باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
155مەستانە

نېمە ئۈچۈن پۇلدارلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ تەقى-تۇرقى ئادەتتىكىچە؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-13 21:30 24 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

پۇلى كۆپ ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلىشقا تەقى-تۇرقى ئادەتتىكىچە ئاياللارنى تاللايدۇ، يېشى، ئوقۇش تارىخى، ئورتاق پاراڭ تېمىسى ۋە قىزىقىشى بولۇش-بولماسلىقىغا ئانچە كۆپ تەلەپ قويمايدۇ. بىراق، ئىقتىسادىي كىرىمى قانچە تۆۋەن بولغانلارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ تەقى-تۇرقى، ئورتاق پاراڭ تېمىسى بولۇش، بولماسلىقىغا بەكرەك قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىقتىسادىي كىرىمى بەلگىلىگەنمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

بەزىدە ئادەم يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالىدىغان ئىشلارنى ئاڭلاپ قالىدۇ. يەتكۈچە كۆڭۈل ئاغرىقى تارتقان، چىرايى خېلى يامان ئەمەس بىر قىز ئارزۇ-ئارمانلىرى يوققا چىققاندىن كېيىن: «مېنىڭ ئۇنىڭدىن كۆڭلۈم قالدى، ئەمدى پۇلدار بىرەرىگە ياتلىق بولسام بولغۇدەك!» دېگەن. ئۇنىڭ بۇنداق خىيالغا كېلىپ قېلىشى ناھايىتى نورمال. چۈنكى، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا تەقى-تۇرقى ئوتتۇراھال بولغان قىزلارمۇ نۇرغۇن بايۋەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىغا ئېرىشكەن. بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بېرىۋەرسە مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ئاجىز قىزلار ئاسانلا ئېزىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «بايۋەتچىلەر مېنىڭ يېنىمدىلا، پەقەت مەن خالىساملا رەسمىي تۈردە بايۋەتچىلەردىن بىرەرىنىڭ ئايالىغا ئايلىنىپ، بىر ئۆمۈر جاپا تارتماي ئۆتىمەن» دەپ خام خىيال قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باقايلى.

A. ئىقتىدارلىق كىشىلەر: 

ئىقتىدارلىق كىشىلەر پەقەت چىرايغىلا قارامدۇ؟ بۇ قارىشىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ! ئىلگىرى بىل گەيتىس زىيارەت قىلىنغاندا: «سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ ئاقىلانە قارارىڭىز مىكرو سوفتنى قۇرغانلىقىڭىزمۇ ياكى خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىڭىزمۇ» دەپ سورالغان. بىراق، بىل گەيتىس: «بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس. مېنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىم توي قىلىدىغان ئادىمىمنى توغرا تاللىغانلىقىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.

دۇنيا بويىچە 1-باي بېل گەيتىسنىڭ ئايالى مېلىندا ساھىبجاماللاردىن بولماستىن، بەلكى تەقى-تۇرقى ئادەتتىكىچە بىر ئايال. بېل گەيتىسنىڭ نەزىرىدە مېلىندا ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ھەمراھى، ئىش بېجىرىشتىكى قابىل ياردەمچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناھايىتى ۋاپادار، مۇلايىم، ئىتائەتچان، كەڭ قورساق.

پايچېك ئىلاھى باففېت: «مەن ياش ۋاقتىمدا ئىشتاتىمىز بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىزنى قوغلىشىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدىم. كېيىن مەن ئۇنىڭ 3 قېتىم توي قىلىپ، ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ناۋادا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام كەلگۈسۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم قارار قانداق ئادەم بىلەن توي قىلىش. ئۆمۈرلۈك ھەھراھ تاللاشتا خاتالاشسىڭىز نۇرغۇن زىيان تارتىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زىيان پەقەت مال-مۈلۈك بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ» دېگەن.

ئۇمۇ بېل گەيتىسكە ئوخشاشلا ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم قارارنىڭ نېمىگە مەبلەغ سېلىش ئەمەس، بەلكى قانداق ئادەم بىلەن توي قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بايۋەتچىلەر ئايالىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تاللىغان. ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ چىرايى، باشقىلارنى قانچىلىك جەلپ قىلالايدىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئەقلى، ئۆزى بىلەن قانچىلىك يولنى بىرلىكتە باسالايدىغانلىقىغا قارايدۇ.

