باش بەت

خەۋەرلەر

3027يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | ئاخىرقى ھاۋالە، ئون يىللىق ۋەدە

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 13:44 2 ئىنكاس چۈشتى

 

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لۇ، لى جېڭچياڭ) 16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسى ئاغى كەنتىدىكى بىر دېھقان ھويلىسىدا بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن شېن خۇيپىڭ «ئوغلى» ئابلەت مامۇتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ: «ئەگەر سىز ماڭا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسىڭىز، مەن ھازىرقى يېڭى تۇرمۇشۇمغا ئېرىشىش تۇرماق، قاچانغىچە ياشىيالايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم» دېدى.

   ئابلەت مامۇت قازا قىلىپ كەتكەن خىزمەتدىشى لۈي فېڭنىڭ ئانىسى شېن خۇيپىڭنىڭ ھالىدىن ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ھەقىقىي ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەر تەسىرلەندى، بۇنىڭ ھەممىسى لۈي فېڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا تاپىلىغان بىر جۈملە ھاۋالە سۆزىدىن ئىدى.

   ئانا-بالا مۇھەببىتى

   ئابلەت مامۇت بىلەن شېن خۇيپىڭنىڭ  «ئانا-بالا مۇھەببىتى » 1997-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەۋرلەردە، ئابلەت مامۇت بىلەن شېن خۇيپىڭنىڭ ئوغلى لۈي فېڭ كۇچا ناھىيەسى بېيشەن جياۋدىيەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىدى، شىركەت ناھىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا 68 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. ئابلەت مامۇت بىلەن لۈي فېڭ ئۆينى شىركەتكە يېقىن ئاغى يېزىسىدىن تۇتتى.

  ئابلەت مامۇت مۇنداق دېدى: «مەن شىركەتكە خىزمەت كىرگەندە ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىدىم، لۈي فېڭ بولسا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇراتتى.1998-يىلى لۈي فېڭنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، مەن دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يوقلاپ تۇردۇم، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش ‐ كېلىشى قويۇقلاشتى.»

  ئابلەت مامۇتنىڭ ئېيتىشىچە، 2007-يىل ئىيۇلدا، ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان، ئۆزى بولسا قىزىنىڭ يېنىدا يوق ئىدى، بۇ چاغدا لۈي فېڭ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا، بالىنى ناھىيە ئىچىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، 10 مىڭ يۈەن بالنېتسىدا يېتىش ھەققىنى تۆلىگەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى ئابلەت مامۇتنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ بارغانچە يېقىنلاشتى.

   نۇرغۇن يىلغىچە، لۈي فېڭ ئىزچىل شىركەتنىڭ تىرانسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. بەزىدە نەچچە كۈنگىچە ئۆيىگە قايتالمايتتى، ئۇ ئانىسىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئابلەت مامۇتقا تېلېفون قىلىپ: «ئاغىنە، ۋاقتىڭ بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئانامغا قاراپ قويغان بولساڭ» دەيتتى. ئابلەت مامۇت بولسا: «يولدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغىن، ئاچامدىن خاتىرجەم بول، ماڭا تاپشۇرغىن» دەيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، لۈي فېڭ سىرتقا چىقىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئابلەت لۈي فېڭ ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى.

   2007-يىل دېكابىردا، لۈي فېڭ يۇقىرى قان بېسىمدا مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكتىن ھوشىدىن كەتتى، ئابلەت مامۇت دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ھەپتە خەۋەر ئالدى، بىراق، لۈي فېڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. جان ئۈزۈش ئالدىدا، ئۇ گەپ قىلالمىدى، لېكىن ئۇ ئابلەتنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئانىسىدىن ئۈزمىدى. ئابلەت ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىكى بۇ قاراشتىن لۈي فېڭنىڭ ئانىسىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ قەتئىي ھالدا: «قېرىندىشىم، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنىڭ ئانىڭىز مېنىڭ ئانام، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن » دېدى، بۇ چاغدا لۈي فېڭ كۆزىنى يۇمدى.

   ئۈزۈلمەس ۋەدە

   ئابلەت مامۇت ئايالىغا ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتدىشىنىڭ ئانىسىنى ئۆز ئانىسىدەك بېقىش خىيالىنى ئېيتقاندا، ئايالى رەيھانگۈل قارشى تۇرماستىن، ئەكىسچە ئىنتايىن قوللىدى. رەيھانگۈل بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئادەم مىننەتدارلىقنى بىلىشى كېرەك، ئەينى چاغدا بىزنىڭ كىچىك قىزىمىز ئاغرىپ قالغاندا، ھېلىمۇ ياخشى لۈي فېڭ قۇتقۇزىۋالدى، يولدىشىم لۈي فېڭنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ۋەدە قىپتۇ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.»

  شۇنىڭدىن كېيىن، رەيھانگۈلنىڭ ۋاقتى بولسىلا يولدىشى بىلەن بىللە شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆز بالىلىرىدەك خەۋەر ئالدى. ھەر قېتىم شېن خۇيپىڭنىڭ ئۆيىگە بارغاندا رەيھانگۈل كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشاتتى.

   ئابلەت مامۇت بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئىلتىماسى، ئۇن-گۈرۈچ ئېلىش، ئىككى ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى  ئۈستىگە ئالدى ... ئۇ شېن خۇيپىڭنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، لۈي فېڭغا ۋاكالىتەن ئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى.

