باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

بىر ئايال «چېن گۈەنشى 陈冠希» ناملىق تورداشقا ئالدىنىپ 330 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-09 19:46 2 ئىنكاس چۈشتى

جىنشەندە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ خانىم ئۆتكەن يىلى توردا تور نامىنى «چېن گۈەنشى» (陈冠希) دەپ ئاتىۋالغان بىر تورداشنى كۆرۈپ قالغان. ئۇ تورداش ۋاڭ خانىمغا ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، دائىم داڭلىق سەنئەتچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككەيلەن توردا پاراڭلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان. شۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت سەۋەبلىك سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋاڭ خانىمنىڭ ئۇنىڭغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى ئېيتقان. ۋاڭ خانىم قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭ كارتىسىغا 330 مىڭ يۈەن پۇل ئۇرۇپ بەرگەن. ئۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى تېخى دوستلىرىدىن قەرز ئالغان ئىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، ئوغۇل دوستىنىڭ قەرز قايتۇرىدىغان مۇددىتى توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئوغۇل دوستى قەرزنى قايتۇرمىغان. ۋاڭ خانىم شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچىلار تېزلا جىنايەت گۇماندارى خۇ xx نى قولغا چۈشۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، خۇ xx نىڭ 3 يىل بۇرۇن ئالدامچىلىق قىلغان جىنايىتى بار بولۇپ، باشقىلاردىن ئالغان قەرزىمۇ تاغدەك جىق ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • alma6 ئاي ئىلگىرى

    تور دىلا ئەمەس بەلكى ئەملى ئىشلادىمۇ بۇخىل ئىشلار كۆپ تور دا بولغاچقا ساقچىلار ئاسان ھەم دىئەلىل ئىسپات بىلەن تۇتۇپتۇ

  • دادامنىڭ بالىسى6 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئەخمەق ئايالكەن بۇ تور دېگەن مەۋھۇم ساختا دۇنيا تۇرسا تەپسىلى دەللىلىمەيلا ………ھەي ھەي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号