ئىقتىدارلىقلار قاتلىمىدىكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسىغا بەكرەك قارايدۇ. نام-مەنپەئەت سورۇنىدا گۈزەل ۋە جەلپكار ئاياللار كەم ئەمەس. ناۋادا ئىقتىدارلىق كىشىلەر گۈزەل ئاياللارغا ئېرىشمەكچى بولسا ھەرخىل ھۆسن تۈزەش تېخنىكىلىرىدىن پايدىلانسىلا ئۆزى خالىغاندەك گۈزەل ئاياللارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. 

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئادەمگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ، مۇھەببەت بىلەن بەختنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ھەرقانداق ئادەم ھېچقانداق كۆڭلى يوق ئادەم بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرسا چوڭقۇر ھېسسىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ، ئۇزۇن مەزگىلدە شەكىللەنگەن ھېسسىيات ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. كىشىلەر دائىم مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋېلىپ، ئادەمدىكى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويىدۇ. مۇھەببەت بولسىلا نامراتلىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئادەتتىكىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا كۆنگىلى، كەڭ قورساق بولۇپ، فىزىئولوگىيەلىك ئىستەكلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەمدىكى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە ھېسسىياتقا سادىق بولۇش مەسىلىسى ئادەملەرگىلا باغلىق بولۇپ كەلدى، مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكى ئىسپاتلانمىدى.

B. بايلار: 

بايلار ئۇچراشقان ئادەملەر كۆپ، قاتناشقان سورۇنلىرى ھەرخىل، كۆزىتىش ئىقتىدارى زىيادە كۈچلۈك، تۈلكىدەك ھىيلىگەر بولىدۇ، ئىچىدىكىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانچە ساختىلىق ئىشلەتكەن بىلەنمۇ ئاقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتىكى قىزلار پەقەت ئۇلارنىڭ 2-1 قېتىملىق كۆڭۈل خۇشىلا بولىدۇ، خالاس. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بايلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرلا قېتىم توي قىلغان بولىدۇ، سىرتتا قانچىلىك ئويناپ-كۈلۈپ يۈرمىسۇن ھامان ئايالىغا سادىق بولىدۇ، بۇ نىيىتىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.

چۈنكى، 1. تۇنجى ئايالى بىلەن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئايرىلىپ كېتىش ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس.

2. ئاجرىشىش مال-مۈلۈكىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلغانغا باراۋەر. ئانچە-مۇنچە يول قويۇپ ئۆتسە داۋاملىق ئۆي تۇتقىلى بولىدۇ. 

3. ھېچنېمىسى يوق چىرايلىق قىز بىلەن توي قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى، ئەھمىيىتى يوق، قاملاشمايدىغان ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

4. ئاجرىشىشنى ئاتا-ئانا ۋە بالىلىرىنىڭ قوبۇل قىلالىشى ناھايىتى قىيىن.

C. بايۋەتچىلەر:

بايۋەتچىلەر كىچىكىدىنلا «ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك» غەم-ئەندىشىسىز، خاتىرجەم چوڭ بولىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەرخىل ئېھتىياجلىرىنى قىينالمايلا قاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار جورا تاللىغاندا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغاندىن باشقا، يەنە ئەقلىنى كۆپرەك ئىشقا سالىدۇ. مەسىلەن، ۋەندانىڭ بايۋەتچىسى ۋاڭ سىسوڭ تور چولپانلىرىنىڭ نۇرغۇنىنى ئەخمەق قىلغان، بىراق، ھېچقايسىسى بىلەن توي قىلمىغان. 

ئادەتتە، بايۋەتچىلەرنىڭ نىكاھ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ.

چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز بېشىمچى، شەخسىيەتچى، ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى ساپ نىيەت بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. 

ئۇنداقتا، بايۋەتچىلەر قانداق قىزلار بىلەن توي قىلىدۇ؟ ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ئۆزىنىڭكى بىلەن ماس كېلىدىغان، ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالىدۇ.

