە

ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز ئۈچ دۆلەت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-07 21:50 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئوزۇقلىنىش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىمۇ ئىزچىل ياخشىلاندى، ئەمما جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى يەنىلا 171.8 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 93-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ دۆلەت قايسىلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىز تۆۋەندە بۇ ئۈچ دۆلەتنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقىمىز، ئەمما ئالدىن دەپ قوياي، بۇ دۆلەتلەردە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىردىن يۇقىرى.

3. گېرمانىيە

گېرمانىيە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى دۆلەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، شېنگېن كېلىشىمى تەشكىلاتى، سەككىز دۆلەت گۇرۇھى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى. گېرمانىيەدە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 180.2 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.

2. دانىيە

گېرمانىيەنىڭ قوشنىسى بولغان دانىيە ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بىر كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ، گېرمانىيەگە ئوخشاشلا دانىيەمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، بۇ دۆلەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكەممەل پاراۋانلىق تۈزۈلمىسى بار، ئىقتىسادى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بولۇپ، باي-نامراتلىق پەرقى ناھايىتىمۇ كىچىك. دانىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى. دانىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 181.5 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.

1. گوللاندىيە

گېرمانىيەنىڭ يەنە بىر قوشنىسى بولغان گوللاندىيەمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققىي قىلغان بىر كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ، كۈركۈم گۈلى، كىلاسسىك چاقپەلەكلىرى، دېڭىز توسمىسى ۋە ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان جەمئىيىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇ دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملار، جىنسىي سودا ۋە بالا چۈشۈرىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قانۇن-تۈزۈملىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭرى. گوللاندىيە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى ۋە ئازابلانماي ئۆلۈشنى قانۇنلاشتۇرغان دۆلەت. گوللاندىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 182.5 سانتىمېتىر بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号