باش بەت

خەۋەرلەر

3048يوللانما
12مەستانە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى خەت ئالاقىسى جەريانىدا پورەكلەپ ئېچىلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-12 17:50 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭلىق مىليونلىغان ھەرمىللەت بالا ئىچكىرىدىكى بالىلار بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىشتى

ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد

 2014 ـ يىلى ئىيۇلدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ھەرمىللەت بالىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىشىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىليونلىغان ھەرمىللەت بالىلىرى نەچچە مىڭ چاقىرىم نېرىدىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندا ھاياجانغا چۆمۈلدى. قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك بىلىنگەن بۇ خەتلەر دىللارنى تۇتاشتۇرۇشتا كۆۋرۈك بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى خەت ئالاقىسى جەريانىدا بارا ـ بارا پورەكلەپ ئېچىلدى.

 «كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىمىز»

 18 ـ مارت، كورلا شەھىرىنىڭ قوشئېرىق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپى 6 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈلزىبا تۇرسۇن ئاپىسى بىلەن بىللە ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەشتىلەپ چىققان يۈرەك شەكلىدىكى ياستۇق قېپىنى ئۆزى بىر يېرىم يىل بۇرۇن خەت يېزىشىپ تونۇشۇپ دوست بولۇشقان شىجياجۇاڭ شەھىرى يۈدۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 6 ـ يىللىق 3 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ رېنكۈنگە ئەۋەتىش ئۈچۈن چىرايلىق قاتلاپ، پوچتا يوللانمىسى خالتىسىغا سالدى.

 __ بۇ ياستۇق قېپى دوستۇمغا يوللىغان يۈرەك سۆزلىرىمنى، قەلبىمنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن، __ دېدى گۈلزىبا تۇرسۇن.

 2014 ـ يىلى سېنتەبىردە قوشئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئىچكىرىدىكى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن خەت ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ دوستلىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى يۈدۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ دوست مەكتەپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىشىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پىيونېرلار باش ئەترىتى يېتەكچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۈدۇڭ مەكتىپىدىكى ئوخشاش يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا خەت يازىدۇ. يۈدۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 ـ يىللىق 3 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ رېنكۈن گۈلزىبا تۇرسۇنغا جاۋاب خەت يازىدۇ، گۈلزىبا تۇرسۇنمۇ يەنە جاۋاب خەت قايتۇرىدۇ، تۇنجى خېتىدە گۈلزىبا تۇرسۇن ۋاڭ رېنكۈنگە ئۆز يۇرتىنى، يۇرتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى، مەكتىپىنى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن ئىككىسىنىڭ خەت ـ ئالاقىسى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلار دوست بولۇپ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرگە چوڭ بولۇشقا كېلىشىدۇ. بالىلار بايرىمى، چاغان، يېڭى ئوقۇش باشلانغان مەزگىللەردە بايرامنى تەبرىكلىشىدۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك باشلىنىشىنى تىلەيدۇ. يېزىنىڭ پوچتىخانىسى مەكتەپتىن يىراق بولغاچقا، گۈلزىبا تۇرسۇننىڭ خېتىنى ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىسى ئاپىرىپ سېلىپ بېرىدۇ. 2015 ـ يىلى چاغاندا گۈلزىبا تۇرسۇن ۋە ساۋاقداشلىرى دوستلاشقان مەكتەپتىكى ۋاڭ رېنكۈن قاتارلىقلار قىيىپ ئەۋەتكەن «12 مۆچەل» قىيما رەسىملىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ خۇشال بولۇشىدۇ ھەمدە ئۇنى سىنىپىنىڭ دېرىزىسىگە چاپلاپ قويىدۇ. ۋاڭ رېنكۈن يەنە گۈلزىبا تۇرسۇنغا ئايرىم خەت يېزىپ، دادىسى بازاردىن ئېلىپ بەرگەن قۇلۇلە قېپى زەنجىرىنى ئەۋەتىدۇ.

