باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8801يوللانما
427مەستانە

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېقىن تۇغقانلار تويلىشىشتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-07-17 09:15 12 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا 2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاركو ئىسىملىك بىر بالا تۇغما غەيرى شەكىللىك بولۇپ، تەقى-تۇرقىمۇ ئاجايىپ كۆرۈمسىز بولغاچقا، شۇ جايدىكىلەر تەرىپىدىن ئەڭ سەت ئادەم دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ دادىسى ئۆزىدىن 6 ياش چوڭ نەۋرە ئاچىسى بىلەن توي قىلىپ، ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان.

ئاركونىڭ يۈز شەكلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىشىدىن باشقا يەنە دۈمبىسىمۇ باشقىچىلا بولۇپ، قاراشتىنلا نورمال ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ھىندىستاندىكى 14 ياشلىق ئەلى ھۈسەيىننىڭ چېچى شالاڭ بولۇپ، چىرايىمۇ بوۋايلارغىلا ئوخشايتتى. بۇمۇ دەل يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ياتلىق بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئە ئىدى.

تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، دۇنيادىكى بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 80 كىشىنىڭ ئىچىدە 6سى دەل مۇشۇ ئائىلىدىن چىققان.

بېنگالدىكى Bayezid Hossain ئىسىملىك 4 ياشلىق بالا بالدۇر قېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، چىرايىمۇ بوۋايلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئۇنىڭ چىرايى بوۋايلارغىلا ئوخشاپلا قالماستىن يەنە تېخى ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بەل-پۇت ئاغرىش، قۇلاق ئاڭلىماسلىق، چىشى چۈشۈش، ئورنىغا سېيىپ قويۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار.

خۇنەن خېڭياڭ شەھىرى يەنفېڭ رايونى خۇاڭبەي يولىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىكلەر رايونىدا كۇاڭ فامىلىلىك ئەر-ئايالمۇ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار بولۇپ، توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى، بىراق بالىنىڭ قاپقارا تېرىسى ھەم يىرىك ھەم قوپال بولۇپ، دەرەخكە يامىشىشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر ئۇنى غەلىتە ئادەم دەپ چاقىرىشىدىغان بولدى.

خۇبېي ئۆلكىسى جىڭمېن شەھىرى جوڭشياڭ شەھىرى شىمالىدىكى ياڭشىن بازىرىدا 94 ياشلىق چېن شيۇيىڭ 15 يېشىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ «ئىگە» بولۇشى بىلەن ئۆزىدىن 6 ياش چوڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز ئۈچ پەرزەنتكە ئانا بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىپالق يامغۇر2 ئاي ئىلگىرى

    شۇ توي قىلغان بىر نەۋرە قىز يىگىتنى كىچىك ۋاختىدا بىر ئانا يەنە ياكى قىزنىڭ ئانىسى ياكى ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئىمىتىپ قالغان بولسا يەنى ھازىرقى ئەر ئايال بىر ئانىنىڭ سۇتىنى ئەمگەن بولسا تۇغۇلغان بالا كوپىنچىسى شۇنداق بولىدىكەن مەن شۇنداق نەۋرىنى نەۋرىگە چاتقان كىيىن شۇنداق مىيىپ تۇغۇلغان باللارنڭ چوڭ دادا چوڭ ئانىسىدىن بۇلارنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى ئىمىلداش دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم

  • مىسسى مەستانىسى2 ئاي ئىلگىرى

    ئامال يوق قىزلارنىڭ ھالا يوغان بەلكىم مۇشۇلامۇ لايىھ تاپالماي بۇلغام ئىش، بولغاچقا ئاشتياھ بۇلدۇ ئاتا ئانىلللىرى ئۇرۇھ تۇققانلىرنىڭ باللىرنى بىرسى بىرسىگە چاتىدۇ، ئەھۋال مۇشتاھ بۇلدۇ ھەممىڭلاغا دىمدىمقىزلا بەزەن مۇشتاغلاغا

  • دوللار2 ئاي ئىلگىرى

    بەزەنلەرنىڭ ئىنكاسىىغا قارىغاندا يېقىن تۇققانلاردىن توي قىلسا ياخشى بۇلمايدىكەندە ،

    مىنىڭ دادامنىڭ جەمەتلىرىنىڭ كۈپۈنچىسى بىر - بىرى بىلەن نەۋرە ساناپ كەلسەم 5 ئائىلە چىقىدۇ . ھىچ بىر قايسىدا نۇرمالسىزلىق مەۋجۇت ئەمەس . بۇنى بۇنداق چۈشەنسەك توغرا بولمايدۇ .

  • ئاكاڭ قارىغاي2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمەليەتتە مىنىڭ ئانام بىلەن داداممۇ بىر نەۋرىلەر، مەن ۋە ئىككى سىڭلىمنىڭ ھىچقايسىسىدا نورمالسىزلىق يوق، ھەتتا ھەممىمىز سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردىكىلەر

  • يالغۇز2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇلار نەۋرە تۇققاندىن يېقىن بولسا كېرەك مىنىڭ ئەتراپىمدىمۇ نۇرغۇن نەۋرە تۇققانلار توي قىلغان ئىش با لىكىن پەرزەنتلىرى نورمال ئاددىسى مىنىڭ بىر سىڭلىممۇ غەيرى تۇغۇلۇپ قالغان لىكىن بىچارە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيلا تۈگەپ كەتتى ئاتا ئانام بىر بىرسى بىلەن تۇققان ئەمەس بولمىسا

  • سەردار2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىمۇ ئاپام نەۋرە سىڭلىڭنى ئالىسەن دەپشۇنچە زورلىغان مەن قەتتىي قارشى تۇرۇپتىكەنمەن توغرا ئىكەن

  • ئوغۇز2 ئاي ئىلگىرى

    توۋا مانداق ئىشلاغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن

  • رەيھان2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ يولدىشىم بىلەن بىر نەۋرە تۇققان .4بالامنىڭ ئىككىسىمۇ مىڭە پارالىشىش كىسىلى ،بۇ چاغدا ئاجرىشىپ كەتكىلى بولمىسا يە، ئەڭ ياخشىىسى باشتا دىققەت قىلغان تۈزۈك،

  • ئۈمىد2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەندە شۈكرى دىيىشتىن باشقىسى يوق

  • قارا كۆز2 ئاي ئىلگىرى

    بۇرۇن دىيارىمىزدىمۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ ئىدى،ھىلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت يىقىن ئارا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تۇي قىلىشىنى چەكلەپ ئالدىنى ئالمىغان بۇلسا بۇنداق كىشەر جەمىيەتكە يۈك بۇلىتى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号