باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2750يوللانما
3مەستانە

رۇسىيەلىك بايۋەتچە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ تەرەتدانغىمۇ پۇل توشقۇزدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-08 15:50 10 ئىنكاس چۈشتى

پۇلى بار ئادەمنىڭ روژدېستىۋو بايرىمى مانا مۇنداق بولىدۇ: مەخسۇس روژدېستىۋو دەرىخى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، 100 دوللارلىق قەغەز پۇللارنى باغلام-باغلام قىلىپ دەرەخ ياسىسىلا بولدى.

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيەلىىك دەرىجىدىن تاشقىرى بىر باينىڭ بالىسى توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاقە تورى  Instagram  دا 494 مىڭ مەستانىگە ئىگە بولغان، ئىگىلىنىشىچە، بۇ بايۋەتچە دائىم توردا ھەر خىل ئۇسۇلدا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئېسىل شەخسى پاراخوت، قىممەت باھالىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، گۈزەل ۋە تەنناز قىزلار، دۆۋە-دۆۋە نەق پۇللار قاتارلىقلار.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاجەتخانىسى چىقىرىندى ماددىلار بىلەن توسۇلۇپ قالسا، بايۋەتچىلەرنىڭ تەرەت تۇڭى مانا مۇنداق نەق پۇل بىلەن «توسۇلۇپ قالىدۇ».

بايۋەتچىلەر دېگەن ئەلۋەتتە ئىچى پۇشسا گۈزەل قىزلارنى ھەمراھ قىلىپ، ئېسىل شەخسىي پاراخوتى بىلەن ساياھەت قىلىدۇ، ياكى بولمىسا شەخسىي تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن شامالداپ كېلىدۇ، پەقەت بولمىسا نەچچە 10 مىليون دوللارلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ھاۋا يەپ كېلىدۇ.

بايۋەتچىلەرگە نىسبەتەن گۈزەل قىز-چوكانلارنىڭ ئالدىغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر ۋە ئېسىل ھاراقلارنى كەلتۈرۈپ قويۇپ ھوزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇر.

سىرتىغا ئالتۇن يالىتىلغان بۇ خىل Ace of Spades شامپاننىڭ بىر بوتۇلكىسىنىڭ باھاسىلا 500 فوندستېرلىڭ، يەنى تەخمىنەن 4400 خەلق پۇلى، دېمەكچى، ئۇنچە بەكمۇ قىممەت ئەمەس.

بايۋەتچىلەرنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان بۇ كىيىملەرنىڭ نەچچە پۇللىقىنى بىلەمسىز، ئەلۋەتتە بىلمەيسىز.

سۈرەتتىكى بۇ بايۋەتچە كەمتەرلىك بىلەن نەچچە مىليون دوللارلىق ئېسىل ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ شامپان چېچىپ ئويناۋاتىدۇ.

ئېسىل شەخسى پاراخوتنىڭ ئۈستىگە قارىسا ئارام-بەخىش ئەتكۈدەك تەنناز ئاياللارنى چىقىرىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى دەل بايۋەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.

سۈرەتتىكى بۇ قىزچاقنى بايۋەتچىلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرىدىغان خېنىملارغا ئوخشىتىپ قالماڭ، ئۇنىڭ ئۆزى بىر بايۋەتچە، ئۇچىسىدىكى كىيىمنى دېمەي تۇرايلى، ئاۋۇ قولىدىكى بىر رۇمكا ھاراقنىڭ ئۆزىلا نەچچە يۈز دوللار.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بەرلىن2 ھەپتە ئىلگىرى

    بەخت پۇلىنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن ئەمەس ھىس قىلىش بىلەن بولىدۇ شۇنداقلا سىلىشتۇرۇش بىلەن ۋەيران بولىدۇ

  • بۈركۈت(TJK)2 ئاي ئىلگىرى

    شۇنداق تېرىسگە سىىغماي كەتكەن بايۋەتچىمۇ ئۆلسە قۇرۇت يەپ،توپىغا ئارىلىشىپ كىتىدۇ.

  • كىملىكىمنى سورىمايلا قوي2 ئاي ئىلگىرى

    تەڭشەلمىگەن جاھان،بىرلىرى تاماق يەيدىغان پۇل يوق بىچارە
    بىرلىرى پۇل خەجلەپ بولالماي ئاۋارە

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىش بىلەن پەقەت خوشوم يوق ، بولمىسا مەنمۇ بىر مىليونىر .

  • بودەك قىز2 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىر ىما بايلىقىنى كۆز كۆز قىلغانلارنى بىر كىچىدىلا بىر تەرەپ قىلۋىتىپ بارىدۇ نۆۋەت ساڭا كەلدىمۇ ئەمدى

  • قۇترىغان ئەجدىھا.2 ئاي ئىلگىرى

    تۈنۈگۈنكى خەۋەرغۇ بۇ.باش ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپلا قايتا يوللاپتىغۇ.

  • ئابدۇمۇتەللىپ2 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋدىنىڭ نەچچە مىللىيون دوللارلىق ماشىنىسى تېخى ئىجات قىلىنمىدىغۇ دەيمە

  • تاغ بالىسى2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىنكاسنى يازغۇم يوق پەقەت،
    تۇرمۇش رەڭدارئۆتسىمۇ ئەبەت.
    ئىنساندابولسىمۇزورنىيەت مەقسەت،
    ھاياتىڭ ئىزىڭدىن قالماس ھەقىقەت.

  • سۇبات2 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنىڭ ئادەملىكى پۇل بىلەب ئەمەس.ئادەم ئادىمىلىكى،ئەخلاقى بىلەن ئادەم. ئادەم ئىكەن ئۇمۇ ئوخشاش كېسەل بولىدۇ،ئۆلىدۇ.مانا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.

  • يالغۇزئەركەك2 ئاي ئىلگىرى

    لېكىن چوڭ كچىىك تەرىتى نۇرمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号