 __ قۇلۇلە قېپىدىن قىلىنغان زەنجىرنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، ئەزەلدىن بۇنداق زەنجىرنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كارىۋات بېشىمغا چىرايلىق ئېسىپ قويدۇم، شۇ يىلى مايدا مەن ۋاڭ رېنكۈنگە بادام، دوپپا ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۆز ئىسمىم يېزىلغان ئاتكىرتكا ئەۋەتتىم، __ دېدى گۈلزىبا تۇرسۇن، __ ۋاڭ رېنكۈن مەن ئەۋەتكەن بۇيۇملارنى ئېلىپ بەك خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ ماڭا دوپپا ماڭا بەك ياراشتى، مەنمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قالدىم، دېدى.

قوشئېرىق مەكتىپى يېزا مەكتىپى بولغاچقا، پوچتا ئالاقىسى سەل ئاستىلىقىنى، ئىككى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يۈدۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى پىيونېرلار باش ئەترىتى يېتەكچىسى ۋاڭ شانىڭ تەكلىپى بويىچە ئىككى مەكتەپ 2015 ـ يىلى مايدا «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرايلى» QQ توپىنى قۇرىدۇ، گۈلزىبا تۇرسۇن ۋە ۋاڭ رېنكۈن بۇ توپنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. گۈزەل مۇئەللىم ۋە ۋاڭ شا مۇئەللىم توپتا تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلىۋاتقان دەرس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، رەسىم سىزىش، ئۆرپ ـ ئادەت قاتارلىق تېمىلاردا، تاپشۇرۇقلار ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ، ئۆز يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى كارتىنىلىرىنى ئەۋەتىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

 2016 ـ يىلى يېڭى يىلدا ئىككى مەكتەپ بىرلىكتە «چوڭ بولۇش قەدىمى» تېمىسىدا يۈرۈشلۈك كىتاب تۈزۈپ، ئىككى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ۋاڭ رېنكۈن ۋە گۈلزىبا تۇرسۇننىڭ بىرنەچچە پارچە ئەسىرى كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار كىتابنى كۆرۈپ، ئارىلىقنىڭ شۇنچە يىراق بولسىمۇ، كۆڭۈللەرنىڭ شۇنچە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.

 __ ۋاڭ رېنكۈن بۇ يىل چاغاندا ماڭا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنىڭ چاغاننى تەبرىكلىگەن چاغدىكى سۈرىتىنى ئەۋەتىپتىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يېڭى يىلدا چۈشكەن سۈرىتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدىم، ئۇ يەنە مېنى شىجياجۇاڭدىكى ئۆيىگە كېلىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىپتۇ، __ دېدى گۈلزىبا ۋاڭ رېنكۈن ئەۋەتكەن سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، __ تۈنۈگۈن QQ دا مەن ئۇنىڭغا 21 ـ مارتنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمى ئىكەنلىكىنى، بۇ بايرامدا نورۇز ئېشى يەيدىغانلىقىمىزنى، ھەرخىل تەنتەربىيە، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتسام، ئۇ بايرىمىمنى تەبرىكلىدى، باشقا ساۋاقداشلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دوستلىرىنىڭ بايراملىق تىلەكلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

 ئىگىلىشىمچە، پەرزەنتلىرىنىڭ خەت ـ ئالاقە قىلىشىپ، دوستلۇقنى كۈچەيتكەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئاتا ـ ئانىلار پەرزەنتلىرىنى قىزغىن قوللىغان. نۇرغۇنلىرى مەكتەپكە كېلىپ، پىيونېرلار باش ئەترىتى يېتەكچىسى گۈزەل مۇئەللىمگە بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، گۈلزىبا تۇرسۇننىڭ ئاپىسىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاڭ رېنكۈننىڭ ئاپىسىغا تېلېفون بېرىپ ئەھۋاللاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئانىمۇ دوست بولۇپ قالغان.

 __ ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، كۆڭلىمىز شۇنچە يېقىن، دوستلۇقىمىز كۈندىن ـ كۈنگە كۈچەيمەكتە، بىز ئالاقە جەريانىدا ھامان بىر كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بىرگە چوڭ بولۇپ، ياخشى ئوقۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر سىنىپتا ئوقۇشقا، كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىشقا ۋەدىلەشتۇق، __ دېدى گۈلزىبا تۇرسۇن.

