باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

كىچىكىدە تاشلىۋېتىلگەن مېيىپ بالا چوڭ بولۇپ باي بولغاندا ئۆز ئاتا-ئانىسى ئىزدەپ كەلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-07-16 16:02 22 ئىنكاس چۈشتى

تاغلىق رايونغا جايلاشقان بىر چەت-ياقا كەنتتە ياشايدىغان شياۋيۆ ئىسىملىك ئايالنىڭ توي قىلغىنىغا ئۇزاق بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىغان. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن شياۋيۆ نۇرغۇنلىغان غەربچە جۇڭگوچە دورىلارنى يەپ كۆرگەن بولسىمۇ يەنىلا قورساق كۆتۈرمىگەن.

بىر كۈنى ئەتىگەندە، شياۋيۆ بازارغا كۆكتات سېتىۋالغىلى كېتىپ بېرىپ كەنت ئېغىزىغا كەلگەندە بىر توپ كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ بېرىپ قارىسا ئۇ يەردە تۇغۇلغىنىغا تېخى نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەتراپتىكىلەردىن بۇ بوۋاقنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى سورىغان. كەنتتىكىلەرمۇ بۇنى ئۇقمايدىغانلىقىنى دېيىشكەن. بوۋاقنىڭ يىغلاۋېرىپ گېلىنىڭمۇ پۈتۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن شياۋيۆ دەرھال بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قۇچىقىغا ئالغان. بوۋاقمۇ ئاستا-ئاستا يىغلاشتىن توختىغان. بۇ چاغدا كەنتتىكىلەر شياۋيۆگە: «شياۋيۆ، سېنىڭ بالا بېقىۋالغۇڭ بار ئىدىغۇ؟ بولمىسا مۇشۇ بالىنى بېقىۋالمامسەن؟» دېيىشكەن. بۇ گەپلەر شياۋيۆگە تەسىر قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋيۆ بۇ بالىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بالىنى بېقىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن.

شۇنداق قىلىپ، شياۋيۆ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قايتقان، ئۆيىدىكىلىرى شياۋيۆنىڭ بىر ئوغۇل بوۋاق كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولغان. چۈنكى شياۋيۆنىڭ يولدىشىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىك، قېيىنئانىسىنىڭ بۇرۇنلا بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. شياۋيۆ بوۋاقنى ئۆيگە ئەكىرىپ ئۇنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرماقچى بولغاندا توساتتىن بوۋاقنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارلىقىنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شياۋيۆنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇنى كۆرۈپ بوۋاقنى دەرھال كەنت ئېغىزىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتقان. بىراق شياۋيۆ قەتئىي ئۇنىمىغان. ئۇ چوڭ بولغاندا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان.

نەچچە كۈندىن كېيىن، شياۋيۆ بوۋاقنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈشكە ئەكەلگەن. دوختۇر ئۇنىڭغا بالىنىڭ تۇغما سۆڭەك تولۇق يېتىلمەسلىك كېسىلنىڭ بارلىقىنى، يەنى بالىنىڭ تۇغما مېيىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شياۋيۆ بۇ گەپلەرنى ئۆيىدىكىلىرىگە ئېيتقاندا ئۆيىدىكىلىرى ئۇ يەنە بىر قېتىم بالىنى كەنت ئېغىزىغا ئاپىرىپ قويۇشقا نەسىھەت قىلغان. بىراق شياۋيۆنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بالىغا باشقىچە مېھرى چۈشۈپ قالغاچقا بالىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان. ئۇ ئۆيىدىكىلىرىگە قايتا-قايتا بۇ بالىنى بېقىۋېلىشىغا ماقۇل بولۇشنى ئۆتۈنۈپ ئاخىرى ئۇلارمۇ ئامالسىز ماقۇل بولغان. 

شۇنىڭدىن كېيىن شياۋيۆ بالىغا رېن سوڭ دەپ ئىسىم قويغان، بالا شياۋيۆنىڭ كۆيۈمچانلىق بىلەن بېقىشى ئاستىدا بارا-بارا چوڭ بولۇشقا باشلىغان. رېن سوڭ پىسخىكىسى ناھايتى ساغلام چوڭ بولغان بولۇپ، پەقەت يول ماڭغاندا سەل ئاقسايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما مېيىپ ئىكەنلىكىنى ھەم تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق ئىكەنلىكىنى، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى شۇنداق جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى بىلگەچكە مەكتەپتە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانىسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلىغان.

رېن سوڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سالامەتلىك مەسلىسى سەۋەبلىك ئىش تاپمىقى تەسكە توختىغان. كېيىن ئۇ شەھەردىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ شۇ يەردە يۇمشاق دېتال ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. رېن سوڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كېيىن يەنە ئۆزى يۇمشاق دېتال ياساشنى ئۆگەنگەن ھەم قول ئاستىدا ئون نەچچە خادىم ئىشلىتىپ قىسقىغىنا نەچچە يىل ئىچىدە مەبلىغىنى نەچچە ئون مىليونغا كۆپەيتكەن. 

رېن سوڭ پۇل تاپقاندىن كېيىن يەنە تېخى تويمۇ قىلغان ھەم ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بالىسى ناھايتى ساغلام تۇغۇلغان.

بۇ چاغدا رېن سوڭ ئۆزىنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىغا: «سىلەر مېنى باقىمەن، چوڭ قىلىمەن دەپ نەچچە يىلدىن بېرى جاپا چەكتىڭلار، مەن سىلەرنىڭ ماڭا قىلغان ئەجىرىڭلەرگە مىڭ ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرىمەن، سىلەر مېنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام!» دېگەن.