D. بىردىنلا بېيىپ كەتكەنلەر:

بىردىنلا بېيىپ كەتكەنلەر ساھىبجاماللار بىلەن توي قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار نامراتلىقتىن قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا باي بولغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئۆزىنىڭ داچىدا ئولتۇرالايدىغانلىقى، ئېسىل ماشىنا سېتىۋالالايدىغانلىقى، مەتو ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ، ساھىبجاماللار توي قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئالدىراپ كېتىدۇ.

ئۇلار پۇلى ئارقىلىق نەپسىنى ۋە روھىي دۇنياسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەمتۈك ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار توختىماي نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدۇ، يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئوينايدۇ، ھەرخىل ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ.....

بۇنداق بىردىنلا بېيىپ كەتكەن كىشىلەرگە ياتلىق بولۇش تولىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى ئۇلار پەقەت جىسمانىي ھوزۇرنىلا قوغلىشىدۇ، چەكلىمىسىز ھالدا يەپ-ئىچىپ، كۆڭۈل ئاچىدۇ، قارشى تەرەپنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئادەملەر بارا-بارا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتىۋېتىدۇ.

ۋال كوچىسىدا مۇنداق بىر ۋەقە تارقىلىپ يۈرگەن:

بىر سېرىق چاچلىق ساھىبجامال ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىگە بىر يازما چىقارغان: 

مەن بۇ يىل 25 ياش، ھۆسن-جامالدا پەرىزاتلاردىن قېلىشمايمەن، ساپايىم يۇقىرى. يىللىق كىرىمى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئەرلەر بىلەن توي قىلىشنى خالايمەن. بۇ مېنىڭ پۇلپەرەسلىك قىلغىنىم ئەمەس. نيۇيوركتا يىللىق مائاشى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغانلار ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەگە تەۋە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ بۇ تەلىپىمنى ئانچە يۇقىرى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. 

بۇ لايىق ئىزدەش ئېلانى چىقىرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

بىر پۇلدار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان:

مەن بىر سودىگەر، سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە تولۇق چۈشىمەن. بىراق، سىز بىلەن توي قىلسام بولمايدۇ. سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئادەتتىكىچە بىر سودىدىنلا ئىبارەت، خالاس. بۇ سودىدا بىر تەرەپ گۈزەل تاشقى قىياپەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپ شۇنىڭغا لايىق پۇل بېرىدۇ. بۇ سودا قارىماققا، ناھايىتى ئادىل ئېلىپ بېرىلغاندەك قىلىدۇ.

بىراق، بۇ يەردە مۇھىم مەسىلىدىن بىرى بار. سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقايدۇ. بىراق، مېنىڭ مال-مۈلۈكۈم سەۋەبسىزلا ئازلاپ كەتسە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ كىرىمىم يىلدىن يىلغا ئېشىشى مۇمكىن. بىراق، سىزنىڭ يىلدىن يىلغا چىرايلىقلىشىشىڭىز ناتايىن.

ئىقتىساد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ مۈلۈكۈمنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئاشىدۇ، بىراق، سىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدۇ. قىممىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بىر مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقىلانە تاللاش قىسقا مەزگىللىك ئىجارىگە ئېلىش، ھەرگىزمۇ ئۆمۈرلۈك سېتىۋېلىش ئەمەس. 

ھېسسىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز بىلەن توي قىلىش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندىنمۇ پۇلدار بىرەر ئادەم چىقىپ قالسا سىز دەرھال مېنى تاشلىۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كېتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، مەن سىزدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نىكاھ قانۇنى بويىچە مال-مۈلۈكۈمنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز بىلەن سودىلىشىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ.

يىللىق مائاشى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلار ھەرگىزمۇ بىر توپ كالۋالار ئەمەس. بىز پەقەت سىز بىلەن ئارىلىشىپلا قويىمىز، لېكىن توي قىلمايمىز. شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەككى، ئۆزىنى يىللىق كىرىمى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇش يىللىق كىرىمى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئەخمەققە يولۇققاندىن ياخشىراق!

