باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرايلى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-10 15:06 0 ئىنكاس چۈشتى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (1)

مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

 2010 – يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ شىنجاڭغا كېلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا گۈزەل چېگرا كۈيى ياڭراتتى.

 يەتتە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىزچىل ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بىز مەمنۇنلۇق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچكەن دېھقان – چارۋىچىلار يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى، بالىلار ئازادە، يورۇق سىنىپلاردا دەرس ئوقۇشقا باشلىدى، يېزىلىق دوختۇرخانا ۋە كەنت شىپاخانىلىرىغا ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەندى، دېھقانلار داۋالاش قىيىن بەزى كېسەللەرنى يېقىن ئەتراپتىلا داۋالىتالايدىغان بولدى...

 تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى يېڭىچە كەيپىياتقا تولدى

 خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خېبېي يېڭى كەنتىدىكى يېڭىچە لايىھەلەنگەن ئىككى قەۋەتلىك داچا ئۆي، رەتلىك پىلانلانغان مەنزىرە تاماشا يولى، پاكىز ۋە رەتلىك ئاسفالت يوللار... كەنتكە ئۆزگىچە ھۆسن قوشقانىدى.

 بايىنبۇلاق يايلىقىدىن كەلگەن چارۋىچى بارنا يېڭى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن سۆيۈنۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنداق ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرۇش بىزدەك دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيتتى، بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتىمىز، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايمىز... بەخت دېگەن مانا شۇ.

 مەھەللىدە سەيلە قىلىۋاتقان پاڭ فېي ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: سۇ، گاز، پار، يورۇتۇش، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەندى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خالىس ياردىمى بىلەن مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.

 خېبېي يېڭى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە خەلق تۇرمۇشىنى ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى.

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبېشى قاتارلىق تۆت ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شاڭخەي شەھىرى 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە 2 مىليارد 299 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىدىن 200 مىڭ 800نى سېلىشقا ياردەم بەردى، 1 مىليونغا يېقىن دېھقان – چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچتى. شاڭخەي شەھىرى بىۋاسىتە تولۇقلىما بەرگەندىن سىرت، 1 مىليارد 103 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

 گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا بازىرىدا 102 ئائىلىلىك 338 قىرغىز چارۋىچى بار، قارلىق تاغ باغرىدىكى كەنتتە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە سېلىنغان شەيدۇللا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىنىڭ يېنىدىكى يېڭىدىن پۈتكەن چارۋىچىلار مەھەللىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەنخۇي ئۆلكىسى 11 مىليون 700 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ قاراقۇرۇم تېغىدا چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەم قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ھەدىيە قىلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى ھەر بىر ئائىلىگە 10 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بويىچە، گۇما ناھىيەسىدىكى 30 مىڭ 50 دېھقان – چارۋىچىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى ھەم ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تولۇقلىما بەردى. گۇما ناھىيەسىدە 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

 ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2014 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر جەمئىي 36 مىليارد 490 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 2971 نى يولغا قويغان، 758 مىڭ يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ۋە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىنى يېڭىدىن سالغان ۋە ئۆزگەرتىپ سالغان، 3 مىليوندىن كۆپرەك دېھقان – چارۋىچى ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.

 دېھقان – چارۋىچىلار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ۋە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئاسفالت يوللاردا ماڭىدىغان، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى... يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ئاممىنىڭ نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقى ھەل قىلىندى، بۇ زور ئۆزگىرىش تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى.

 بالىلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە پۇختا ئاساس سېلىندى

 ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تويۇن يېزىسى تويۇن كەنتىدىكى قوش تىل يەسلىسىدىكى چىنار سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەپ خەنزۇچە ئوقۇتماقتا ئىدى.

 يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايزادە مۇنداق دېدى: بالىلار جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرى سېلىپ بەرگەن بۇ زامانىۋى قوش تىل يەسلىسىدە ئويناپ – كۈلۈپ، ئۆگىنىپ، خۇشال ئۆتمەكتە.

 ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى تويۇن يېزىسى چېگراغا يېقىن، يېزىدا 2900 نوپۇس بار، نوپۇسنىڭ %99.6ى قىرغىز. كەنت يەسلىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 403 كىۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ۋە ياتاق رايونىغا بۆلۈنگەن، كەنتتىكى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئوقۇيدۇ.

 ئۇلۇغچات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو جيەنجۇ مۇنداق دېدى: چاڭجۇ شەھىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى يەسلىلەرنىڭ ھەممىسىدە قوش تىل ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلدى.

