باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

پىچان ناھىيەسى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-09 16:54 0 ئىنكاس چۈشتى

 مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

 بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، شەھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن، ئىلغار شەخستىن 120نى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئۈلگىلىك ئورۇن، ئىلغار شەخسلەرنىڭ تىپىك ئىش پائالىيەتلىرى يەنە ناھىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىگە ئايلاندى. ناھىيەدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە شەھەر رايونى ۋە يېزا – بازارلاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خاتىرە سارىيى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوچىسى قۇرۇش بىلەن بىللە، رادىيو ئۇزېلى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تور بېكەتلىرىدە ‹‹ئىتتىپاقلىق كۆزنىكى›› مەخسۇس پىروگرامما تەسىس قىلىپ ۋە ئىستون ئېچىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇشتا بەسلىشىش›› قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ناھىيەلىك مىللەت – دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى زىچ ھەمكارلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ناھىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈردى. بىر قاتار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ‹‹بەشنى تونۇش››نى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئاشتى. ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇش، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بۇ ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/07/content_607568.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号