بىر ئايدىن كېيىن رېن سوڭ خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇلارنى يوقلىغىلى كەلگەندە توساتتىن ئۆيگە ئىككى ناتونۇش ئەر-ئايال كىرىپ كەلگەن. ئۇلار رېن سوڭنى كۆرۈپ ياش تۆككىنىچە ئۇنىڭغا بىز سېنىڭ ئۆز ئاتا-ئاناڭ دەپ، ئۇنىڭغا شۇ چاغدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە باشلىغان. رېن سوڭ ئۇلارنىڭ گىېىنى ئاڭلاپ بولۇپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچچىقىدا ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تالاغا تاشلىۋېتىپ ھەم ئۇلارغا ئەينى ۋاقىتتا مېنى مېيىپ دەپ بوۋاق ۋاقتىمدىلا تاشلىۋەتكەن تۇرساڭلار، ئەمدى مەن چوڭ بولۇپ باي بولغاندا ئىزدەپ كېلىشتىن نومۇس قىلمامسىلەر! سىلەرگە دەپ قوياي، سىلەر مېنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيسىلەر! دەپ بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

ئۇلار رېن سوڭنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي ئاخىرى بولماي كېتىپ قالغان. رېن سوڭ شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە بەختىيار تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • دوسلۇق4 ئاي ئىلگىرى

    مېنىڭچە نامسىزنىڭ قىلغىنى توغرا.

  • نامسىز4 ئاي ئىلگىرى

    ئوغۇل بالىدەك ئىش قىپتۇ ،خو
    ياش چاغدامىيىپ دەپ تاشلىدى ،قېرىغاندا چاپاق كۆزنى ياشلىدى ،دەمدۇق مانى
    ھا ھا ھا

  • مەتقادىر4 ئاي ئىلگىرى

    چوڭ بولغاندا ئىزدەپ كەلگەن ئاتىنىڭ ئاغىزىغا توپا تىقىش كېرەك،
    شۇ ئاتالمىش ئاتا سېنى باشقىلار يېتىم ئوغلاق دەپ ھاقارەت قىلىۋاتقاندا نەدىكەن؟ ھېيتتا بالىلار يانچۇقلىرىغا لىق پۇل سېلىپ پىچىنىلەرنى ئېلىپ چايناۋاتقان چاغدا شۇ ئاتا نەدىكەن؟
    كېچىلىرى سوغۇقتىن توڭلاپ ئويغىنىپ كەتكەندە شۇ ئاتا نەدىكەن؟
    ئەپ ئۆتۈڭ دەپ كەتكىننى تېخى،ھەر قايسىڭ ئاتاڭدىن ئايرىلىپ باقمىغان شۇڭا شۇنداق دېيشىسەن
    نېمىشقىكىن ئۆگەي ئاتا دېگەن گەپنى ئاڭلىسام يۈرىكىمدە باشقىچە بىر ئىللىق سىزىم بولىدۇ

  • نىجات4 ئاي ئىلگىرى

    نامسىز بۇرادەر بەلىكىم سىېنىڭ قىلغانلىرىڭىز توغرىدۇ ياكى خاتادۇ ئ‍ەممە تومۇرۇڭدا ئ‍ېقىۋاتقىنى شۇ ئ‍ادەمنىڭ قېنى سېنى بۇ دۇنياغا ئ‍اپىرىدە بولۇشقا شۇ ئ‍ادەم سەۋەپچى بولغان بۇ ئ‍ۆزگەرمەس ھەقىقەت ئ‍ەينى ۋاقىتلاردا بەلكىم دادڭغىمۇ ئ‍امال يوقتۇ ياكى باشقا سەۋەپ بادۇ

  • بىلال4 ئاي ئىلگىرى

    كىچىكىدە تاشلىۋەتكەن ئادەمنى ئىزلىمەسلىك كىرەك پىسخىكىسى ياخشى كىشىلەر ئوزىنى ئارتۇقچە كورۇپ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قاغان كىشىلەرنى دادا دەپ چاقىرمايدۇ ئەڭ ياخشى ئوچ ئىلىش سىزنى ئەزەلدىن مۇھىم بىمىگەن كىشىلەرنى سىزمۇ مۇھىم دەپ بىلمەڭ

  • جەسۇر4 ئاي ئىلگىرى

    نامسىز بۇرادەر توغرا قىپسىز لىكىن ئوز ئاتىدىنمۇ تىنىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئاكىنىڭ تاغىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىشىپ ئوتۇڭ،،،

  • نامسز4 ئاي ئىلگىرى

    توپ خۇمار لكن ئۆز دادامغا قلچلك مۇھەببتم يوق مەن ۋاپاسزمۇ
    ھازرقى دادامغا پۈتۈن دۇنيانى تەڭ قلمايدىغان يۈلەنچۈكۈم

  • يارمەمەت.4 ئاي ئىلگىرى

    قۇچاقلا ، ئۇ سېنىڭ داداڭ.ئۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تۇغرا قىپتۇ بالا دىگەن خالىسا تاشلاپ قۇيۇپ خالىسا تىپىۋالىدىغان قۇنچاق بۇلمىسايە

  • top humar4 ئاي ئىلگىرى

    نامسىز بۇرادەر،مىنىڭمۇ بىر نەۋرە ئاكام مۇشتا ئىشقا ئۇچىرغان،ئەگەر ئۇ داداڭ بىلەن تۇنۇشلۇق بىرشىپ ئۆتسەڭ ھازىرقى داداڭ راس بەك ئازاپلىندۇ،يەنە بىر ياققا قارساڭ ئۆش داداڭ،مىنىڭچە تۇنۇشلۇق بەرسەڭ بۇلدۇ،لىكىن ئارلىقنى چۇقۇم ساقلا،مۇشتا قىساڭ ھازىرقى داداڭمۇ توغاا چۈشندۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号