باش بەت

ئادىلجان

7821يوللانما
106مەستانە

دۇنيا جۇغراپىيەسىدىكى بىلىشكە تېگىشلىك «ئەڭ»لەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-08 22:18 16 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئارال: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئارال ھىندونېزىيەدىكى 13000دىن ئارتۇق ئارال ۋە فىلىپپىندىكى تەخمىنەن 7000 ئارالدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، مالاي تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. بۇ تاقىم ئارال تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكۋاتور بويلاپ 6100 كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 3500 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن ئىككى مىليون 430 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. 

2. دۇنيادىكى ئەڭ قېلىن يەر: جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋادوردىكى چىمبورازو تېغى. يەر مەركىزىدىن تاغ چوققىسىغىچە بولغان ئارىلىق 6384.1 كىلومېتىر. چىمبورازو چوققىسى ئاندېس تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىدىكى كوردىللېرا تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6310 مېتىر، ئېكۋادوردىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىل ئاندېس تاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا دەپ قارالغان. ئۇ بىر ئۇيقۇدىكى يانار تاغ بولۇپ، تاغ چوققىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇزلۇق، تەخمىنەن 4694 مېتىر. 

3. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىك: چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى جۇڭگودىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىك، شۇڭا «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامى بار. چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كۆلىمى ئىككى مىليون 400 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3500 مېتىردىن ئېگىز، شىزاڭ ۋە چىڭخەينىڭ بارلىق قىسمى، سىچۈەننىڭ غەربى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە گەنسۇ، يۈننەننىڭ بىر قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 

4. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق: سەھرايى كەبىر قۇملۇقى، شىمالىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ھەقىقىي قۇملۇق كۆلىمى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ پەقەت بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. قۇملۇقتىن باشقا يەنە شېغىللىق ۋە تاشلىق چۆللەرمۇ بار. بۇ ئۈچ خىل يەر شەكلى گىرەلەشمە ھالەتتە تارقالغان. سەھرايى كەبىر قۇملۇقى پۈتكۈل شىمالىي ئافرىقىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، غەرب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيان، شىمالىي تاغ تىزمىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز، شەرق تەرىپى قىزىل دېڭىز، جەنۇبى ساخېل بىلەن تۇتىشىدۇ. 

5. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوكيان: تىنىچ ئوكيان، جەنۇب تەرىپى جەنۇبىي قۇتۇب رايونىدىن باشلىنىپ، شىمالىي تەرىپى شىمالىي قۇتۇبقىچە، غەرب تەرىپى ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىگىچە، شەرق تەرىپى جەنۇبىي-شىمالىي ئامېرىكىغىچە سوزۇلغان. يەر شارى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. كۆلىمى ئەتراپتىكى تەۋە دېڭىزلارنى قوشمىغاندا تەخمىنەن 165 مىليون 250 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ، سۇ سىغىمى ئىككى ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ. 

6. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىدراۋلىك شارقىراتما: ئانگېل شارقىراتمىسى، يەنە چۇرۇن

مېرو شارقىراتمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋېنسۇئېلانىڭ بولىۋېر ئىشتاتىدىكى گۋىئانا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، كارونى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان چۇرۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان. شارقىراتمىسىنىڭ گورزونتال سىزىق ئارىلىقى 979 مېتىر، ئاستى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 150 مېتىر. شارقىراتما تەكشى چوققىلىق ئېگىزلىك ئائۇيەن تېپۇي تېغىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ. يار لېۋىگە ئاساسەن تەگمەيدۇ. 

7. دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ شارقىراتما: ئىگۇئاسۇ شارقىراتمىسى، ئارگىنتېنا بىلەن بىرازىلىيە چېگرىسىدىكى ئىگۇئاسۇ دەرياسى بىلەن پارانا دەرياسىنىڭ تۇتىشىش ئورنىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شارقىراتما تاقا شەكلىدە بولۇپ، ئېگىزلىكى 82 مېتىر، كەڭلىكى تۆت كىلومېتىر، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نىئاگارا شارقىراتمىسىنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، ئافرىقىدىكى ۋىكتورىيە شارقىراتمىسىدىنمۇ كەڭرەك.

