باش بەت

MURPHY

2182يوللانما
15مەستانە

قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-10 21:45 1 ئىنكاس چۈشتى

  قىز قۇۋار: (قىز قوغلاش) قازاق خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى. ئادەتتە ھېيت- ئايەم، توي- تۆكۈن، تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئويۇن جۈپ- جۈپ قىز- ئوغۇل ياشلاردىكى قىزلارنىڭ قاچقان يىگىتنى قوغلىشى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا ئوخشاش بولمىغان قەبىلىلەر ياكى رايونلارنىڭ ھەر قايسىسى بىر گۇرۇپپىدىن قىز- يىگىتنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر- بىرىگە جۈپ قىلىپ سەپلەيدۇ. ئادەتتە، قىزلار ئۆز رەقىبىنى تاللاپ بېكىتكەندىن كېيىن، مەلۇم ئارىلىققا بەلگە سالغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئاتقا مىنىپ، بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. يولدا بارغىچە يىگىت قىزغا تۈرلۈك چاقچاقلارنى قىلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، ھەتتا قىزنى قۇچاقلىۋالىدۇ. بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بارغان ھامان، يىگىت دەرھال ئېتىنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپلا تېزلىكتە كېتىدۇ. بۇ چاغدا قىز ئېتىنى دېۋىتىپ ئۇنى قوغلايدۇ، قىز يىگىتكە يېتىشىۋالسا ئۇنى قامچا بىلەن ساۋايدۇ، يىگىت ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئادەتتە قىز ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولسا، رەقىبىنى قامچا بىلەن بىر نەچچىنى تازا قاتتىق ئۇرسا بولىدۇ، ئەگەر قىز يىگىتنى ياخشى كۆرسە كۆپىنچە ھاللاردا قامچىسىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ قويىدۇ ياكى يىگىتىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك قىلىپ بىر نەچچىنى ئۇرۇپ قويىدۇ. ئەتراپتا تۇرغانلار قىقاس- چۇقان سېلىپ ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ. بۇنداق قىزىقارلىق بولغان تەنتەربىيە ياشلارغا ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بەزىدە قۇرداشلار، يېشى بىر- بىرىگە يېقىنلار، چوڭلارمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

  ئات ئويۇنى: موڭغۇل خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ھېيت- ئايەم، بايرام، مۇراسىملاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ «توسالغۇلاردىن ئاتلىق ھالقىپ ئۆتۈش»، «ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قىلىچ ئوينىتىش»، «ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش»، «ئات ئۇستىدە باشچىلاپ تىك تۇرۇش»،«ئات بېقىنىغا يوشۇرۇنۇش»قاتارلىق تۈرلىرى بولۇپ، ھەر بىر تۈرىنىڭ ئۆزگىچە كونكرېت ئۇسۇلى ۋە مەشغۇلاتى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش»بىر قەدەر ئومۇملاشقان تۈر بولۇپ، چەۋەندازلار ئۇچقاندەك چېپىپ كېلىۋاتقان ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندايدۇ. مەسىلەن: چېپىپ كېتىۋاتقان ئات چەۋەندازلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، چەۋەنداز چەبدەسلىك بىلەن ئاتنىڭ يايلىدىن تۇتۇپ، چاققانلىق بىلەن ئاتقا مىنىۋالىدۇ. ئاندىن چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتتىن چۈشۈپ، پۇتىنىڭ ئۇچىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، يەنە سەكرەپ ئاتقا مىنىۋالىدۇ. ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىشتا بولسا چەۋەنداز ئېتىنى دېۋىتىپ تېز چاپقان پېتى يولغا قويۇلغان دەرەخ شېخى ياكى قارانچۇقنى قىلىچ بىلەن چاپىدۇ. شۇڭا، چەۋەنداز جەزمەن ئات مىنىشكە ئالاھىدە ماھىر بولۇشى كېرەك. ھازىر ئات ئويۇنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تەنتەربىيەسىنىڭ مۇھىم مۇسابىقە تۈرلىرىدىن بېرى بولۇپ قالدى.

  قوتاز چاپتۇرۇش: قوتاز چاپتۇرۇش تاجىك خەلقىنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، توي- تۆكۈن، ھېيت- ئايەم مەزگىللىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقە ئۇسۇلى ئات بەيگىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئارىلىق قىسقىراق بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 3000 مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئاخىرقى نۇقتىغا كىم بالدۇر يېتىپ بارسا، شۇ ئۇتقان بولىدۇ، چوڭ كۆلەمدىكى قوتاز چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىدە ئۇتقانلار ئادەتتە، ئات، قوتاز، كالا، قوي، سائەت، رەخت قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى، شۇنداقلا مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك بولۇشىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان قوتاز سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. سەكرەپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى: تاتار خەلقىنىڭ ئەل ئىچى تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇپ، مۇسابىقە مەيدانىدا، ئەر- ئاياللار بىردىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ھالدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئارىلىق ئادەتتە 60 مېتىر بولىدۇ. مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى: مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئاغزىغا بىر دانە تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرەيدۇ، قوشۇقنى جەزمەن ئۇدۇل چىشلىشى كېرەك، قىڭغايتىپ جاۋغىيىدا چىشلەشكە بولمايدۇ. رېپىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەڭ ئالغا قاراپ يۈگۈرۈش كېرەك. تۇخۇمنى چۈشۈرۈۋەتمەي ئاخىرقى نۇقتىغا ئەڭ ئالدىدا يېتىپ بارغىنى ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ. يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا تۇخۇم يەرگە چۈشۈپ كەتسە ياكى تۇخۇمنى قولىدا تۇتۇپ يۈگۈرسە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. بەزىلەر يەنە پاچىقىغا بىر كىچىك قۇم خالتىنى تېڭىپ يۈگۈرىدۇ.


 «شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى»دىن ئېلىندى

 مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر


باش سۈرەت تاللاش x
  • مۆتىۋەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ۇيغۇرلانىڭ ئ‍وغلاق تارتىشىش ئ‍ويىنى يوقكەنغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号