   ئاغى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشلارنى بىلىدۇ، شېن خۇيپىڭنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوغلى بار، بۇ ئوغۇل ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ! شېن خۇيپىڭ تەسىرلىنىپ ياش تۆككەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئابلەت بىر ياخشى بالا، ئۆيدىكى ھەممە ئىشقا ئۇ غەم قىلىدۇ، ماڭا ئۆز ئانىسىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ.»

   16-ئىيۇن، مۇخبىر ئابلەت بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ زۇكام بولۇپ قالغان شېن خۇيپىڭنى يېزىلىق شىپاخانىدا داۋالىتىۋاتاتتى، دوختۇر شېن خۇيپىڭنىڭ پەقەت زۇكاملا بولۇپ قالغانلىقىنى، سالامەتلىكىدە ئانچە چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى ئېيتقاندا ئابلەت ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

   «بەش يىل بۇرۇن مەن بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ناھىيە ئىچىدىن بىر كىچىكرەك ئۆي سېتىۋالغانىدىم، ئەسلىدە شېن خۇيپىڭ ئانىنى ناھىيەدىكى ئۆيگە ئەكىلىۋالاي دەپ ئويلىغان، لېكىن ئۇ يېزىدا تۇرۇشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ رايىغا باقتىم، ھازىر ئىككى كۈندە بىر ئۇنى يوقلاپ تۇرىمەن» دېدى ئابلەت.

   ئابلەت مامۇت يېزىدىن ناھىيەدىكى ئۆيىگە قايتىشتىن بۇرۇن شېن خۇيپىڭنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىغا پۇل سېلىپ قويدى ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بەردى. «مەن شېن خۇيپىڭ ئانامنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى ئۇنىڭغا ھەل قىلىپ بەردىم، داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى بولسا كېسەل كۆرسىتىش تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ» دېدى ئۇ.

   ئابلەت مامۇت ئادەتتىكىگە ئوخشاش شېن خۇيپىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشتى، يەنە شېن خۇيپىڭنىڭ چېچىنى تاراپ قويدى، شېن خۇيپىڭ ئازراق خىجىل بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا ئابلەت: «ئانا، سىز ئۇنتۇپ قاپسىز، مەن مەڭگۈ سىزنىڭ ئوغلىڭىز، تارتىنماڭ، سىزگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىم كېرەك» دېدى. شېن خۇيپىڭ خۇشال ھالدا ماقۇل بولدى.

   باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش

   بۈگۈنكى كۈندە ئابلەتنىڭ خەنزۇ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئۈن-تىنسىز خەۋەر ئالغانلىقى خىزمەتداش ۋە دوستلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. 2010-يىلى كۈز پەسلىدىكى بىر سەھەردە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن تېلېفون ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى، تېلېفوننى ئېلىۋىدى، شېن خۇيپىڭنىڭ قوشنىسى تېلېفون قىلىپ، شېن خۇيپىڭنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى، ئۇنى بېرىپ كۆرۈپ كېتىشىنى ئېيتتى. ئابلەت تېلېفوننى قويۇپ، خىزمەت ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ ماڭدى.

   كۇچا ناھىيەلىك بېيشەن جياۋدىيەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇن ھەكىم مۇنداق دېدى: «ئابلەت ماڭا رۇخسەت سوراشتىكى سەۋەبىنى ئېيتقاندىلا، مەن ئۇنىڭ مەرھۇم خىزمەتدىشى لۈي فېڭنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇ شېن خۇيپىڭ ئانا توغرىلىق رۇخسەت سورىسا، خالىغان ۋاقىتتا بېرىشنى قارار قىلدىم.»

 شىركەت ئابلەتنىڭ بۇ ئىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ھەر ئايدا ئۇنىڭ مائاشىغا 500 يۈەن قوشۇپ بەردى.

 

   ھازىر، كۇچا ناھىيەسى بېيشەن جياۋدىيەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئابلەت مامۇتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلدى، شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ ئىشى بولسىلا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ياردەم قىلدى، پېڭ ۋېيبىن ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، ئۇ شېن خۇيپىڭ ئانىنىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېخىمۇ قولايلىق ئىدى. پېڭ ۋېيبىن مۇنداق دېدى: «ناھىيە بازىرىدىن كەنتكە قايتىش يولىدا ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە تاتلىق-تۈرۈم ئالغاچ بارىمەن، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىسىىدە ئۇنىڭ مۇزلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوچىقىغا ئوت قالاپ قويىمەن، تاماق سۇنۇپ تۇرىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابلەتنىڭ تەسىرىدىن بولدى. ئۇ قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن! بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز بولسا شېن خۇيپىڭ ئانىمىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش.»

   ئابلەت مامۇت كەلگۈسى پىلانى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شېن خۇيپىڭ ئانامنىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس، تاغنىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، مەن ئۇنى ناھىيە بازىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دەپ ئويلىشىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/10/content_607903.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • جاپاكەش2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ خوشنامكەنغۇ بۇ ئايالنىڭ ھىشنىمىسى يوق بالىسى يولدىشى تۈگەپ كەتكەن بەك قەيسەر ئايال بۇ

  • ئابدۇراخمان2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بىر دانىسى دولەت سىياسىتى بارغانسىرى مۇكەممەل بۇلۇپ دولەتنىڭ يەنىمۇ قۇدرەت تىپىشىغا بىر كىشلىك توھپىمىزنى قۇشايلى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号