 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدا قوش تىل يەسلىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. قاغىلىق ناھىيەلىك 1 – يەسلىگە كىرگىنىمدە بالىلارنىڭ ئويۇن – كۈلكە سادالىرى ۋە كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاۋازلىرى يەسلىنى بىر ئالغانىدى. ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش، تاڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، مەسەل ئوقۇش ۋە گىمناستىكا ئەترەتلىرى نۆۋەت بىلەن نومۇر كۆرسىتىۋاتاتتى، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى قوش تىلدا راۋان سۆزلەيتتى، بەزىدە ئىنگلىزچە سۆزلەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتى.

 مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باھار شامىلىدەك شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى گۈللىرىنىڭ خۇش ھىدىنى ئەتراپقا تارقاتماقتا ئىدى.

 2010 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 6262 ئوقۇتقۇچىنى شىنجاڭغا مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى ھەم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى قوشماقلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، مائارىپ ھەمكارلىق تورى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جايلارغا 139 مىڭ (قېتىم) ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەپ بەردى. شىنجاڭدا بۇلتۇر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 56.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جايلارنىڭ مائارىپ قاتتىق ماتېرىيال، يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى يېڭىلاپ، بالىلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە پۇختا ئاساس سالدى.

 كەتمەيدىغان داۋالاش ئەترىتى

 يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يېقىندا بىر مەيدان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بولدى.

 يېرىم كېچىدە، بىر كۈننى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن شاڭخەيدىن نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ICU بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ دۇڭۋېيغا ‹‹شۈ مۇدىر، ھازىر ئوپېراتسىيەخانىغا كېسىلى ئېغىر بىر بالا ئېلىپ كېلىنىدىكەن!›› دەپ جىددىي تېلېفون كەلدى. ئون ياشقا كىرگەن راخمان ھوشۇر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، بىھوش ۋە پۇت – قوللىرى تارتىشىپ قالغان ھالەتتە ئىدى. ئۇنىڭغا ‹‹جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلىنىپ تېشىلىپ كېتىش، يېيىلما قورساق پەردە ياللۇغى›› دەپ دىياگنوز قويۇلدى، ئوپېراتسىيەنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايتتى. شۈ دۇڭۋېي ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقان دوختۇر، سېسترالارغا جىددىي قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى تاپىلىدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ۋە تەرتىپلىك ئىشلەندى. 90 مىنۇت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق راخمان ھوشۇر ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، سالامەتلىكى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

 شاڭخەينىڭ داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت ناھىيەدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش نىسبىتى، ھامىلىدار – تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 2012 – يىلىدىكىدىن %8.6، %40.2 ۋە %14.5 تۆۋەنلىدى، ھامىلىدار – تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سىستېمىلىق باشقۇرۇلۇش نىسبىتى، دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇغۇش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلدى.

 قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسىدا ‹‹گۇاڭدۇڭ بىلەن قەشقەرنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇمايلى›› دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ خالىس تۆھپىسى ۋە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن دوختۇرلارنى تىلغا ئالغاندا ‹‹گۇاڭدۇڭنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، دوختۇرخانىمىز بۈگۈنكىدەك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى›› دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ.

 بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار قۇرۇلۇپ، ئامما بۇنى ‹‹خەلققە ئەڭ ياقىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى›› دەپ تەرىپلىدى.

 جياڭسۇ ئۆلكىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن ئاساستا، ئۆلكە دەرىجىلىك يەتتە دوختۇرخانىدىن 20 داۋالاش ئىختىساسلىقىنى تاللاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ‹‹گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلى››دە ياردەم بەردى، 10 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى تېزدىن ياخشىلىدى، داۋالاش سەۋىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈردى.

 بۈگۈنكى كۈندە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، مەيلى پامىر ئېگىزلىكىدىن تارتىپ جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە ياكى تارىم دەرياسى بويىدىن ئالتاي تېغى ئېتىكىگىچە بولسۇن، زامانىۋى دوختۇرخانا بىنالىرى قەد كۆتۈردى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۈركۈم – تۈركۈم دوختۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا خالىس تۆھپە قوشماقتا؛ شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر دوختۇرلىرى، سەھىيە باشقۇرۇش كادىرلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەربىيەلەنمەكتە. شىنجاڭغا داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جاي – جايلاردا كەتمەيدىغان داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش قوشۇنى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تىرىكىگە ئايلانماقتا.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-07/10/content_607795.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号