باش بەت

نۇر فىلىم

1269يوللانما
611مەستانە

تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق 74 جىنايەت گۇماندارى كامبودژادىن يالاپ ئېلىپ كېلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-08 23:26 4 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 6-كۈنى، ج خ خەلق ساقچىلىرى چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايرودورومىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنى يالاپ ئېلىپ ماڭماقتا.
  جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ساقچىلىرى شۇ كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، تور ئالدامچىلىقى ۋە قاقتى-سوقتى قىلىشقا چېتىشلىق 74 جىنايەت گۇماندارىنى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىدا كامبودژادىن يالاپ ئېلىپ كەلدى. بۇ بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارى مەملىكەت بويىچە 20 نەچچە ئۆلكىگە چېتىلىدىغان «ئۈندىداردا يالىڭاچ پاراڭلىشىش» تۈرىدىكى توردا ئالدامچىلىق قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش دىلوسىغا چېتىشلىق بولۇپ، بۇ دىلولاردىكى زىيانغا ئۇچرىغۇچى 800 دىن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 12 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
  ئەسلى مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/155989/15670981.html

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئارزويۇم6 ئاي ئىلگىرى

    سېز تۇر ساخچېسېغا مەلۇل قېلېڭ شۇلا بېر تەرەپ قېپبېردۇ.

  • رامىلە6 ئاي ئىلگىرى

    زىلالە نۇرداش سىز قايتا قايتا 申请退款مال پۇلىنى قايتۇرۇش نى تەلەپ قىلىڭ ،كىچىككەندىمۇ 3-5كۈندە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

  • ئارزويۇم6 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئشلارغا چوقۇم قاتتېق زەربە بېرېش كېرەك

  • زىلالە6 ئاي ئىلگىرى

    دوسلا مەن تاۋباۋدىن كىيىم سىتىۋاغانتىم مانا سالىمەن ئەتە سالىمەن ئۆگۈن سالىمەن دەپ ئارلىقتا 3كۈن ۋاقىت ئۆتتى ،،،لېكىن يەنىلا ساممىدى شۇنىڭ بىلەن مەن نىمىشقا سامايسەن دىسەم مەندە ئۇ كىيىم يوقتى پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرەي «تۈيكۆەن »قىغىن دىدى ،،،ھە دەپ قايتۇسام پۇلۇم 2كۈن بولدى قايتۇرۇلمىدى ،،،باشتا پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئۇ كىيىمنىڭ رەسىمىنى يوللىسام با دىگەنتى ،،كىيىن يوق بولدى ،،،گەرچە مەنمۇ تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ قاغاندىمەنمۇ ،،،،قىممەت كىيىممۇ ئەمەستى لېكىن غورۇرۇمنى ساقلاپ قاغۇم باتى ،،،،ئىچ ئىچىمدىن ئاچچىغىم كىلىدۇ ،،،،شۇڭا بىلىدىغانلار بوسا بىر مەسلىھەت بەرسەڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号