8. دۇنيادىكى ھەۋز كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا: ئامازون دەرياسى، بۇ دەريا ئېقىپ ئۆتىدىغان ئامازون تۈزلەڭلىكى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك ھېسابلىنىدۇ. ئامازون دەرياسى دۇنيادىكى ئېقىمى ئەڭ چوڭ، ھەۋز كۆلىمى ئەڭ كەڭرى دەريا. ئۇزۇنلۇقى نىل دەرياسى (6400 كىلومېتىر)نىڭلا ئارقىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا.

9. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مارجان خادا تاشلىرى: مارجان دېڭىز، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونىغا جايلاشقان، ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى گۋىنېيەنىڭ شەرقى، يېڭى كالېدونىيە ۋە يېڭى گېبرىدىئان ئارىلىنىڭ غەربى، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 2250 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 410 كىلومېتىر، كۆلىمى 4791000 كىۋادرات كىلومېتىر.

10. دۇنيادىكى سۇ تېمپىراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى دېڭىز: ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئارىسىدىكى ئارىلىق، شەكلى تار ۋە ئۇزۇن، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19000 كىلومېتىردىن ئۇزۇن، ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 306 كىلومېتىر، كۆلىمى 450 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. قىزىل دېڭىزنىڭ شىمالىنى ئىككىگە بۆلىدۇ، غەرب تەرىپى سۇۋەيش قولتۇقى، سۇۋەيش بوغۇزىدىكى سۇۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شەرق تەرىپى ئاقابا قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. 

11. دۇنيادىكى ئەڭ تۇزسىز دېڭىز: بالتىق دېڭىزى، ئۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن سوزۇلۇپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىغا كىرىدىغان ئىچكى دېڭىز. شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان يۆنىلىشتە. كۆلىمى 420 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. ئادەتتە سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 40-110 مېتىغىچە، ئەڭ چوڭقۇر ئورنى 470 مېتىر. ئادەتتە سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى مىڭدىن 34تىن مىڭدىن 37گىچە.

12. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى: سۇپېرىئور كۆلى، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شىمالىدىكى ۋە ئەڭ چوڭ كۆل، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى. كۆلنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى كانادا بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئامېرىكا بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆل يۈزىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 616 كىلومېتىر، جەنۇبدىن شىمالغىچە بولغان ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 257 كىلومېتىر، يۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 180 مېتىر، سۇ كۆلىمى 82103 كىۋادرات كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر ئورنى 405 مېتىر. 

13. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا: جۇمولاڭما چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 8848.13 مېتىر. ئېلىمىزدىكى شىزاڭ بىلەن نېپال چېگرىسىدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي كەڭلىك ″15.85′59°27، شەرقىي ئۇزۇنلۇق ″39.51′55°86؛ تاغ گەۋدىسى ئاساسلىقى كرىستال تاشتىن تەركىب تاپقان.

14. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئۆچكەن يانار تاغ: ئاكونكاگۇئا تېغى، ئارگىنتېناغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6959 مېتىر، غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ ئېگىز چوققا دەپ قارىلىدۇ. تاغ چوققىسى ئاندېس تاز تىزمىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چوققا قىسمى ئارگىنتېنانىڭ غەربىي شىمالىدىكى دوسا ئۆلكىسىدە، ئەمما غەربىي قانىتى چىلىسانتىياگونىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا سوزۇلغان.

15. دۇنيادىكى يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى ئەڭ كۆپ رايون: ھاۋاي، تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر يانار تاغ ئارىلى، ئامېرىكىنىڭ بىر ئىشتاتى. ئۇ سەككىز چوڭ ئارال ۋە 124 كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان. ھاۋاي تىنچ ئوكيان سۇ رايونىدىكى تىرانسپورت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، «تىنچ ئوكياندىكى تۆت كوچا دوقمۇشى» دەپ ئاتالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇھىم ساياھەت مەنزىرىگاھى ھېسابلىنىدۇ. 