باش سۈرەت تاللاش x
  • دېھقان7 ئاي ئىلگىرى

    كاتتا خەۋەركەن ماۋۇ ، پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرىكەن ، ئەقىللىق ئادەملەر ھەقىقەتەن باشقىچە جۇمۇ ، ئالىم لىرىمىزمۇ خۇتۇن تاللاشتا چىرايىغا قارىما دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىپ قالدۇرغان ، مانا ئەمدىلىكتە قارىساق ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئەقىللىق ، داڭلىق كىشىلەرمۇ شۇنداق قارايدىكەن ، دىمەك يۇلىمىزدىن ئازماي ماڭساق بەك توغرا قىلغان بۇلىدىكەنمىز ! بۇ خەۋەرنى چەمبىرەككە چىقاغۇدەكلا ئېسىل خەۋەر بوپتۇ ، تەھرىرلىرىمىزگە رەخمەت !

  • تىمتاس7 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى مەزمۇن ئىكەن، بىر تورداش قىز دوستى بىلەن بولغان ئىشنى سۆزلەپ ئۇتۇپتۇ، بەلكىم سىزمۇ ئۇنى قىپ بەدىم بۇنى قىپ بەردىم دىگەنسىز، شۇڭا ئايرىلىپ كەتكەندۇ، ۋە ياكى باشقا ،بىرنى تېپۋالغاندۇ، مىنىڭچە مەيلى ئۇغۇل بولسۇن قىز بولسۇن، قارشى تەرەپ بىلەن توي قىلماي تۇرۇپ بارلىقىنى ئاتۋىتىش ياخشى ئىش ئەمەس، بۇ يەدە مۇنداق بىر سۆز ئىسىمگە كەپ قالدى ، ھەممىسى سەن ئۈچۇن دىگەنلەرگە ھەرگىز ئىشەنمە ،ئەمىليەتتە ھەممىسى ئۆزى ئۈچۇن ، چۈنكى ئۆزى خالىمىسا شۇ ئىشلارنى قىلارمىدى،

  • ئۆتكۈر7 ئاي ئىلگىرى

    مىنى تۇنىدىڭما نۇرداش، مەنچە سىزنىڭ بۇ ئىشلىرىڭىز بەكلا بىمەنە ئىكەن،بۇنى سۆزلىگەن سىزمۇ شۇ.بۇ تېما بىلەن سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنىڭ باغلىنىشى بەكيېقىنمۇ ئەمەس،شۇنداقلا بۇنى سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئارتۇقچە.

  • ھەكىمە7 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا ياخشى مەزمۇن ئىكەن، ساقلاپ قويۇپ پايدىلانغىدەك،

  • كوكيارلىق7 ئاي ئىلگىرى

    يازغان جاۋابى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ...

  • گېتلېر7 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى تىمىكەن قىزلارمۇ ئىشىۋالمىسا تەلەپنى يۇقىرى قۇيىۋالماي مەنمۇ ئادەم دەپ ئويلاپ قويسا بولىدۇ

  • ھۆكۈما7 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە ئاياللارنى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ، بىرنچىسى توي قىلدىغان ئايال سۈپىتى - ساداقەتمەن ، مۇلايىم ،كەڭ قورساق ، ئەققلىق ، جاپادا ۋە ھالاۋەتتە بىر خىل تۇردىغان ئۆزگەرمەيدىغان ، چىراي بەك سەت بولۇپ كەتمىسمۇ مىھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىق چىقىپ تۇردىغان ئۇلار سۇغا ئوخشايدۇ ،كۈندە كىرەك ئىچىمىز زىرىكمەيمىز
    ئىككىنچىسى مۇھەببەتلىشىپ قويدىغانلار بۇلارنىڭ سانىنىڭ چىكى بولمايدۇ ، قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى ئەلۋەتتە بۇ يىگىتلىرىمىنىڭ قابىلىيتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ، سەل دۆترەك بولسامۇ ،ھىچقىسى يوق ، بۇلار چوقۇم چىرايلىق بولشى شەرت ، ئەمما ئۇلار ھەسەلدەك كۈندە ئەمەس كۈنىدە بولسىلا بولدى قەتتى ئىلىشقا بولمايدۇ

  • ئازات-A Z A T7 ئاي ئىلگىرى

    راستىلام تەربىيى ئەھمىيتى با خەۋەركەن .

  • ئويلان7 ئاي ئىلگىرى

    بىر كىتاب ئوقۇغاندەك بولدۇم ،رەھمەت

  • كەچمىش7 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئىكەن ،ھازىرلا چەمبىرەككە چىقىرىپ پۇلپەرەز قىزلارنى سەگىتىپ قۇياي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号