 يوپۇرماقتىن تارالغان مۇھەببەت

 ئاتۇش شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1 ـ يىللىق 6 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈلزۆھرە ئادىلجاننىڭ كارىۋات بېشىدا بىر قۇتا بولۇپ، قۇتىدا نەنجىڭ شەھىرىنىڭ يەنزىجى ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 1 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ رۈي ئەۋەتكەن تۆت پارچە خەت ۋە بىر دانە دەرەخ يوپۇرمىقى بار ئىدى.

 __ ۋۇ رۈي ماڭا كۈز كەلگەندە گىنكو دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ سېرىق رەڭگە كىرىدىغانلىقىنى، يەرگە كېپىنەكتەك ئۇچۇپ چۈشكەندە بەكمۇ چىرايلىق بولغانلىقىدىن ئادەمنىڭ دەسسىگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، __ دېدى 24 ـ مارت گۈلزۆھرە ئادىلجان.

 بۇ يوپۇرماقنى گۈلزۆھرە ئادىلجانغا ۋۇ رۈي 2015 ـ يىلى ئۆكتەبىردە يازغان خېتىدە ئەۋەتكەن بولۇپ، شۇ يىلى سېنتەبىردە گۈلزۆھرە ئادىلجان «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، خەت ئالاقە قىلايلى» پائالىيىتىدە ۋۇ رۇي بىلەن تونۇشقان.

 __ ۋۇ رۇي ماڭا نەنجىڭدىكى شۈەنۋۇ كۆلى، گۈلتەكچە قاتارلىق داڭلىق سەيلىگاھلارنى تونۇشتۇردى، مەن ئۇنىڭغا ئاتۇشنى تونۇشتۇردۇم. ئۇ ئەنجۈر قېقىغا ئامراق ئىكەن، لېكىن ئەنجۈرنىڭ ئاتۇشتىن چىقىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەن، خېتىم ئارقىلىق ئۇقۇپ، بەك خۇشال بولۇپ كەتتى، __ دېدى گۈلزۆھرە ئادىلجان، __ ۋۇ رۈينىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن، ئۆيدە ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ھەدىسى بىرگە تۇرىدىكەن. ئادەتتە ئۇ ئاتا ـ ئانىسى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىدىكەن. بىزنىڭ يېشىمىزدىكىلەر ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، مەن ئۇنى ئانامنىڭ مېھرىدىن بەھرىلەندۈرگۈم بار.

 گۈلزۆھرە ئادىلجاننىڭ ئاپىسى گۈلنۇر تۇردى ئاتۇش شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.

 __ مېنىڭچە، ئاپام ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، ئۇ ئۆگىنىش جەھەتتە ۋۇ رۈيگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، تۇرمۇش جەھەتتىمۇ كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ، ئانىلىق مېھرىنى بېغىشلىيالايدۇ دەپ ئويلايمەن، __ دېدى گۈلزۆھرە ئادىلجان، __ ۋۇ رۈي ئىككىمىز كۆرۈشۈپ، دىدارلىشىپ باقمىغان بولساقمۇ، مېنىڭ قەلبىمدە بىز يېقىن دوست، ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىمدە ئۇ ئەۋەتكەن خەت ۋە يوپۇرماقنى ئېلىپ قاراپ كېتىمەن.

<span Times New Roman','serif'; FONT-SIZE: 10.5pt; mso-bidi-font-size: 12.0pt; mso-fareast-font-family: 宋体; mso-font-kerning: 1.0pt; mso-ansi-language: EN-US; mso-fareast-language: ZH-CN; mso-bidi-language: AR-SA; mso-no-proof: yes" lang="EN-US">

 سۈرەتتە: گۈلزىبا تۇرسۇن (ئوتتۇرىدا) ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۆزلىرى يازغان خەتلەرنى كۆرسەتمەكتە.

ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/12/content_608470.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号