16. دۇنيادىكى شامال كۈچى ئەڭ چوڭ رايون: جەنۇبىي قۇتۇب دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق رايون بولۇپلا قالماي، يەنە شامال كۈچى ئەڭ چوڭ رايون ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جايدا ھەر يىلى 300 كۈن سەككىز بالدىن يۇقىرى شامال چىقىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 19.4 مېتىر/سېكونت. 1972-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ ماۋسون پونكىتى كۆزەتكەن ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 82 مېتىر/سېكونت بولغان.

 

17. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دولقۇن رايونى: ئۈمىد تۇمشۇقى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى كاپ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى كۆپ تاشلىق دېڭىز تۇمشۇقىنىي كۆرسىتىدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقىدا شامال ۋە يامغۇر كۆپ، دولقۇن شىددەتلىك بولۇپ، ھىندى ئوكياندىن كەلگەن ئىللىق موزامبىك-ئاگۇلخاس ئوكيان ئېقىمى بىلەن ئانتاركتىكا قىتئەسىدىكى سۇ رايونىدىن كەلگەن سوغۇق بېنگېلا ئوكيان ئېقىمىنىڭ ئۇچراشقان ئورنىغا جايلاشقان. 1939-يىلى بۇ جاي تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىغا ئايلانغان.

18. يەرشارى سىرتقى يۈزىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا: يەرشارى سىرتقى يۈزىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇتقا ئۆلۈك دېڭىز. بۇ جاينىڭ سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە 400 مېتىر پەس. ئۆلۈك دېڭىز بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق تۇزلۇق كۆلى بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىئوردانىيە ئارىسىدىكى ئىئوردانىيە جىلغىسىغا جايلاشقان. غەربىي قىرغىقى يەھۇدى تېغى بىلەن، شەرقىي قىرغىقى تاشقى ئىئوردانىيە ئېگىزلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىئوردانىيە دەرياسى شىمالدىن ئېقىپ كىرىدۇ. 

19. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسى: يەتتە دۆلەتكە سوزۇلغان ئاندېس تاز تىزمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9000 كىلومېتىر بولۇپ، ھىمالايا تېغىنىڭ ئۈچ يېرىم ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ يەردىكى تاغلار ھەيۋەت بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاندېس تاغ تىزمىسى كوردىللېرا تاز سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، بۇ تاغ سىستېمىسى شىمالىي ئامېرىكىدىن جەنۇبىي ئامېرىكىغىچە سوزۇلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18000 كىلومېتىر، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ سىستېمىسى.

20. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق: كونگو ئويمانلىقى، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، كۆپ قىسمى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئىچىدە، ئاز بىر قىسمى كونگو جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىدا. كۆلىمى ئۈچ مىليون 370 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، دۇنايدىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق. ئويمانلىق جەنۇب ۋە شىمالى ئېگىزلىك، شەرق تەرىپى شەرقىي ئافرىقا يارداڭلىقى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئېغىزى غەرب تەرەپتە يەنى كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى بىلەن دەريا ئېغىزى بۆلىكىدە. 

21. دېڭىز قىرغىقى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت: ئاۋىستىرالىيەدىكى دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 36735 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى دېڭىز قىرغاق لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

 

22. دېڭىز-ئوكياننىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئورنى: مارىئانا دېڭىز جىلغىسى، شىمالىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى مارىئانا تاقىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئوكيان ئاستى يايسىمان ئازگال بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2550 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 69 كىلومېتىر. ئاساسلىق دېڭىز جىغلىسىنىڭ ئاستىدا كىچىكرەك قىيالىق ئويمانلىقلار بار. 1957-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش پاراخوتى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10990 مېتىر ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان، كېيىن يەنە 11034 مېتىر ئىكەنلىكى ئۆلچەنگەن.

23. دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا: نىل دەرياسى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بۇرۇندى، رۋاندا، تانزانىيە، ئۇگاندا، ئېفىئوپىيە، سۇدان، مىسىرلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، دۇنيدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولغان سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ھەۋزىسىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن تەخمىنەن ئۈچ مىليون 350 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى يەر مەيدانىنىڭ توققۇزدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6650 كىلومېتىر. 

24. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېلتا: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېلتا گانگې دېلتىسى، كەڭلىكى 230 كىلومېتىر، باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر، كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق، بېنگال دۆلىتى ۋە ھىندىستانغا تەۋە. گانگې دېلتىسىنىڭ تارماق ئېقىنى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق سۇ يولى سەككىز، بېنگال قولتۇقىغا ئېقىپ كىرىپ ئاخىرىدا يەنە بىراھما پۇترا دەرياسىدا ئۇچرىشىپ، كەڭ گانگې دېلتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. 

25. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى: كاسپىي دېڭىزى، كەڭ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى بىلەن ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى كاۋكاز تاغ تىزمىسىغا تۇتىشىدۇ. پۈتكۈل دېڭىز رايونى تار ۋە ئۇزۇن، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12000 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭلىكى تەخمىنەن 320 كىلومېتىر. كۆلىمى تەخمىنان 386400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ يىغىندا كۆلىمىدىنمۇ بىر ھەسسە چوڭ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • @uqkun2 ھەپتە ئىلگىرى

    ماتىرىيالدا ئىلمى خاتالىق بار ئىكەن، كاسپى دىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12000كىلومىتىر ئەمەس 1200كىلومىتىر، يەنە بار ئىكەن تەھرىرنىڭ تىخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ تىخىمۇ نادىر مەزمۇنلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن

  • @uqkun2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇنداق بىر مەزمۇننى بىلىۋىلىڭلار، ئەڭ چوڭ چۆل سەھرايى كەبىر چۆللۇكى، ئەڭ چوڭ قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى، چۆلدە قۇممۇ بار، تاش توپا ئارلاش تۇپراقمۇ بار، لىكىن قۇملۇقتا، قۇمدىن باشقا نەرسە يوق ، ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيسىدە مۇشۇ مەزمۇن ئىنىق بار

  • يۈسۈپجان.7 ئاي ئىلگىرى

    يەرشارىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44 مىليون تۇرسا.تىنچ ئوكيان250 مىليون تېخى.

  • سەدەپ7 ئاي ئىلگىرى

    مەن جۇغراپىيەگە بەك قىززىقىمەن،مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئەۋەتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
    قۇملۇقنى ئادەتتە چۆللۈك دەپمۇ ئالىدۇ،تەكلىماكان قۇملىقى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق

  • گېنىرال7 ئاي ئىلگىرى

    تارىم دەرياسىمۇ بار ،دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ،بىرىنچىسى نىل دەرياسى ،تەكلىماكان قۇملۇقى كۆچمە قۇملۇق دۇنيا بويىنچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرۇدۇ كۆلەم جەھەتتە ئەمەس،ئىشقىلىپ شىنجاڭدا دۇنياغا داڭلىق نەرسىلە جېق لىكىن ئاساسەن ئىككىنچى بولغاچقا تۇنۇلۇپ بولالمايۋاتىدۇ،

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق7 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مەزمۇندىن خېلى كۆپ بىلىمگە ئېرىشتىم تەھرىرلەرگە رەھمەت

  • زەردار7 ئاي ئىلگىرى

    ئەكرەم تورداش، تەكلىماكان قۇملۇقى كۆچمە قۇملۇق جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر كۆلىمى جەھەتتە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، سەھرايى كەبىر مەيلى يەر كۆلىمى بولسۇن مەيلى كۆچمە قۇملۇق جەھەتتە بولسۇن، 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

  • قادى7 ئاي ئىلگىرى

    ئىكارئۇگا ئەمەس،نىكاارگۇئا شاقىراتمىسى،

  • مەستانە7 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم . مەزمۇنى،دوستلىرىم ئوقۇپ بەرسەم بەك خوش بولۇپ كەتتى.

  • بۇلبۇلۇم7 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ىسىل مەزمۇنلاكەن رەھمەت سىزلەرگە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号