باش بەت

خەۋەرلەر

3060يوللانما
12مەستانە

ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش تېزلىتىلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 13:42 0 ئىنكاس چۈشتى

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ‹‹تېزلىتىش كۇنۇپكىسى›› بېسىلدى

  ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇغلانما تەسىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بولۇپمۇ شىنجاڭ بانكىسى، شىنجاڭ ‹‹چيەنخەي›› بىرلەشمە مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى، پاكىستان ھەبىب بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 2017 – يىلى 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ بانكىچىلىق كەسپىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن 145ى، ئاكسىيە شىركىتىدىن 30ى، سۇغۇرتا شىركىتىدىن 31ى، زاكاز مال شىركىتىدىن ئالتىسى، ھاۋالە مەبلەغ شىركىتىدىن ئىككىسى، پۇل مۇئامىلە ئىجارە شىركىتىدىن بىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىدىن ئۈچى، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركىتىدىن 382سى قۇرۇلدى، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ھاۋالە، ئىجارىگە بېرىش، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركىتى قاتارلىقلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان كۆپ قاتلاملىق، تولۇق فۇنكسىيەلىك پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

 رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملەرنىڭ بىرى. 2014 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2015 – يىلى 3 – ئايدا دۆلەت ئېلان قىلغان ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى››دە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مەدەنىيەت، پەن – مائارىپ مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى قۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەت، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانىڭ ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىنىڭ كەسىپ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش تۈگۈنى ۋە دەرۋازىسىنى بەرپا قىلدى.

 ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرى›› ۋە ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇش ھەرىكەت پىلانى(2014 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› ۋە ‹‹شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشقا دائىر يېتەكچى پىكرى››نى تارقىتىپ، يادرولۇق رايوندىكى ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› ۋە ئون چوڭ ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى توپلاشقان رايون قۇرۇش مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسلىق نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم مىزانغا ۋە يېتەكچىلىك ئاساسىغا ئىگە قىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئىككى ئېچىۋېتىلگەن سۇپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر ئالاتاۋ پورتى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، جۇڭگو – قازاقىستان – قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو يانداشما رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بار، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، قورغاس تۆمۈريول پورتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 17 دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق ئوچۇق پورتىدىن 17سى ۋە ئاۋىياتسىيە پورتىدىن ئىككىسى قۇرۇلۇپ، ئېلىمىزدىكى قۇرۇقلۇق پورتى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ قالدى.

 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەتراپتىكى چېگرالىنىدىغان بەش دۆلەت بىلەن خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت يولىدىن 111نى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاتاۋ بىلەن قورغاس تۆمۈريولىدىن ئىبارەت ئىككى چېگرا ئاتلىغان تۆمۈريولدا شىنجاڭنىڭ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك پويىزىدىن جەمئىي 358ى قاتناپ، ئوتتۇرا ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) پويىزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى؛ دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىدىن 197سى، خەلقئارا (رايون) ھاۋا يولىدىن 41ى ئېچىلىپ، 21 دۆلەت، خەلقئارا(رايون)دىكى 33 شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 68 شەھەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

 شىنجاڭدا ھازىر ئۈرۈمچىنى مەركەز، تۆمۈريولنى ئاساسىي رامكا، تاشيولنى تايانچ قىلغان، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ۋە ئالاقە ئەسلىھەلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە تۇتاشقان، ئىچكى قۇرۇقلۇققا قاتنايدىغان، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان، غەربتە ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيادىن چىقىپ، شىمالدا موڭغۇلىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تۇتاشقان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

 شىنجاڭ يەنە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ‹‹بىر يادرو، توققۇز رايون، كۆپ تۈگۈن››لۈك زامانىۋى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تور سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. 2016 – يىلى شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 14 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %81.7 ىنى ئىگىلىدى.

 يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتە. شىنجاڭ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئاسىيا – ياۋروپا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى (شىنجاڭ. قاراماي) مۇنبىرى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتىدىن ئوننى قۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-07/11/content_608056.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号