باش بەت

خەۋەرلەر

3027يوللانما
12مەستانە

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت قەلىبلەرنى ئىللىتتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-11 22:17 0 ئىنكاس چۈشتى

   تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن) سانجى شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە دائىم كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ھەر بىر سىنىپ مۇدىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى فوتو ئاپپارات ياكى قەلەم بىلەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.

   ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى، ساغلاملىقىنى مۇھەببىتىمىز بىلەن قوغدايلى

 «2015-يىل 18-يانۋار، ھاۋا بۇلۇتلۇق. كەچ سائەت 9:30 ئەتراپىدا سىنىپتىكى تۇرمۇش ھەيئىتى ماڭا تېلېفون قىلىپ، بىر ساۋاقدىشىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ دوختۇرى، سىنىپ باشلىقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقىنى ئېيتتى. مەن تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن تېزدىن دوختۇرخانىغا باردىم. دوختۇر بالىدا چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق بارلىقىنى، ئاسما ئوكۇل ئۇرۇپ، دورا يېزىپ بەرگەنلىكىنى، بىر سائەتتىن ئارتۇق كۆزەتكەندىن كېيىن، مەكتەپ دوختۇرىنىڭ بالىنى مەكتەپكە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇلارنى ئاڭلاپ شۇنداق تەسىرلەندىم، چۈنكى بۇ خىزمەتداشلىرىم خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن دائىم ئوقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە كۆيۈنۈپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ مەكتەپكە كىرگىنىگە ئەمدىلا تۆت ئايدىن ئاشقان 13~14 ياشلاردىكى ئوقۇغۇچىلىرىم بولسا ساۋاقداشلىق مېھرى تۈپەيلى چوڭلارغا ئوخشاش ساۋاقدىشىنىڭ كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا ئۇنىڭغا قارايدۇ. بۇ مىنۇتلاردا يوپيورۇق كوچا چىرىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، دېرىزىدىن يوچۇقلىرىدىن قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇق كىرمەكتە، بىراق قەلبىم يەنىلا باشقىچە ئىللىق!» بۇ سانجى شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يىن شۇياۋ مۇئەللىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى، ئۇ بۇنىڭغا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغرىپ قالغان ساۋاقداش مەرھابانى دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقى ھەققىدىكى ئىللىق ھېكايىنى خاتىرىلىگەنىدى.

 2015 ـ يىلنىڭ باشلىرى، يىن شۇياۋ ساۋاقداش ئايشەمنىڭ روھىي- ھالىتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايشەمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلشىپ بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بېقىشىنى ئېيتتى، نەتىجىدە ئايشەم يېرىم ئايغىچە مەكتەپكە قايتىپ كەلمىدى. بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولالمىغان يىن شۇياۋ ھەر تەرەپتىن ئايشەمنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئايشەمنىڭ سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئۇقتى ۋە دەرھال مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلىپ، ئايشەمنىڭ ئۈرۈمچىدە ياخشىراق داۋالىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئايشەم ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى.

   ساۋاقداشلار ئايشەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن بەس–بەستە پۇل ئىئانە قىلدى، يىن شۇياۋ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: «ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ ئايشەمگە قىلغان كۆڭلۈڭلارنى مەن قوبۇل قىلدىم، لېكىن سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى قوبۇل قىلالمايمەن، خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئايشەمنىڭ كېسىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلىمىز.» شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن مەكتەپتىكى مۇئەللىملەر ئىئانە توپلىدى. داۋالاش نەتىجىسىدە ئايشەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بارا-بارا ياخشىلاندى، ئۇ دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققان چاغدا، ئايشەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يىغلاپ كەتتى، بۇ كۆز يېشى مىننەتدارلىق يېشى، مۇھەببەتكە تولغان رەھمەت ياشلىرى ئىدى، ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ ئېرىشەلمىگەن غەمخورلۇققا ئوقۇتقۇچىدىن ئېرىشىپ، قىزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى.

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش

   گېڭ جىچۈن مۇئەللىمگە نىسبەتەن، ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى ئالمىشىپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۆزگەرمەيدىغىنى ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى، چۈنكى ئۇلار سانجى شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە شەكىللەنگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇھەببىتى، ساۋاقداشلىق، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىق رىشتى داۋام ئەتمەكتە ئىدى.

  

گېڭ جىچۈن(ئوڭدا) شەھىدە بىلەن پاراڭلاشماقتا

 شەھىدە كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى ئۆگەن كەنتىدىن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچى. ئۇ ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئادەتتە ئورنىغا سىيىپ قوياتتى، شەھىدەنى ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلىرى داۋالىتىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت دورا يېيىشكە شارائىتى يار بەرمىگەنىدى. گېڭ جىچۈن بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ ئۇلاردىن ياردەم سورىدى. ئۇ شەھىدەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى رەھبەرلىككە چۈشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن شەھىدەنىڭ كېيىنكى ئۈچ ئايلىق دورا راسخوتى ھەل بولدى، ئۇنىڭ كېسىلىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ساقايدى.

   ئىككىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلانغاندا شەھىدەنىڭ مەكتەپكە قايتىش بېلىتى ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەرز ئالغانلىقىنى بىلگەن گېڭ جىچۈن مەكتەپ رەھبەرلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. مەكتەپ شەھىدەنىڭ 500 يۈەن تۇرمۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى.

   مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ياكى ئۆگىنىش ئۈچۈن بولسۇن زادى قانچىلىك ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىگىنىنى بىلمەيدۇ.ئۇلار كىچىك بولغانلىقتىن تۇرمۇش پۇلىنى سىنىپ مۇدىرى بانكىغا بېرىپ ئېلىپ كېلىدۇ؛ پەسىل ئالماشقاندا ساۋاقداشلارغا كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى ھەر ئايدا بىر قېتىم بىر توپ بالىنى ئەگشتۈرۈپ بازارغا ئېلىپ چىقىدۇ؛ ھەر قېتىمقى ھېيت-بايرامدا، سىنىپ مۇدىرى ۋە تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى بالىلار بىلەن بىرگە بايرام ئۆتكۈزىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنمۇ بىرگە بولالمايدۇ. ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بارلارغا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرىدۇ، كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولسا ئىشتىن چۈشكەن ئوقۇتقۇچىلار چارچىغنىغا قارىماي دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلاپ ئۇلارغا قارايدۇ؛ ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتا قىينچىلىقى بولسا، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ئۆيلىرىدىن ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغلارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ.

   ئوقۇغۇچىلار مەيلى بۈگۈن قەيەردىن كەلگەن، مەيلى ئەتە قەيەرگە بارسۇن، مېھرىبان، سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، سەمىمىي غەمخورلۇقى، ماياك كەبى تەربىيەسى ئۆمۈر مەنزىلىدە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ، تەسىر كۆرسىتىدۇ، توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/11/content_608231.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号