باش بەت

tayks

408يوللانما
1مەستانە

تەيۋەنلىك ئەر ئانىسى ۋە ئاكىسىنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، جەسىتىنى ئۆيدە 20 كۈن ساقلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-09 17:35 2 ئىنكاس چۈشتى

تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گاۋشيوڭ شەھىرى فېڭشەن رايونىدىكى گوڭ فامىلىلىك ئانا-بالىنىڭ ئاچ قويۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىدا، تۈنۈگۈن (7-ئاينىڭ 8-كۈنى) ساقچى تەرەپ گوڭ ئائىلىسىنىڭ كىچىك ئوغلىنى تاپقان بولۇپ، ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، گوڭ فامىلىلىك ئەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، 1 ئاي بۇرۇن ئانىسىغا 3 كۈن تاماق بەرمىگەنلىكىنى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، كېيىن ئاكىسىغا ئۇيقۇ دورىسى بېرىپ، ئۇنىڭغىمۇ يەيدىغان نەرسە بەرمىگەنلىكىنى، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاكىسىنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، جەسەتلەرنى 20 كۈن ئۆيىدە ساقلىغاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىچە، گوڭ فامىلىلىك ئەرنى ئادەتتە ئاچىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەيدىغان بولۇپ، قىمار ئويناشقا ئامراق بولغانلىقتىن ئانىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ ساناتورىيە چىقىمىنى تۆلەشكە قۇربىتى يەتمىگەن، ئەسلىدە ئانىسى بىلەن ئاكىسىنى ئەرزانراق ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان، بىراق 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئانىسى بىلەن ئاكىسىنى ساناتورىيەدىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قاراش ئىقتىدارىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇلارنى فېڭشەن رايونىدىكى تۇرالغۇسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا يەيدىغان نەرسە بەرمەي، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاراقچى دارا2 ئاي ئىلگىرى

    راسلا ئىنسان قىلپىدىن چىققان ئادەمكەنغۇ بۇ بۇنداقلارنى بەك ئىغىر جازالاش كىرەك

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئادەم قېلپىدىن چىققان ھايۋانلانى بوش قويماسلىق كىرەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号